ئۇيغۇر دېھقانلار: «داۋالىنىش كارتىمىز دوختۇرخانىلاردا ئىشلىمەيدۇ!» (1)

0:00 / 0:00

ئۇيغۇر دىيارىدىكى دېھقانچىلىق ۋە چارۋىچىلىق رايونلىرىدا يولغا قويۇلۇۋاتقان داۋالىنىش سۇغۇرتىسى-«ھەمكارلىشىپ داۋالىنىش كارتىسى» نىڭ ئەمىلى داۋالىنىش جەريانىدا دېھقان ۋە چارۋىچىلارغا ھەقىقىي مەنىدىكى قۇلايلىق ئېلىپ كەلمىگەنلىكى ئايان بولماقتا.

ئۇيغۇرلار دىيارىدا 2003-يىلىدىن بۇيان ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇلۇشقا باشلىغان «ھەمكارلىشىپ داۋالىنىش كارتىسى» شەھەرلەردە ئولتۇراقلاشمىغان دېھقانلار ۋە چارۋىچىلارنىڭ دوختۇرخانىلاردا كېسەل كۆرسىتىش، شۇنداقلا زۆرۈر بولغان داۋالىنىشتىن بەھرىمەن بولۇشىدىكى تۈرلۈك قىيىنچىلىقلىرىنى ھەل قىلىش مەقسىتىدە تارقىتىلغان ئىدى.

ئەمما مەزكۇر سىياسەت يولغا قويۇلۇۋاتقان ئون نەچچە يىلدىن بۇيان بۇ خىل كارتىنىڭ ھەرقايسى جايلاردىكى دوختۇرخانىلاردا داۋالانماقچى بولغان دېھقان-چارۋىچىلارغا ئەمەلىي ياردەمدە بولۇش رولىنى ئوينىيالمىغانلىقى كۆپ تەرەپلىمە مەنبەلەردىن داۋاملىق مەلۇم بولماقتا.

مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بۇ ھەقتىكى ئالاقىدار تەتقىقات نەتىجىلىرىمۇ بۇ جەھەتتىكى ئاساسلىق مەسىلىلەرنىڭ ھۆكۈمەتنىڭ بۇ خىلدىكى داۋالىنىش تۈزۈمىگە بولغان ئەمەلىي ۋە بىۋاسىتە قوللىشىنىڭ يېتەرلىك بولماسلىقى، شۇنداقلا مۇشۇ خىلدىكى داۋالاش تۈزۈمىنىڭ مەزمۇن جەھەتتە مۇكەممەل ئەمەسلىكى، بۇ خىلدىكى سىياسەتنىڭ ئوبيېكتى بولغان كەڭ دېھقانلارنىڭ ۋە چارۋىچىلارنىڭ ئۆز ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداش ئېڭىنىڭ تۆۋەن بولۇشى، تېخىمۇ مۇھىمى مۇشۇ خىلدىكى داۋالاش ۋە داۋالىنىش تۈزۈمىگە قارىتا ھۆكۈمەت تەرەپتىن يولغا قويۇلغان ئۈنۈملۈك نازارەتنىڭ كەمچىل بولۇشى قاتارلىقلاردا ئىپادىلىنىۋاتقانلىقىنى كۆرسەتمەكتە.

بىز بۇ ھەقتىكى ھەقىقىي ئەھۋاللارنى ئىگىلەپ بېقىش ئۈچۈن ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى دېھقانچىلىق ۋە چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللانغۇچى بىر قىسىم يەرلىك كىشىلەر بىلەن تېلېفوندا سۆھبەتلەشتۇق. زىيارەت جەريانىدا توققۇزتارا ناھىيىسىدىكى دېھقان شاھىدە خانىم دېھقانلارنىڭ «ھەمكارلىشىپ داۋالىنىش كارتىسى» ئارقىلىق دوختۇرخانىلاردا داۋالىنىشنىڭ قىيىنلىقىنى، داۋالىنىشتىن كېيىن ئالاقىدار ئورۇنلاردىن خىراجەت ئاتچوت قىلىشنىڭ تېخىمۇ قىيىنلىقىنى، كۆپ قىسىم دوختۇرخانىلاردا بۇ خىلدىكى داۋالىنىش كارتىسى ئىشلەتكۈچىلەرگە دوختۇرلارنىڭ قوپال مۇئامىلىدە بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

بۇ خىلدىكى داۋالىنىش كارتىسىنىڭ زادى قانچىلىك دائىرىدە بىمارلارنىڭ ھاجىتىدىن چىقىدىغانلىقىنى بىلىپ بېقىش ئۈچۈن، بىز ئاقسۇ شەھەرلىك «ھەمكارلىشىپ داۋالىنىش كارتىسىنى باشقۇرۇش ئىشخانىسى» بىلەن ئالاقىلەشتۇق.

مۇخبىر: ياخشىمۇسىز؟

خىتاي كادىر: ياخشىمۇسىز.

مۇخبىر: بۇ «ھەمكارلىشىپ داۋالاش كارتىسى» نى باشقۇرۇش ئىشخانىسىمۇ؟

خىتاي كادىر: شۇنداق.

مۇخبىر: يېزىدىكىلەر مۇشۇ كارتىنى قانداق شەكىلدە ئىشلىتىدۇ؟ مۇشۇ ھەقتە بىز ئەھۋال ئىگىلەپ باقايلى دېگەنتۇق.

خىتاي كادىر: بۇنىڭ دائىرىسىنى دېسىڭىز، بۇ مۇنداق: بىزنىڭ داۋالاش ئورگانلىرىمىزنىڭ ئۆزىگە يارىشا بەلگىلىمىلىرى بار. بىمارلار دوختۇرخانىلاردا كېسەل كۆرسىتىپ بولغاندىن كېيىن، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئۆز ئالدىغا زىممىسىگە ئالىدىغان قىسمى ھەققىدە ناھايىتى ئېنىق قىلىپ ئۇقتۇرۇش چىقىرىلغان. ئەمما قايسىلا تەرەپ بولسۇن 15 مىڭ سومدىن ئېشىپ كەتسە بولمايدۇ، قەتئىي بولمايدۇ.

مۇخبىر: داۋالىنالمايدىغانلار چىقىپ قالسا قانداق قىلىدۇ؟

خىتاي كادىر: بۇ دېگەن داۋالاش ئورگانلىرىنىڭ تۈزۈمىدە ئاشۇنداق بېكىتىلگەن مەزمۇن.

مۇخبىر: بىمارلار ئادەتتە داۋالىنىپ بولغاندا ئاندىن ئاتچوت قىلىپ بېرەمسىلەر؟

خىتاي كادىر: ھازىر مۇشۇنداق قىلىۋاتىدۇ. بىمار ئۆزىنىڭ داۋالىنىشىغا دائىر ئەھۋالنى مەلۇم قىلغاندىن كېيىن بىز نىسبەت بويىچە قۇتقۇزۇش بېرىمىز.

مۇخبىر: يېڭى تۈزۈم بويىچە ھۆكۈمەت نەچچە پىرسەنتنى ئۈستىگە ئالىدۇ؟

خىتاي كادىر: 8-ئايدىن بۇيانقى كېسەللەرگە 70 پىرسەنت بويىچە بېرىمىز. ئەمما، ئەڭ يۇقىرى چەك بويىچە 15 مىڭ سومدىن ئېشىپ كەتسە بولمايدۇ. بۇنىڭمۇ ئۆزىگە يارىشا چېكى بار.

كۆزەتچىلەرنىڭ قارىشىچە، كېسەللەرنىڭ خاراكتېرى ھەر خىل بولىدىغانلىقى، شۇنداقلا بۇنىڭغا قارىتا لازىملىق داۋالاش ۋە ئالاقىدار خىراجەتنىڭمۇ ئوخشاش بولمايدىغانلىقىنى نەزەردە تۇتقاندا، بۇ خىلدىكى داۋالاش ۋە داۋالىنىش تۈزۈمىنىڭ ئۆلۈك ھالدا تەتبىقلىنىشى كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتىدۇ. بۇ خىلدىكى تەتبىقلىنىش ئارقىسىدا بىر قىسىم پەۋقۇلئاددە ئەھۋالدىكى بىمارلار، بولۇپمۇ ھايات-ماماتى پەقەت چوڭ دوختۇرخانىلارلا قىلالايدىغان ئوپېراتسىيەگە باغلىنىپ قالغان دېھقان بىمارلارنىڭ ئەھۋالى ھەقىقەتەنمۇ كىشىنى تەشۋىشلەندۈرىدۇ.