تۈمەن دەرياسىنىڭ ھالسىرىغان تىنىقى قەشقەر بوستانلىقىنى جىددىي ئاگاھلاندۇرماقتا
2014.05.12
يېقىندىن يىللاردىن بۇيان قەشقەردىكى تۈمەن دەرياسىنىڭ ئېغىر دەرىجىدە بۇلغىنىشقا ۋە سۇ مەنبەسىنىڭ ئازىيىپ كېتىشىدەك قىسمەتلەرگە دۇچ كېلىۋاتقانلىقى مەلۇم بولماقتا.
قەشقەر يەرلىك دائىرىلىرى ئېلان قىلغان بىر قىسىم ئۇچۇرلار ۋە يەرلىك ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنكاسلىرىغا قارىغاندا، نۆۋەتتە تۈمەن دەرياسىنىڭ سۈيى يىلدىن - يىلغا ئازىيىپ، كىشىلەردە ئەندىشە پەيدا قىلماقتىكەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قەشقەر شەھىرىنى كېڭەيتىپ قۇرۇش ۋە بۇ يەردە شېنجېن تەرەققىيات رايونى بەرپا قىلىش پىلانى تۈمەن دەرياسىنىڭ ئەسلىدىنلا ئازىيىپ بېرىۋاتقان سۈيىگە تېخىمۇ زور بېسىم ئېلىپ كەلگەن. بولۇپمۇ سانائەت كۆلىمىنىڭ تېز سۈرئەتتە ئېشىشى، زاۋۇتلاردىن چىققان بۇلغىما سۇلارنىڭ دەرياغا قويۇپ بېرىلىشى، سىرتتىن كىرگەن ئاقما نوپۇسنىڭ كۆپىيىشى ھەمدە دەريا بويىغا يېڭى ئولتۇراق بىنالارنىڭ ئارقا - ئارقىدىن سېلىنىشى قەشقەر بوستانلىقىدىكى ئانا دەريانىڭ مۇھىتىنى ئېغىر دەرىجىدە بۇلغىغان.
قەشقەر تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ خىتايچە قانىلى تارقاتقان تۈمەن دەرياسى ھەققىدىكى مەخسۇس خەۋەردىمۇ دەريا مۇھىتىنىڭ ئېغىر دەرىجىدە بۇلغىنىشقا ئۇچرىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن.
قەشقەر ھۆكۈمەت تورىدا ئېلان قىلىنغان ئىنكاسلارغا قارىغاندا، تۈمەن دەرياسىدىكى بۇلغىنىشنىڭ ئەڭ مۇھىم سەۋەبىنى سانائەتنىڭ تېز سۈرئەتتە ئېشىشى بىلەن شەھەر نوپۇسنىڭ پارتلاش خاراكتېرلىك كۆپىيىشىگە باغلىغان. ئىنكاسلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، تۈمەن دەرياسىنىڭ قەشقەر شەھىرىدىن ئېقىپ ئۆتىدىغان مەلۇم بۆلەكلىرىدە ئەخلەتلەر تاغدەك دۆۋىلىنىپ كەتكەن ۋە ئۇزۇنغىچە بىر تەرەپ قىلىنمىغان. يەنە بىر تەرەپتىن، خىتاي قۇرۇلۇش شىركەتلىرى يېقىنقى بىرنەچچە يىل ئىچىدە دەريانىڭ ئىككى قىنىغا ئارقا - ئارقىدىن يېڭى ئولتۇراق بىنالارنى سېلىپ، دەريانىڭ ئاساسىي ئېقىمىنى تارايتىۋەتكەن. دەريا بويىدىكى سېمونتلانغان كۆلەمنىڭ بارغانسېرى كېڭىيىشىگە ئەگىشىپ، دەريا قىنىدىن سىرغىپ چۈشىدىغان بۇلاق سۇلىرى قۇرۇپ، تۇپراقتىكى نەملىك يوقالغان.
مەلۇمكى، تۈمەن دەرياسى تارىختىن بۇيان قەشقەر بوستانلىقىنى سۇغۇرۇپ كەلگەن ئانا دەريالارنىڭ بىرى. ئۇنىڭ مەنبەسى قەشقەر توققۇزاق ناھىيەسىگە قاراشلىق لەڭگەر يېزىسىنىڭ ئاقتام كەنتى ئەتراپىدىكى بۇلاق سۇلىرىنىڭ توپلىنىشىدىن ھاسىل بولغان. يامغۇر سۈيى ھەمدە دەريانىڭ ئوتتۇرا ۋە يۇقىرى ئېقىمىدىكى بۇلاق سۇلىرىنىڭ قوشۇلۇشى بىلەن تۈمەن دەرياسى بارغانسېرى ئۇلغىيىپ قەشقەر شەھىرى ۋە ئەتراپتىكى يېزىلارنى سۇ بىلەن تەمىنلەپ كەلگەن.
شىۋېت مىسسىيونېرلىرىنىڭ 20 - ئەسىرنىڭ باشلىرىدا قەشقەردىن تارتقان فوتو سۈرەتلىرىگە قارىغاندا، تۈمەن دەرياسىنىڭ سۈيى ئەينى ۋاقىتتا ئاجايىپ زور ئېقىن بولۇپ ئاققان. قەشقەر شەھىرىنى كېسىپ ئۆتكەندىن كېيىن، ئۇنىڭ تۆۋەن ئېقىمى تاكى پەيزىۋات ناھىيەسىنىڭ يېزا - كەنتلىرىگە قەدەر ئېقىپ بېرىپ، دېھقانچىلىق ئۈچۈن پايدىلىنىلغان.
ھالبۇكى، يېقىنقى يېرىم ئەسىردىن بۇيان، بولۇپمۇ 1990 - يىللاردىن بۇيان تۈمەن دەرياسىنىڭ سۈيى بىراقلا ئازىيىپ، ئانا دەريانىڭ تىنىقى ھالسىراشقا باشلىغان. تۈمەن دەرياسىنىڭ سۈيىنى كېچىپ چوڭ بولغان شاھىتلاردىن بۈگۈن ئامېرىكادا ياشاۋاتقان دوكتور جۈرئەت ئوبۇل ئۆزىنىڭ ئانا دەريا ھەققىدىكى بالىلىق ئەسلىمىلىرىنى ھەسرەت بىلەن تىلغا ئالدى.
«مەن قەشقەردە تۇغۇلۇپ چوڭ بولدۇم. كىچىك ۋاقتىمىزدا تۈمەن دەرياسىدا سۇغا چۆمۈلەتتۇق. ئۇ چاغلاردا دەريانىڭ سۈيى ئۇلۇغ، دەل - دەرەخلەر قويۇق، ئەتراپ كۆز يەتكۈسىز ئېكىنزارلىق ئىدى. بۇ بىزگە قەشقەر ھەققىدىكى ئەڭ گۈزەل بالىلىق خاتىرىلەرنى قالدۇرغان.»
ئۇ 2012 - يىلىدا تۈمەن دەرياسىنى ئەڭ ئاخىرقى قېتىم كۆرگىنىدە بالىلىقىدىكى مەنزىرىلەرنىڭ پۈتۈنلەي غايىب بولغانلىقىنى، ئەمدىلىكتە تىنىقى ئۆچۈش ئالدىدا تۇرغان ۋە ئېغىر دەرىجىدە بۇلغانغان قۇرۇق ئېقىننىڭ قاغجىرىغان گەۋدىسىنى كۆرگەنلىكى بايان قىلدى.
قەشقەر ۋىلايەتلىك ھۆكۈمەت تورىدا بېرىلگەن ئۇچۇرلاردىن قارىغاندا، ھازىر تۈمەن دەرياسىنىڭ سۈيى ئەڭ كۆپەيگەن مەزگىللەردە ئاران 30 نەچچە كىلومېتىرغىچە ئېقىپ كېلەلەيدىكەن. ئۇنىڭ قەشقەر شەھىرىدىن ئېقىپ ئۆتىدىغان قىسمى 15 كىلومېتىر ئەتراپىدا بولۇپ، يېقىنقى مەزگىللەرگە كەلگەندە تۆۋەن ئېقىمى ئاساسەن قۇرۇغان. ئۇنىڭ ئۈستىگە، قەشقەر شەھىرىنى كېڭەيتىش قۇرۇلۇشى جەريانىدا «تۈمەن دەريا باغچىسى» بەرپا قىلىش پىلانى رەسمىي ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈپ، 2011 - يىلى بېلىق تۇتقۇچىلار ئۈچۈن سۈنئىي كۆل ياسالغان. بۇنىڭ بىلەن دەريا سۈيى تېخىمۇ ئازىيىپ، دەريا قىنىدا ئارقا - ئارقىدىن سېلىنىۋاتقان بىنالارنىڭ تاشلاندۇق ئەخلەتلىرى بىلەن سېسىق سۇلىرىنى قويۇپ بېرىدىغان ئازگالغا ئايلانغان.
جۈرئەت ئوبۇل ئاخىرىدا تۈمەن دەرياسى بىلەن قەشقەر بوستانلىقى ۋە بۇ قەدىمىي يۇرتتا يىلتىز تارتقان نەچچە مىڭ يىللىق قەدىمىي مەدەنىيەتنىڭ بۈگۈنگىچە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىدىكى ئىچكى باغلىنىش ھەققىدە مۇنۇلارنى بىلدۈردى.
«قەشقەردە تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان ھەرقانداق كىشىدە تۈمەن دەرياسى ياكى قىزىل دەرياسى بىلەن بولغان ئىچكى باغلىنىش مەۋجۇت. بۇ خىل باغلىنىش ھەم ئۇلارنىڭ ياشاش جەريانىدىكى ئەمەلىيىتىدىن ھەم چوڭلارنىڭ ئەسلىمىلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئېغىزىدىن ئاڭلىغان ھېكايە چۆچەكلەردىن شەكىللىنىدۇ. ھەرقانداق بىر دەريانىڭ شۇ تۇپراققا نىسبەتەن سىمۋوللۇق مەنىسى بولىدۇ. شۇ خەلقنىڭ مەدەنىيىتى شۇ تۇپراقنى سۇغىرىپ تۇرغان دەرياسى بىلەن گۈللەپ ياشنايدۇ. قەشقەرنىڭ قەدىمىي مەدەنىيىتىمۇ تۈمەن ۋە قىزىل دەريالىرى بويىدا بەرپا بولغان. قەشقەرنىڭ قەدىمىي مەدەنىيىتىنى بۇ ئىككى ئانا دەريادىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ نەزىرىدە، ياكى بولمىسا بۇ تۇپراقنى پەقەتلا پايدا - مەنپەئەت ئۈندۈرۈشنىڭ دەسمايىسى سۈپىتىدە قارايدىغانلارنىڭ نەزىرىدە تۈمەن دەرياسى پەقەتلا بىر ئېقىن بولۇشى مۇمكىن، ئەمما ئاتا - بوۋىلىرىدىن تارتىپ قەشقەردە ياشاپ كەلگەن يەرلىك ئۇيغۇرلارنىڭ نەزىرىدە ئۇ بىر مەدەنىيەتنىڭ سىمۋولى، تارىخنىڭ گۇۋاھچىسى!»