يېشىل تىنچلىق تەشكىلاتى: قەشقەر خىتايدا ھاۋاسى ئەڭ بۇلغانغان 3 شەھەرنىڭ بىرى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2015.04.23
qeshqer-tumen-deryasi-bulghinish-1.jpg كۈنسېرى ئازىيىپ قۇرۇشقا باشلىغان ۋە ئېغىر دەرىجىدە بۇلغانغان تۈمەن دەرياسىنىڭ قەشقەر شەھىرىدىن ئۆتكەن بۆلىكى.
Qeshqer sheher tori

مەركىزى بېيجىڭدىكى شەرقىي ئاسىيا يېشىل تىنچلىق تەشكىلاتىنىڭ دوكلاتىدا كۆرسىتىشىچە، خىتايدىكى 367 شەھەر ئىچىدە ھاۋاسى ئەڭ بۇلغانغان ئالدىنقى 3 شەھەر خېبېيدىكى پولات تۆمۈر سانائەت مەركىزى باۋدىڭ شەھرى، يىپەك يولىدىكى قەدىمىي شەھەر قەشقەر ۋە خېبېيدىكى يەنە بىر سانائەت مەركىزى شىڭتەي شەھەرلىرىكەن.

مەزكۇر دوكلات خىتاي دۆلەتلىك مۇھىت قوغداش ئىدارىسى تەمىنلىگەن 2015-يىلنىڭ دەسلەپكى چارىكىدىكى ھەر قايسى شەھەرلەرنىڭ ھاۋا ئەھۋالىغا دائىر سانلىق مەلۇماتىنى ئاساس قىلىپ تەييارلانغان. دوكلاتتا كۆرسىتىشىچە، يۇقىرى شەھەرلەرنىڭ 90% نىڭ ھاۋاسى خىتاينىڭ مەملىكەتلىك نورمال ھاۋا ئۆلچىمىگە توشمايدۇ.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەملىكەتلىك نورمال ھاۋا ئۆلچىمىدە، شەھەرلەرنىڭ ھەر كۇب مېتىر ھاۋا تەركىبىدىكى مپ2.5 ناملىق زەھەرلىك چاڭ-توزان مىقدارى 34 مىكروگرامدىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك. لېكىن خەلقئارا ئۆلچەم تېخىمۇ قاتتىق بولۇپ، 24 سائەت ئىچىدىكى مپ2.5 نىڭ ھەر كۇب مېتىر ھاۋادىكى مىقدارى 25 مىكروگرام بىلەن چەكلىنىدۇ. لېكىن يېشىل تىنچلىق تەشكىلاتىنىڭ دوكلاتىدا كۆرسىتىشىچە، خىتايدىكى 360 شەھەرنىڭ ھاۋاسىدىكى زەھەرلىك چاڭ-توزان 66 مىكروگرامغا يەتكەن.

قەشقەر شەھرى چوڭ سانائەت مەركىزى ئەمەس. قانداق ئامىل سانائەت مەركەزلىرىگە يىراق بۇ باياۋاندىكى بۇ شەھەرنىڭ ھاۋاسىنى خىتايدىكى ئەڭ بۇلغانغان 3 شەھەرنىڭ بىرىگە ئايلاندۇرۇپ قويدى؟ بەزى ئانالىزچىلارنىڭ قارىشىچە، قەشقەرنى ئېچىش كۆلىمى ئۇنىڭ تەبىئىي كۆتۈرۈش ئىقتىدارىنى ھالقىپ كەتكەن.

بۇنىڭدا يېڭى سانائەت رايونلىرىنىڭ قۇرۇلۇشى، نوپۇسنىڭ ئارتىشى، نامۇۋاپىق شەھەرلىشىش، سۇنىڭ قىسلىقى، تۇپراقنىڭ خورىشى، چۆللىشىش قاتارلىق ئامىللار رول ئوينىغان.

يەرلىك ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ قەشقەرنىڭ ھاۋاسىنى ياخشىلاشقا دائىر قانداق پىلانى بارلىقى مەلۇم ئەمەس. لېكىن ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق ئىقتىسادشۇناس خې چىڭليەن خانىم، جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ قەشقەردە تەرەققىيات بىلەن مۇھىتنىڭ مۇناسىۋىتىنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭ كۆرسىتىشىچە، ئەڭ مۇۋاپىق يول ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئۆزىگە خاس تەرەققىيات يولىدا مېڭىشىغا يول قويۇشتۇر.

خې چىڭليەن مۇنداق دېدى: ئاز سانلىق مىللەتلەر رايونلىرىنىڭ ئىقتىسادى تەرەققىيات مەسىلىسىدە مېنىڭ قارىشىم مۇنداق، ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىنىڭ ئۆزىگە مۇۋاپىق تەرەققىيات ئۇسۇلىدا مېڭىشىغا يول قويۇش. ئېھتىمال بۇنىڭدا توقۇنۇشلار ئازىيىدۇ. ئېكولوگىيىلىك مۇھىت ياخشىلىنىدۇ. شىنجاڭدا نوپۇسنىڭ ئولتۇراقلىشىشى ناھايىتى كەڭ تارقالغان. ئۇ جۇڭگوغا ئوخشاش سانائەت ئىشلەپچىقىرىشىغا مۇۋاپىق كەلمەيدۇ. ئەگەر سىز مەلۇم ئورۇندا شەھەر قۇرسىڭىز نەچچە يۈز چاقىرىمغىچە ئادەم يوق.

شۇڭا، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ تۇرمۇشى ئۇسۇلى ئۆزىنىڭ مۇھىت-ئېكولوگىيە، تەبىئىي شەرت-شارائىتىغا قاراپ نەچچە يىل يىلدا شەكىللەنگەن. ئەگەر جۇڭگونىڭ ئىچكى رايونلىرىنىڭ تەرەققىيات شەكلىنى بۇ رايونغا كۆچۈرۈپ كەلسە، توقۇنۇشنى زورايتىپلا قالمايدۇ. بەلكىم يەنە، ھازىرقىغا ئوخشاش مۇھىتنى بۇلغايدۇ. شۇڭا، شىنجاڭدا يەنىلا يەرلىك ئاز سانلىق خەلقنىڭ ئۆرپ-ئادىتى، تارىخىي ئەنئەنىسىگە ھۆرمەت قىلىپ، ئۇلارنىڭ تارىخىي ئالاھىدىلىكىگە قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا يول قويۇش ئەڭ ئاقىل چارە.

لېكىن خې چىڭليەننىڭ كۆرسىتىشىچە، خىتاينىڭ بۇ رايونغا كۆپلەپ مەبلەغ سېلىشى پۈتۈنلەي ئىقتىسادى ئامىلنى كۆزدە تۇتقان ئەمەس. ئۇ، بىراق خىتاينىڭ بۇ خىل مەبلەغ سېلىش كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان باشقا ئاقىۋەتلەرنى ئويلاشمىغانلىقىنى بىلدۈردى.

خې چىڭليەن، «جۇڭگو كۆپلەپ مەبلەغ سېلىشتا ئۇ پۈتۈنلەي ئىقتىسادى ئامىلنى كۆزدە تۇتمىغان. ئۇ بەلكىم، سىياسىي ئامىللارنى ئويلاشقان بولۇشى مۇمكىن. مەن بايام ئېيتقاندەك ئۇ سىلەرنىڭ شىنجاڭدا پاختا توقۇمىچىلىق بازىلىرىنى قۇرۇشتا سىياسىي ئامىللارنى ئويلاشقان بولۇشى ئېھتىمال. ئۇنىڭ مەقسىتى بەلكىم ئۇيغۇر-خەنزۇ ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتنى پەسەيتىپ، ئۇيغۇرلاردىكى ئىشسىزلىقى مەسىلىسىگە ياردەم قىلىش بولۇشى مۇمكىن. لېكىن ئۇ جۇغراپىيىلىك شارائىت ۋە باشقا ئىجتىمائىي قىيىنچىلىقلارنى ئويلاشمىغان. شۇڭا، بۇ پىلان ئۇ ئويلىغاندەك بولمايۋاتىدۇ» دەپ كۆرسەتتى.

يېشىل تىنچلىق تەشكىلاتى بۇ يىل 2‏-ئايدا ئېلان قىلغان باشقا بىر دوكلاتىدا خىتاي دائىرىلىرىنى ئاگاھلاندۇرۇپ، خىتايدىكى 31 ئۆلكە، ئاپتونوم رايوننىڭ مەركىزى شەھرى ۋە ئۆلكە دەرىجىلىك شەھەرلەردە ھاۋادىكى بۇلغىنىش سەۋەبلىك100 مىڭ ئادەمنىڭ 90 نەپىرى ئەجەلسىز ئۆلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ھاۋا بۇلغىنىشى ئېغىر بەزى شەھەرلەردە بولسا ئۆلۈش نىسبىتى 137 گە يېتىپ بارىدىغانلىقىنى كۆرسەتكەن ئىدى.

خې چىڭليەن خانىم، خىتايدىكى بۇ خىل ئېغىر ھاۋا بۇلغىنىشىنى ئۇنىڭ تەرەققىيات شەكلى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ مۇنداق دېدى: جۇڭگو مۇھىت ۋە ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ ھەققىنى قۇربان قىلىشتەك بىر خىل تەرەققىيات يولىدا ماڭدى. بۇرۇن ئالدىن تەرەققىي قىلىش، كېيىن تۈزەش، دەيدىغان بىر شوئار بار ئىدى. بۇ دېگەن ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرغاندا مۇھىت ۋەيرانچىلىقىغا ئالدىراپ كەتمەسلىك، دېگەنلىك، كېيىنرەك تۈزۈۋالساق بولىدۇ، دېگەنلىك ئىدى. مۇھىت مەسىلىسى 1990-يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرىغا كەلگەندە ئىنتايىن ئېغىر مەسىلىگە ئايلاندى. شۇنىڭ بىلەن مۇھىتنى قوغداش شوئارى ئوتتۇرىغا قويۇلۇشقا باشلىدى. ئىقتىسادنى تەرەققىي قالدۇرغاندا مۇھىتقا دىققەت قىلىش، دېگەن. بىراق بۇ ھېچقاچان ئىجرا قىلىنمىدى.

شەرقىي ئاسىيا يېشىل تىنچلىق تەشكىلاتى بۇ قېتىم يەنە، خىتايدا ھاۋاسى ئەڭ پاكىز شەھەرلەرنىڭ تىزىملىكىنى تۇرغۇزۇپ چىققان. لېكىن دىققەت قىلارلىق تەرىپى شۇكى، خىتايدىكى ھاۋاسى ئەڭ پاكىز 3 شەھەرنىڭ بىرى ئوخشاشلا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىكەن.

يېشىل تىنچلىق تەشكىلاتى، تىبەتنىڭ لىنجى شەھرى، يۈننەننىڭ لى جياڭ ۋە ئۇيغۇر ئىلىنىڭ ئالتاي شەھىرىنى ھاۋاسى ئەڭ پاكىز ئالدىنقى 3 شەھەر، دەپ بېكىتكەن.

خەلقئارا يېشىل تىنچلىق تەشكىلاتى ئىلگىرى خىتاينىڭ غۇلجا، شەرقىي جۇڭغار، قۇمۇل قاتارلىق جايلاردا قۇرۇشنى پىلانلىغان كۆمۈرنى گازغا ئايلاندۇرۇپ، ئىچكىرىدىكى ئۆلكىلەرنى تەمىنلەش قۇرۇلۇشىنى تەنقىد قىلغان. مەزكۇر قۇرۇلۇش، ئۇيغۇر ئىلىنىڭ نازۇك تەبىئىي شارائىتى ۋە ھاۋاسىنى بۇلغاپلا قالمايدىغانلىقى، ئۇنىڭ يەنە، كۈنسېرى ئىسسىپ كېتىۋاتقان يەر شارى ھاۋا كىلىماتىغا تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.