سۇ مەسىلىسى ئوتتۇرا ئاسىيا ۋەزىيىتىنى جىددىيلەشتۈرۈۋېتىشى مۇمكىن

سۇ مەسىلىسى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئەڭ مۇھىم مەسىلىلەرنىڭ بىرى سۈپىتىدە كەلگۈسىدە بۇ رايوندىكى دۆلەتلەرنىڭ مۇناسىۋەتلىرىدە جىددىيلىك پەيدا قىلىشى مۇمكىنلىكى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دائىملىق دىققىتىدە بولماقتا.

0:00 / 0:00

قىرغىزىستاننىڭ سۇ ئېلېكتر ئىستانسىلىرىنى قۇرۇشقا رۇسىيىنىڭ مەبلەغ سېلىشى بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ سۇ كۈرىشى يەنە يېڭى بىر باسقۇچقا كىردى. ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئىقتىسادىي ئەڭ ئاجىز قىرغىزىستان ئوتتۇرا ئاسىيا جۈملىدىن پۈتۈن مۇستەقىل دۆلەتلەر ھەمدوستلۇقىدىكى سۇ مەنبەسى ئەڭ باي ئۈچ مەملىكەتنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. بىشكەك ئۆزىنىڭ بۇ ئەۋزەللىكىدىن ئاكتىپ پايدىلانماقتا.

ئۆزبېك ۋە قازاقلارنى بىئارام قىلغان قىرغىز-رۇس سۇ كېلىشىمى

ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئەڭ چوڭ سىر دەرياسىنىڭ مەنبەلىرى دەل قىرغىزىستان تەۋەلىكىدىن باشلىنىدۇ. بۇنىڭدىن بىر ئاي ئىلگىرى رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئىككى سۇ مەنبەسى ھېسابلىنىدىغان قىرغىزىستان بىلەن تاجىكىستاننى زىيارەت قىلىپ، بۇ دۆلەتلەردىكى رۇسىيە ھەربىي بازىسىنى يەنە 30 يىل ئۇزارتىش ھەققىدە كېلىشىم ھاسىل قىلدى. بولۇپمۇ، ۋلادىمىر پۇتىن قىرغىزىستان پرېزىدېنتى ئالماسبېك ئاتانبايېف بىلەن رۇسىيە ھەربىي بازىسىدىن باشقا يەنە قىرغىزىستاننىڭ «قەمبەراتا-1 سۇ ئېلېكتر ئىستانسىسى» نى قۇرۇشقا پۈتۈشۈپ، قىرغىزىستان سۇ ئېلېكتر ئىستانسىلىرى قۇرۇلۇشى ئۈچۈن ئىككى مىليارد دوللار مەبلەغ سالىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

رۇسىيىنىڭ قىرغىزىستاننىڭ سۇ ئېلېكتر ئىستانسىلىرى قۇرۇلۇشىغا زور مىقداردا مەبلەغ سېلىشى ئۆزبېكىستان، قازاقىستان، تۈركمەنىستان قاتارلىق دۆلەتلەردە نارازىلىق ۋە ئەندىشە ئىنكاسلىرىنى پەيدا قىلغاندىن كېيىن، رۇسىيە ھەم قىرغىزىستان ھۆكۈمىتى قازاقىستان ۋە ئۆزبېكىستاننى مەزكۇر قۇرۇلۇشقا قاتنىشىشقا دەۋەت قىلدى.

پەرغانە ئۇچۇر تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 30-ئۆكتەبىر كۈنى موسكۋادا رۇسىيە ۋە قىرغىزىستاننىڭ ساھىبخانىلىقى ئاستىدا «قەمبەراتا-1 سۇ ئېلېكتر ئىستانسىسى» قۇرۇلۇشىنى مۇھاكىمە قىلىش يىغىنى ئېچىلىپ، بۇنىڭغا قازاقىستان بىلەن ئۆزبېكىستان تەكلىپ قىلىنغان بولسىمۇ، ئەمما قازاقىستان مەزكۇر قۇرۇلۇشقا قاتنىشىش رازىلىقى بىلدۈرۈپ، سانائەت ۋە يېڭى تېخنىكا مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى د.جاكسالىيېفنى يىغىنغا ئەۋەتتى. بىراق، ئۆزبېكىستان يىغىنغا قاتنىشىشنى رەت قىلدى.

بۇ يىغىن مەزكۇر قۇرۇلۇشنىڭ تېخنىكا پىلانى ۋە ئىقتىسادىي چىقىملىرى ھەم باشقا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلىرىنى مۇھاكىمە قىلغاندىن كېيىن، يىغىندا ئوتتۇرىغا قويۇلغان لايىھىنى ئۆزبېكىستان تەرەپنىڭ كۆرۈپ چىقىشى ئۈچۈن ئەۋەتىشنى قارار قىلدى.

رۇسىيىنىڭ قىرغىزىستاننىڭ سۇ ئېلېكتر ئېنېرگىيىسى ساھەسىگە مەبلەغ سېلىش پىلانى قازاقىستان، ئۆزبېكىستان ۋە تۈركمەنىستان قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرىنىڭ جىددىي ئىنكاسىنى قوزغىغان ئىدى. رۇسىيىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ ئەڭ چوڭ دەريالىرىنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى ھېسابلانغان قىرغىزىستاننىڭ تەڭرى تاغلىرىدىكى يۇقىرى نارىن دەرياسى قاتارلىق دەريالاردا تۇغان سېلىپ، ھيدروئېلېكتىر ئىستانسىلىرى قۇرۇش ئارقىلىق، ئۆزبېكىستان، قازاقىستان ۋە تۈركمەنىستانلارنىڭ سۇ مەنبەلىرىنى قامال قىلىشى بۇ دۆلەت ئەربابلىرىنى رۇسىيە پەقەت سىياسىي ۋە جۇغراپىيىۋى سىياسىي مەقسەت ئۈچۈن شۇنداق قەدەم بېسىۋاتىدۇ دېگەن ئەندىشىگە كەلتۈرگەن ئىدى.

قىرغىزىستان ئانالىزچىسى ئازامات تېمىرقۇلوفنىڭ قارىشىچە، رۇسىيىنىڭ قىرغىزىستان سۇ مەنبەلىرى ۋە ئېلېكتر ئېنېرگىيىسىگە زور مىقداردا مەبلەغ سېلىشى پۈتۈنلەي جۇغراپىيىۋى سىياسىي مەقسەتتىن چىقىش قىلىنغان بولۇپ، ئۆزبېكىستان كوللېكتىپ بىخەتەرلىك كېلىشىمى تەشكىلاتىدىن چىقىپ كەتكەندىن كېيىن، بۇنىڭدىن بىئارام بولغان رۇسىيە مەركىزىي ئاسىيانىڭ سۇ مەنبەلىرىگە ئىگە بولۇشنى قارار قىلغان.

«رۇسىيىنىڭ مەنپەئىتى مەركىزىي ئاسىيانىڭ سۇ مەنبەلىرىگە ئىگە بولۇش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ كۆپلىگەن جۇغراپىيىۋى سىياسىي مەسىلىلەر ھەققىدىكى شەرتلىرىنى باشقىلارغا كۆرسىتىپ بېرىشتۇر. شۇ چاغدىلا بۇ، قىرغىزىستان، ئۆزبېكىستان ۋە قازاقىستانغا بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتەلەيدۇ»، دەپ يازىدۇ تېمىرقۇلوف.

بىشكەك-موسكۋا سۇ كېلىشىمى ئۇرۇشقا سەۋەب بولۇشى مۇمكىنمۇ؟

مەلۇم بولۇشىچە، رۇسىيىنىڭ قىرغىزىستاندا ۋە تاجىكىستاندا سۇ ئېلېكتر ئىستانسىسى قۇرۇشىغا ئەڭ قارشى چىققۇچى دۆلەت ئۆزبېكىستاندۇر. چۈنكى، مۇنداق بولغاندا ئۆزبېكىستان سۇ مەنبەلىرى قامال قىلىنىپ، ئۇنىڭ دەريالىرى قۇرۇشى، پاختىزارلىرى ۋەيران بولۇشى، نېفىتلىك ۋە تەبىئىي گازلىقلىرىمۇ سۇسىز قېلىشى مۇمكىن. سۇ تاشكەنت ئۈچۈن ئەڭ قىممەتلىك.

پەرغانە ئۇچۇر تورىدا ئېلان قىلىنغان رۇس ئانالىزچىسى كاشىنسكىينىڭ ماقالىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، موسكۋا بىلەن بىشكەك ئارىسىدىكى بۇ كېلىشىمگە نىسبەتەن ئىسلام كەرىموف جىددىي ئىنكاس قايتۇرۇپ، «مۇنداق زور كۆلەمدىكى ھيدروئېلېكتىر ئىستانسىلىرى قۇرۇلۇشلىرى مەركىزىي ئاسىيادىكى ۋەزىيەتنى ھەتتا ھەربىي توقۇنۇش كېلىپ چىقىش دەرىجىسىگىچە جىددىيلەشتۈرۈۋېتىدۇ»، دەپ ئاگاھلاندۇرغان.

ئۆزبېك پرېزىدېنتى بىشكەك بىلەن موسكۋانىڭ سۇ كېلىشىمىدىن كېيىن، ئاشكارا ھالدا بۇ «ئوتتۇرا ئاسىيادا ئۇرۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن» دەپ جاكارلىغان ئىدى.

«گېرمانىيە دولقۇنلىرى» دا ئالېكساندىر توكماكوف ئىسىملىك ئانالىزچىنىڭ ئېلان قىلغان بۇ ھەقتىكى ماقالىسىدە نەقىل كەلتۈرۈلۈشىچە، قىرغىز ئانالىزچىسى ئازامات تېمىرقۇلوفنىڭ قارىشىچە، قىرغىزىستان-رۇسىيە ئېلېكتر ئىستانسىسى قۇرۇلۇش شەرتنامىسى قىرغىزىستان بىلەن ئۆزبېكىستاننىڭ مۇناسىۋەتلىرىنى ئېغىر دەرىجىدە بۇزىدۇ. ئەمما، بىشكەك رۇسىيىدىن ئىبارەت قۇدرەتلىك ئىتتىپاقچىغا ئېرىشىدۇ.

بىشكەك موسكۋاغا تايىنىپ، ئۆز تەسىر كۈچىنى ئاشۇرماقچى

مەركىزىي ئاسىيادىكى ئۆزبېكىستان، قىرغىزىستان، تاجىكىستان، قازاقىستان قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ تۈرلۈك مەنپەئەتلىرى بىر-بىرى بىلەن زىچ بىرلەشكەن بولۇپ، قىرغىزىستان تەبىئىي گازغا موھتاج، قىرغىزىستاننىڭ پۈتۈن تەبىئىي گازلىرى ئۆزبېكىستاندىن كېلىدۇ. قىرغىزىستان ئۆزبېكىستاندىن كىرگۈزۈۋاتقان گاز باھاسىنىڭ قىممەتلىكى ۋە ئۆزىنىڭ ئاجىز ئىقتىسادىي تۈپەيلىدىن دائىم ئۆزبېكىستانغا گاز پۇلىنى تۆلىيەلمەي، قىيىن ئەھۋالدا قېلىش مەسىلىسىگە دۇچ كەلگەن. تاشكەنت بىشكەككە دائىم گاز ئارقىلىق بېسىم قىلىدۇ. مانا ئەمدى بىشكەك رۇسىيە بىلەن بىرلىشىپ، سۇ مەنبەلىرىنى قىسىش ئارقىلىق تاشكەنتكە بېسىم پەيدا قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولىدۇ.

ئازامات تېمىرقۇلوف قىرغىزىستاننىڭ ئۆزى تەنھا ھالدا سۇ مەنبەلىرىدىن پايدىلىنالايدىغانلىقى، شۇڭا رۇسىيە بىلەن شېرىكلىشىش يولىنى تاللىۋالغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

«گېرمانىيە دولقۇنلىرى» دا نەقىل قىلىنىشىچە، قىرغىزىستاننىڭ سابىق تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئالىبېك جېكشېنقۇلوف بىشكەك ئۆزبېكىستان بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى بۇزۇۋېلىشتىن قورقماسلىقى لازىم دەپ ئەسكەرتىش بىلەن «بىز رۇسىيە بىلەن بىرلىشىش ئارقىلىقلا قازاقىستان ۋە ئۆزبېكىستان بىلەن تەڭ باراۋەر ئورۇندا تۇرۇپ سۆزلىشەلەيمىز» دەيدۇ.

موسكۋاغا تايىنىش ئارقىلىق قەرزدىن قۇتۇلۇش

قىرغىزىستان رۇسىيە بىلەن بىرلىكتە سۇ ئېلېكتر ئىستانسىسى قۇرۇشقا ھەمدە رۇسىيە ھەربىي بازىسىنىڭ تۇرۇش ۋاقتىنى ئۇزارتىشقا رازى بولغاندىن كېيىن، موسكۋا قىرغىزىستاننىڭ 189 مىليون دوللار قەرزىنى پات ئارىدا كەچۈرۈم قىلىۋېتىشكە، قالغان 300 مىليون دوللار قەرزنى 10 يىل ئىچىدە قەدەممۇ-قەدەم كەچۈرۈۋېتىشكە ماقۇل بولغان.

2005-يىلىدىكى ئەنجان ۋەقەسىدىن كېيىن غەربتىن يىراقلىشىپ، موسكۋا ۋە بېيجىڭنىڭ ئىتتىپاقچىسىغا ئايلانغان تاشكەنتنىڭ يېقىنقى ۋاقىتلاردىن بۇيان قايتىدىن موسكۋادىن يىراقلىشىپ، ئامېرىكا قاتارلىق غەرب دۆلەتلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنى ئىللىتىۋاتقانلىقى مەلۇم.

تاشكەنت شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ بۇ يىلقى ھەربىي مانېۋىرىغا قاتناشمىدى، ئارقىدىنلا رۇسىيە ھامىيلىقىدىكى كوللېكتىپ بىخەتەرلىك كېلىشىمى تەشكىلاتىدىن چىقىپ كەتكەن ئىدى. ئانالىزچىلارنىڭ قارىشىچە، بۇنىڭدىن بىئارام بولغان رۇسىيە، ئۆزبېكىستان بىلەن تۈرلۈك زىددىيەتلىرى مەۋجۇت ۋە سۇ مەنبەسىگە ئىگە قىرغىزىستان بىلەن تاجىكىستاندىكى ھەربىي بازىسىنى كۈچەيتىش ھەم ھەربىي بازىلارنىڭ تۇرۇش ۋاقتىنى ئۇزارتىش شۇنىڭدەك يەنە بۇ دۆلەتلەرنىڭ سۇ مەنبەلىرىگە مەبلەغ سېلىپ، سۇنى كونترول قىلىش ئارقىلىق تاشكەنتكە، ھەتتا ئاستاناغا بېسىم قىلىش تاكتىكىسى قوللاندى.