«تەكلىماكان» ئەخلەت ماكانىغا ئايلاندۇرۇلماقتا

0:00 / 0:00

ئۇيغۇرلار قوللىنىۋاتقان بىر قىسىم ئىجتىمائىي تاراتقۇ ۋە ئالاقە ۋاسىتىلىرىدە يېقىنقى كۈنلەردە «تەكلىماكان يىغلىمىسۇن» دېگەندەك تېمىلاردا تارقالغان سىنلىق، سۈرەتلىك ئۇچۇر ۋە چاقىرىقلارغا قارىغاندا، ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئىرادە مەبلەغ سېلىش شىركىتى شىركەت خادىملىرى، تىجارەتچىلەر ۋە ئارتىس ھەمدە مۇخبىرلاردىن تەشكىللەنگەن تەكلىماكان پىدائىيلىرىنىڭ تەكلىماكاندىكى مۇھىت ئاسراش سەپىرى 17-سېنتەبىردىن 19-سېنتەبىرگىچە داۋاملاشقان.

مەزكۇر پىدائىيلار تەكلىماكاندا 3 كۈن يېتىپ-قوپۇپ ئارال قۇملۇق تاشيول بۆلىكىدىكى ئىچىملىك قۇتىلىرى، پىلاستىك خالتا قاتارلىق ئەخلەتلەرنى يىغىپ ئاپتوموبىللارغا باسقان. ئۇلار ئۆز ھەرىكىتى بىلەن جەمئىيەتكە ئۆز يۇرتلىرىنىڭ مۇنداق ئەخلەت ماكانى بولۇپ قالماسلىقىنى تەشەببۇس قىلغان شۇنىڭدەك تور ھەم ئۈندىدار توپلۇقلىرىغا كىشىلەرنىڭ مۇھىت قوغداش ئېڭىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ھەققىدە چاقىرىق يوللاپ، يولۇچىلار ۋە ساياھەتچىلەرنىڭ ھەر قېتىم راۋان قاتناشتىن بەھرىلەنگەندە مۇشۇ ئەۋزەل مۇھىتنى يارىتىپ بېرىۋاتقان تاشيول ئىشچىلىرىنىڭمۇ ئەمگىكىنى ھۆرمەت قىلىشقا، قۇملۇقتىن ئۆتكەندە ئەخلەتلىرىنى قۇملۇققا تاشلىماسلىققا ئاگاھلاندۇرغان.

بۇ ھەقتە 20-سېنتەبىر «شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى» تارقاتقان خەۋەردە بۇ پىدائىيلارنىڭ «تەكلىماكان يىغلىمىسۇن، ھەممىمىز تەڭ تەشۋىق قىلىپ، قېرىنداشلىرىمىزغا يەتكۈزەيلى، بارلىق يولۇچىلارغا شۇنداق دەيمىزكى : مەيلى قاناس، سايرامدا بولايلى، ياكى قۇملۇقتا بولايلى مۇھىت ئاسراشنى ئەستىن چىقارمايلى، تەبىئەت گۈزەللىكىدە كېيىنكىلەرنىڭمۇ ھەققى بار !!!» دېگەن مۇراجىئەتنامىمۇ بېسىلغان.

بۇ ھەقتىكى سىنلىق ئۇچۇرلار دۇنياۋى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىن فەيىسبوكتىمۇ تارقالدى.

ئۇيغۇر ئېلىدىكى «تەكلىماكان» قۇملۇقى، «ھالاكەت دېڭىزى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. قۇملۇقنىڭ شەرقتىن غەربكىچە بولغان ئۇزۇنلۇقى مىڭ كىلومېتىر كېلىدۇ.

خىتاي مەتبۇئاتلىرىنىڭ يېزىشىچە، تەكلىماكان قۇملۇقى تاش يولى بولسا نۆۋەتتە دۇنيا بويىچە كۆچمە قۇملۇقتا قۇرۇلغان ئەڭ ئۇزۇن تاشيول بولۇپ، ھالاكەت دېڭىزىنى كېسىپ ئۆتۈپ، چوڭ قۇملۇق ئايرىپ تۇرغان جەنۇبىي شىنجاڭ بىلەن شىمالىي شىنجاڭنىڭ ئارىلىقىنى قىسقارتقان بۇ لىنىيە، شۇنداقلا تارىم نېفىتلىكىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ئۇل سالغان بىر تاشيول.

تەكلىماكاننىڭ ئېچىلىشىغا دائىر ماتېرىياللاردا كۆرسىتىلىشىچە، 1990-يىللاردىن كېيىن، خىتاينىڭ ئېنېرگىيىگە بولغان ئېھتىياجىنىڭ ئېشىپ بېرىشىغا ئەگىشىپ، تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ كىندىك رايونىدا ساقلىنىپ ياتقان مول نېفىت گازى ئېنېرگىيە مەنبەسى ئېچىش كۈنتەرتىپىگە كىرگۈزۈلگەن. 21-ئەسىر كىرگەندىن كېيىنمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نۇرغۇنلىغان تېخنىكا كۈچى، مالىيە كۈچى ۋە ماددىي كۈچ سەرپ قىلىپ، مەبلەغ سېلىپ ئېنېرگىيە بايلىقلىرىنى ئېچىۋاتقانلىقى ھەم بۇنىڭ ئاقىۋىتىدە مۇھىت مەسىلىلىرىنىڭمۇ كېلىپ چىقىۋاتقانلىقى ئىنكاس قىلىنماقتا.

بۇنىڭدىن ئىلگىرى، دۇنيادا 100 كىلومېتىردىن ئاشىدىغان كۆچمە قۇملۇقنى كېسىپ ئۆتىدىغان تاشيول يوق ئىدى. 1995-يىلى 4-ئۆكتەبىر خىتاينىڭ تۇنجى قۇملۇق تاشيولى لىنىيىسىدە رەسمىي قاتناش باشلانغان بولۇپ، قۇرۇلۇش ئۈچۈن 594 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنغان. تەكلىماكان قۇملۇقىنى توغرىسىغا كېسىپ ئۆتكەندە، ئۇزۇنلۇقى 565.66 كىلومېتىر كېلىدىكەن.

مۇتەخەسسىسلەر مۇھىت بىلەن سىجىل تەرەققىياتنىڭ مۇناسىۋىتى بىر-بىرىگە چەمبەرچاس باغلانغان. بولۇپمۇ، مۇھىتى ئاجىز، بۇلغىنىشى ئېغىر، ئورمان بىلەن قاپلىنىش نىسبىتى تۆۋەن، قۇرغاق رايونلار مۇھىتىغا كىرىدىغان تەكلىماكاندا ئېكولوگىيە قۇرۇلۇشىنىڭ ئەڭ مۇھىم كۈنتەرتىپكە ئېلىنىشىنىڭ زۆرۈر ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ كەلگەن ئىدى.

مەزكۇر مۇھىت ئاسراش پىدائىيلىرىنىڭ ھەرىكەتلىرىنىڭ بۇ خىل بۇلغانمىلارنى تىزگىنلەشكە ئۈلگۈرمەيۋاتقانلىقىنى بۇلغانمىلارنى يوقىتىش سەۋىيىسىنىڭ بۇلغاش سەۋىيىسىگە يەتمەيۋاتقانلىقىدا كۆرۈۋالغىلى بولىدىكەن.

مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، تەكلىماكاننىڭ بۈگۈنكى ئەخلەتلەر بىلەن تولۇۋاتقان ۋە بۇلغىنىۋاتقان ۋەزىيىتىنى ياخشىلاشتا، تەكلىماكاننىڭ ئېكولوگىيىلىك مۇھىتنىڭ ئەسلىدىكى تەبىئىي تەڭپۇڭلۇقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە بىۋاسىتە قاتنىشالايدىغان كەسپى تېخنىكا خادىملىرى ۋە مۇتەخەسسىسلەرنى سەپلەشمۇ مۇھىم ئىكەن.

2013-يىلىدىن باشلاپلا ئۇيغۇر ئېلىدىكى خەلق كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان نۇقتىلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن قۇرۇلغان پىدائىيلار ئەترەتلىرىگە يېتەكچىلىك قىلىپ ۋە قاتنىشىپ يېقىندا چەتئەلگە ئوقۇشقا چىققان بىر ئۇيغۇر ياش، ئۇيغۇر ئېلىدە ئىلگىرى بىر نەچچە يىل باشقا پىدائىيلار ئەترەتلىرى بىلەن تەكلىماكاننى كېسىپ ئۆتۈش جەريانىدا بۇ خىل مۇھىت بۇلغىنىشىغا شاھىت بولغانلىقى،پىدائىيلارنىڭ شۇ چاغلاردىن تارتىپلا مۇھىت قوغداش پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى، ئەمما بۇنىڭ بىلەنلا مۇھىت ئېڭى تۆۋەن كىشىلەرنىڭ مۇھىت بۇزغۇنچىلىق قىلمىشلىرىغا تاقابىل تۇرۇپ بولۇشنىڭ تەسلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇ: «ۋەتىنىمىزدىكى بۇلغىنىشلار بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ مۇھىت چۈشەنچىسى بىر قەدەر يۇقىرى بولسىمۇ، ئەمما ئومۇمى خەلقنىڭ مۇھىت چۈشەنچىسىنىڭ يوق دېيەرلىك ئىكەنلىكىنى ئېنىق چۈشەندۈرۈپ بېرىۋاتىدۇ. بۇ تولىمۇ قورقۇنچلۇق ھادىسە بولۇپ، خىتاي ئىچكىرى ئۆلكىلىرىدىن كېلىۋاتقان مەيلى كۆچمەن، مەيلى ساياھەتچى بولسۇن ئۇلار ئەكېلىپ تۆكۈۋەتكەن ئەخلەت دۆۋىلىرى ئارىسىدىن ھەر خىل تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى ئۇچرىتىپلا قالماستىن،ئاشقان يېمەكلىك، ھەتتا 50 يىللارغىچە پارچىلانمايدىغان پىلاستىك خالتا قاتارلىق زىيانلىق نەرسىلەرنىڭ ئەتراپتىكى مۇھىتقا، دېھقانچىلىق زىرائەتلىرىگە ئېلىپ كېلىدىغان زىيىنىنى سەل چاغلاشقا بولمايدۇ. دائىرىلەر بۇ ئەھۋاللارنى بىلسىمۇ تېگىشلىك تەدبىر ئالماي كەلمەكتە» دەيدۇ.

بۇ ياشنىڭ قارىشىچە، قەدىمىي مەدەنىيەتلىك ئۇيغۇرلار ئۆز يۇرتىنىڭ ھەر قانداق جايىنى ياشاش ماكانى دەپلا قارىغان ئەمەس، بەلكى ئۇنى تەبىئەتنىڭ، ھاياتىنىڭ بىر قىسمى ھېسابلاپ، ئۇنىڭغا قان-تەرىنى،مېھىر-مۇھەببىتىنى ئاتا قىلغان ۋە تەبىئەت سۆيۈشتەك ئەجدادلىرىنىڭ ئېسىل ئەنئەنىلىرىنى داۋاملاشتۇرۇشنى مۇقەددەس بۇرچى دەپ بىلىپ كەلگەن.

ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇيغۇر ئېلىدىكى بۇ خىل مۇھىت بۇلغىنىشلارنى ئاتالمىش تەرەققىيات، يەنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن ئىچكىرىدىن يۆتكىگەنلەر، خىتاي ساياھەتچىلەر ۋە باشقىلار ئېلىپ كەلمەكتە.

شىنجاڭ ئورمانچىلىق پەنلەر ئاكادېمىيىسى ئورمان ئېكولوگىيىسى تەتقىقات ئورنىنىڭ ياۋايى ھايۋان، ياۋايى ئۆسۈملۈك ۋە سۇلۇق يەر تەتقىقات ئىشخانىسى يېقىندا «شىنجاڭ ئومۇرتقىلىق ھايۋان قىزىل رەڭلىك تىزىملىكى» نى تارقاتقان بولۇپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا 99 خىل ھايۋان تىزىملىككە كىرگۈزۈلگەن، ئۇنىڭ ئىچىدە ياۋا ئات، قاڭشارلىق بۆكەن قاتارلىق 16 خىل ياۋايى ھايۋان نەسلى ئېغىر دەرىجىدە قۇرۇپ كېتىش گىردابىغا بېرىپ قالغان ھايۋان بولۇپ قالغان.

ئۇيغۇر دىيارى جانلىقلار ئالاھىدە كۆپ، تارقىلىشى كەڭ رايوننىڭ بىرى، «جۇڭگودا قىزىل رەڭلىك تىزىملىكتىكى ئومۇرتقىلىق ھايۋانلار (2015)» نى باھالاش نەتىجىسىگە قارىغاندا، شىنجاڭدا 731 خىل ئومۇرتقىلىق ھايۋان بار بولۇپ، پۈتۈن مەملىكەتتە بار بولغان ئومۇرتقىلىق ھايۋانلار ئومۇمىي سانىنىڭ 10.01% ئىنى ئىگىلەيدىكەن.

ئۇيغۇر ئېلىدە ياۋايى ھايۋانلارنىڭ تارقىلىشى مۇرەككەپ بولۇپ، ئىنسانلار پائالىيىتى، مۇھىت بۇلغىنىش ھەمدە كىلىمات ئۆزگىرىشى قاتارلىق ئامىللار سەۋەبىدىن ياۋايى ھايۋانلارنىڭ نەسلى ئېغىر تەھدىتكە ئۇچرىماقتا.

بۇنىڭدىن باشقا، يەنە قالايمىقان پىلانسىز ساياھەتكە ئېچىش، سانائەتلەشتۈرۈش ھەرىكەتلىرىنىڭ تەسىرىدە ئىلگىرى يەنە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مۇز چوققىلىرىدىن تارتىپ، سايرام كۆلى، قاناس كۆلى، ئاساسلىق دەريالىرى يايلاقلىرىنىڭمۇ ئوخشاش ئەخلەتلەرگە تولغانلىقى ۋە ئېغىر بۇلىغانلىقى ھەققىدە نۇرغۇن مەسىلىلەر ئاشكارىلانغان ۋە خەۋەرلەر بېرىلگەن ھەمدە بۇ مۇھىت مۇتەخەسىسلىرىنىڭمۇ دىققىتىنى تارتىپ كەلمەكتە.

ئامېرىكا مىئامى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ جۇغراپىيە پەنلىرى پروفېسسورى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مۇھىت مەسىلىلىرى ھەققىدىمۇ تەتقىقات ئېلىپ بېرىۋاتقان مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بىرى ستانلىي توپسنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى تەكلىماكاننى كېسىپ ئۆتىدىغان بۇ تاش يولنى ئەسلى نېفىت، گاز تۇرۇبا پىلانى بويىچە ياسىغان ئىدى، ئەمەلىيەتتە يولۇچىلار ئۈچۈن بۇ يولنى يۈرۈشنىڭ ئورنىمۇ يوق، بۈگۈن بۇ جايغا كېلىدىغان ساياھەتچىلەرنىڭ كۆپىيىشى بىلەن ئاق رەڭلىك بۇلغاش ھادىسىسىنى كۆرۈۋاتىمىز، بۇ پۈتۈن خىتاينىڭ ھەممە جايلىرىدا ئومۇميۈزلۈك مەۋجۇت بولۇۋاتقان ئېغىر مەسىلە، ئۇيغۇر ئېلىدە بۇغدا كۆلىدىن تارتىپ كارىزلارغىچە ئېغىر مۇھىت بۇلغىنىش تەھدىتىگە دۇچ كېلىۋاتقانلىقى مەلۇم. بۇ يەردە بىر گۇرۇپپا كىشىلەرنىڭ ياكى مۇھىت قوغداش پىدائىيلىرىنىڭ چەكلىك پائالىيەتلىرى بىلەنلا بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش مۇمكىن بولمايدۇ. بۇ يەردە ھۆكۈمەت ۋە مۇناسىۋەتلىك تارماقلارنىڭ مەسىلىگە قارىتا ئىنكاسى ۋە تەدبىرىدە مەسىلە بارلىقىنى كۆرۈۋالالايمىز. خىتاي ھۆكۈمىتى ۋە جەمئىيىتىنىڭ ھەر بىر ئەزاسىدا چوقۇم مۇھىتقا قارىتا يۈكسەك مەسئۇلىيەت ۋە بۇرۇچ تۇيغۇسى بولۇشى كېرەك. شۇڭا مۇناسىۋەتلىك تارماقلار مۇھىت تەربىيىسى ۋە تەشۋىقاتنى كۈچەيتىپ، تۇرمۇش ھەم سانائەت ئەخلەتلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشى كېرەك ئىكەن.

ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مۇھىت بۇلغىنىش مەسىلىلىرىنى كۆزىتىپ كېلىۋاتقان پروفېسسور توپس ئەپەندى يەنە ئېكولوگىيىلىك مۇھىت بۇلغىنىشتىن كېلىپ چىقىدىغان يامان ئاقىۋەتلەرنىڭ مۆلچەرلىگۈسىز ئاپەتلەرنى ئېلىپ كېلىدىغانلىقى ياكى كېلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ؛ «تەكلىماكاندىكى ئەڭ ئېغىر مەسىلە سۇ كەملىكى، شۇڭا بۇ رايوندا ئىقتىسادى ئېچىشتىن بەكرەك ئەسلى قانداق قىلىپ چەكلىك بولغان ھاياتلىق مەنبەسى-سۇنى خوراتماسلىق توغرىسىدا باش قاتۇرۇش ئەڭ مۇۋاپىق. بارغانچە بۇلغىنىشقا ئۇچراۋاتقان تەكلىماكان قۇملۇقى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رايوننىڭ مۇھىت قۇرۇلۇشىغا مۇناسىۋەتلىك تەتقىقات تۈرلەر ئۈستىدە سىياسەت، قانۇن-قائىدىلەرنى بېكىتىپ، مۇھىت قۇرۇلۇشىدا ئىلغار ئىنژېنېر ۋە تېخنىكلارنى كىرگۈزۈپ ئىلمىي ۋە جىددىي ھالدا تەكلىماكان مۇھىت قوغداش قۇرۇلۇشى ئېلىپ بېرىشكە موھتاج دەپ قارايمەن» دەيدۇ.