يەرلىك تېببىي خادىملار ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئەيدىز كېسىلىنى تىزگىنلەش خىزمىتىنىڭ يېتەرلىك ئەمەسلىكىنى تەكىتلىدى
2015.12.03
«كېسەلنىڭ تارقىلىش مەنبەسىنى تىزگىنلىمەي تۇرۇپ، يۇرتىمىزدا كۈندىن-كۈنگە يامراۋاتقان ئەيدىزدىن ئىبارەت بۇ ئاپەتنىڭ قانداقمۇ ئالدىنى ئالغىلى بولسۇن!؟»
ئۇيغۇر ئېلىگە يامراۋاتقان ئەيدىز كېسىلى ھەققىدە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ مەلۇم ناھىيەسىدىكى بىر كەسپىي تېببىي خادىم يۇقىرىقى سۆزلەر بىلەن ئۆز بايانلىرىنى باشلىدى.
«ھەر يىلى كۈزدە قولىغا ئازراق پۇل كىرگەن بىر قىسىم دېھقان ياشلىرى، جەمئىيەتتىكى كۈندىلىك ئىشلەپ جان باقىدىغان ئىشسىزلار، ھەتتا بىر قىسىم يېڭىدىن خىزمەتكە چىققان كادىرلار ئىچىدىمۇ بىلىپ-بىلمەي كوچىلاردا ئارقا-ئارقىدىن ئېچىلىۋاتقان ‹مېھمانخانا›، ‹ساتىراشخانا›، ‹ھورداقخانا› دېگەندەك ئورۇنلارغا كىرىپ-چىقىدىغانلار كۆپ. ئۇلارنىڭ ئارىسىدا جىنسىي يول ئارقىلىق ئەيدىز ۋىرۇسىنى يۇقتۇرۇۋالغانلار خېلى بار. بەزىلىرى بىزنىڭ شەخسىي دوختۇرخانىغا ئوكۇل ئاستۇرغىلى كىرىدۇ، لېكىن بىز ئۇلارنى ناھىيەلىك دوختۇرخانىغا كىرىپ داۋالىنىشنى بۇيرۇيمىز.»
ئۇ يەنە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «گەرچە ئەيدىزگە قارشى تەشۋىقاتلار قەرەللىك ھالدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن زادىلا يېتەرلىك ئەمەس. چۈنكى كېسەلنىڭ بېشىنى، يەنى كېسەلنىڭ تارقىلىش مەنبەسىنى يوقاتماي تۇرۇپ، ئۇنى قانداقمۇ تىزگىنلىگىلى بولسۇن! ھازىر دوقمۇش-دوقمۇشلاردا ئاتالمىش ‹مېھمانخانا›، ‹ساتىراشخانا›، ‹ھورداقخانا›، ‹پۇت يۇيۇش-ئۇۋىلاش› دېگەندەك رەڭگارەڭ ئورۇنلار ئېچىلىپ كەتتى. ھۆكۈمەت مۇشۇ جايلارنى قاتتىق تەكشۈرۈپ، ئۇنىڭ ئىچىدىكى بۇزۇقچىلىقلارنىڭ ئالدىنى ئېلىپ بولالمىدى. بەزىدە ساقچى دېگەنلەرنىڭ يولۋاستەك ھۆركىرەپ بۇ ئورۇنلارنى ھازىرلا تاقايدىغاندەك ئەلپازدا كىرىپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرىمىز، ئەمما ئۇلار ھايال ئۆتمەيلا مۈشۈكتەك سالپىيىپ قايتىپ چىقىدۇ. ئۇلارنىڭ گېلىنى ياغلامدۇ ياكى بانكا كارتىسىغا پۇل سالامدۇ؟ بىلمىدىم، بۇ ئورۇنلار يەنە بۇرۇنقىدەك سودىسىنى داۋاملاشتۇرۇپ كېتىۋېرىدۇ. باشقا ئىشلارنى، مەسىلەن ‹مۇقىملىق› نى شۇنچە چىڭ تۇتالىغان ھۆكۈمەت بۇلارنى نېمىشقا باشقۇرالمايدۇ؟»
«مەن 40 يىل تېببىي ساھەدە ئىشلىگەن بىر كەسپىي خادىم. ھازىر پېنسىيەگە چىقتىم. دوختۇرخانىمىزغا كىرگەن ياشلارغا ھەمدە ئۇچرىغانلىكى كىشىلەرگە بۇ ھەقتە ئاگاھلاندۇرۇش بېرىپ تۇرۇۋاتىمىز. ھالبۇكى، بىزنىڭ تۆۋەندىكى خەلقنىڭ، بولۇپمۇ تەربىيە كۆرمىگەن دېھقان ياشلىرىنىڭ بۇ ھەقتە ھېچقانداق بىلىمى بولمىغاچقا ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىشىدا ئۈنۈملۈك ئىلگىرىلەش بولمايۋاتىدۇ. مېنىڭچە، بۇنىڭ تەشۋىقاتىنى ئائىلە، باشلانغۇچ مەكتەپلەردىن تارتىپ كەنت-يېزىلارغا قەدەر قەدەممۇ-قەدەم جەمئىيەتنىڭ ھەرقايسى قاتلاملىرىدا تىنىمسىز ئېلىپ بېرىش كېرەك. ھالبۇكى، ھېس قىلىشىمچە، يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ بۇ ھەقتىكى تەشۋىقىي-تەربىيە ۋە يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش جەھەتتىكى خىزمەتلىرى يېتەرلىك ئەمەس.»
ئىلگىرى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئەيدىز كېسىلىنى تىزگىنلەش مەركىزىدە ئۇزۇن يىل كەسپىي خادىم بولۇپ ئىشلىگەن، ھازىر ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان، ئەمما نام-شەرىپىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان بىر نەپەر ئۇيغۇر خادىممۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى:
«بۇرۇن ئاپتونوم رايون بويىچە ھەر يىلى ئاساسىي قاتلامدا ئەيدىزگە قارشى تەشۋىقات ۋە تېببىي جەھەتتىن مەسلىھەت بېرىش پائالىيەتلىرى ئېلىپ بېرىلاتتى. 20 نەچچە كەسپىي خادىم جاي-جايلارغا بېرىپ ئۇيغۇر تىلىدا لېكسىيە بېرەتتى. لېكىن 2013-يىلىدىن بۇيان ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ھەققىدىكى خىزمەتلەر توختاپ قالدى. ھەتتا 2014-يىلى پۈتۈنلەي توختاپ قالدى. بىز مەسئۇل خادىملاردىن تۆۋەنگە بېرىپ تەشۋىقات خىزمىتى ئېلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان بولساقمۇ، لېكىن باشلىقلار مۇقىملىق خىزمىتىنى باھانە قىلىپ بۇنىڭغا ئەھمىيەت بەرمىدى.»
ئاخىرىدا بىز ئامېرىكىنىڭ كولومبىيە ئۇنىۋېرسىتېتى مېدىتسىنا تەتقىقات مەركىزىدە خىزمەت قىلىۋاتقان تەتقىقاتچى مۇھەممەت ئىمىن ئەپەندىنىڭ پىكرىنى ئالدۇق. ئۇ ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدىكى رايونلارغا شۇ قەدەر تېز تارقىلىشىدىكى مۇھىم سەۋەبلەرنىڭ بىرى دەل يەرلىك دائىرىلەرنىڭ ئۈنۈملۈك ھالدا ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ئەھمىيەت بەرمىگەنلىكىدە، دەپ كۆرسەتتى.