ئەيدىز كېسەللىكىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا شىددەت بىلەن يامرىشىدىكى سەۋەبلەر ۋە ئۇنىڭ ئىچ يۈزى (2)

0:00 / 0:00

ئۇيغۇر ئېلىدا ئەيدىز كېسەللىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تىزگىنلەش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان كەسپىي خادىملارنىڭ ئاشكارىلىشىچە، نۆۋەتتە تەخمىنەن 100 مىڭغا يېقىن ئۇيغۇرنىڭ ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلىقى پەرەز قىلىنماقتىكەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى 2014-يىلىنىڭ ئاخىرىدا ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتقا قارىغاندا، ئۇيغۇر ئېلىدا ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ ئومۇمىي سانى 43555 نەپەر بولۇپ، بۇنىڭ 80% نى ئۇيغۇرلار ئىگىلەيدىكەن.

مۇشۇ ستاتىستىكا بويىچە ھېسابلىغاندا، ئەيدىز بىلەن يۇقۇملانغان ئۇيغۇرلار 30 مىڭدىن ئارتۇق بولۇپ، خەلقئارادا ئادەتتە ھەر بىر ئەيدىز بىلەن يۇقۇملانغۇچى تاكى كېسىلى ئېنىقلانغۇچە تەخمىنەن 10 ئەتراپىدىكى كىشىنى ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملاندۇرۇشى مۇمكىن ئىكەن.

ئىلگىرى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئەيدىز كېسەللىكى بىلەن جىنسىي كېسەللىكلەرنى تىزگىنلەش ھەمدە ئالدىنى ئېلىش مەركىزىدە ئۇزۇن يىل خىزمەت قىلغان، يېقىندا غەربتىكى مەلۇم دۆلەتكە كېلىپ ئولتۇراقلاشقان بىر ئۇيغۇر كەسپىي خادىم رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى.

ئۇنىڭ كۆرسىتىشىچە، نۆۋەتتە خىتاي دائىرىلىرى ئېلان قىلغان 30 مىڭدىن ئارتۇق ئۇيغۇر ئەيدىز يۇقۇملانغۇچىلىرىنى خەلقئارا ئۆلچەمدىن بەكمۇ تۆۋەن بولغان 3 ھەسسە يۇقۇملاندۇرۇش مۇمكىنچىلىكى بىلەن ھېسابلىغاندىمۇ، نۆۋەتتە 100 مىڭدەك ئۇيغۇرنىڭ ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلىقىنى پەرەز قىلىش تامامەن مۇمكىنكەن.

ئۇ، يېقىنقى بىرقانچە يىل مابەينىدە ئەيدىز كېسەللىكىنىڭ ئۇيغۇرلار ئارىسىغا شۇ قەدەر تېز يامرىشىنىڭ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ جەنۇبىي ئۇيغۇر دىيارىغا تۈركۈملەپ كۆچمەن خىتايلارنى يەرلەشتۈرۈشى بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

ئۇنىڭ كۆرسىتىشىچە، ئاقسۇ، كۇچا، قەشقەر، يەكەن ۋە خوتەنلەرگە كۆچۈرۈپ يەرلەشتۈرۈلۈۋاتقان خىتايلارنىڭ ئىچىدە ئىلگىرى خىتاي ئۆلكىلىرىدە ئەيدىز بىلەن يۇقۇملانغان خېلى كۆپ ساندىكى خىتايلار بار ئىكەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە، دائىرىلەر ئۇيغۇر ئېلىغا كۆچۈرۈلگەن كۆچمەن خىتايلارنىڭ جەنۇبتىكى ھەرقايسى شەھەرلەردە «ھۆسن تۈزەش ئورنى»، «ھورداقخانا»، «ئۇۋىلاش مەركىزى»، «كېچىلىك بەزمىخانا» دېگەندەك ناملار بىلەن پاھىشىخانا مۇلازىمىتى بىلەن شۇغۇللىنىشىغا «يېشىل چىراغ» يېقىپ بەرگەن.

ئۇندىن باشقا، ئۇ يەنە ئۆتكەن يىلىدىن بۇيان دائىرىلەرنىڭ پۈتۈن ئاپتونوم رايون مىقياسىدا يىلدا ئىككى قېتىم ئېلىپ بېرىلىدىغان ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش بويىچە سەھىيە ساھەسىدىكى تەشۋىقات خىزمىتىنى توختىتىپ قويغانلىقىنى تىلغا ئالدى. 2014-يىلىنىڭ ماي ئايلىرىدىن باشلانغان «قاتتىق زەربە بېرىش» دولقۇنى داۋامىدا دائىرىلەر ئاتالمىش «مۇقىملىق» نى باھانە قىلىپ ئەيدىزگە قارشى ئاممىۋى تەشۋىقات پائالىيىتى ئېلىپ بېرىشنى توسۇپ قويغان.

ئەيدىز كېسەللىكىنىڭ ئۇيغۇرلار ئارىسىغا شۇنچە تېز يامرىشىدىكى بەزى سەۋەبلەر ھەققىدە ھازىر ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان يەنە بىر ئۇيغۇر زىيالىي رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى. ئۇ ئىلگىرى ئۈرۈمچىدىكى مەلۇم ئالىي مەكتەپتە جەمئىيەتشۇناسلىق بويىچە تەتقىقاتچى خادىم بولۇپ، ئۇنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدا كۆرگەن-بىلگەنلىرىنى، ئەيدىز كېسەللىكىنىڭ تارقىلىشىدىكى سىرلارنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا دەلىللەپ بەردى.

ئۇ 2014-يىلىنىڭ ئىيۇل ئايلىرىدا، يەنى رامزان داۋام قىلىۋاتقان كۈنلەردە ئۆزىنىڭ خوتەندە خىزمەتتە بولغانلىقىنى تىلغا ئالدى. ئۇ ئۆزىنىڭ بىر يەرلىك دوستى بىلەن بىللە شۇ كۈنلەردە خوتەن شەھىرىدىكى خىتاي كۆچمەنلىرى مەركەزلەشكەن بىر كوچىنى كۆزەتكەنلىكىنى، ئۇ يەردە ھەر خىل ۋىۋىسكىلارنى ئاسقان دۇكانلارنىڭ ئالدىدا خىتاي پاھىشىلەرنىڭ ئەركىن-ئازادە يۈرگەنلىكىنى كۆرگەنلىكىنى بايان قىلدى. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي قوراللىق ساقچى ۋە ئەسكەرلىرى تانكا-برونېۋىك ماشىنىلارنىڭ ھىمايىسىدە خوتەن شەھىرىدىكى سېسىق نامى پۇر كەتكەن «قىزىل چىراغ» رايونىنى 24 سائەت قوغدايدىكەن.

ئۇ يەرلىك دائىرىلەرنىڭ ناماز ئوقۇغان، روزا تۇتقان ياكى ياغلىق-پەرەنجە ئارتقان ئۇيغۇرلارنى قاتتىق نازارەت قىلغىنى بىلەن، قېنىدا ئەيدىز ۋىرۇسىنى ئېلىپ يۈرگەن خىتاي پاھىشەلەرنىڭ ئۇيغۇرلار رايونىدا جىنسىي مۇلازىمەت بىلەن شۇغۇللىنىشىغا «يېشىل چىراغ» يېقىپ بېرىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

تەپسىلاتىنى ئاۋاز ئۇلىنىشتىن ئاڭلىغايسىز.