مۇتەخەسسىسلەر: «ئۇيغۇر دىيارىدىكى نەپەس يولى ۋە ئۆسمە كېسەللىكلىرىنى مۇھىت بۇلغىنىشى كەلتۈرۈپ چىقارغان»
2018.04.25
چەتئەللەردىكى بىر قىسىم مۇھىت مۇتەخەسسىسلىرى بىلەن تېببىي خادىملار ئۇيغۇر دىيارىدىكى مۇھىت بۇلغىنىشى ھەققىدە توختىلىپ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان رايوندا بارغانسېرى كۆپىيىۋاتقان نەپەس يولى ۋە ئۆسمە كېسەللىكلىرىگە مۇھىت بۇلغىنىشىنىڭ بىۋاسىتە سەۋەب بولۇۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ئۇلار، يېقىنقى 20 يىلدىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا شىددەت بىلەن كان بايلىقلىرىنى ئېچىشى، بولۇپمۇ رايوندىكى كۆمۈر، تۆمۈر، مىس ۋە باشقا قېزىلما بايلىقلارنى ھەددىدىن ئارتۇق قېزىشى شۇنىڭدەك كۆمۈرگاز زاۋۇتلىرىنى كۆپلەپ قۇرۇشى تۈپەيلىدىن رايون مۇھىتىنىڭ ئېغىر دەرىجىدە بۇلغانغانلىقىنى تىلغا ئېلىشماقتا. ئۇلار يەنە بۇ ئەھۋالنىڭ رايوندا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر قاتارلىق يەرلىك خەلقلەردە بۇرۇن ياللۇغى، ئۆپكە ياللۇغى، كاناي-بوغۇز ياللۇغى قاتارلىق نەپەس يولى كېسەللىرىنى ھەمدە قىزىل ئۆڭگەچ راكى، ئاشقازان راكى، ئۈچەي راكى، لىمفا راكى، جىگەر راكى ئاياللاردىكى ئەمچەك راكى ۋە بالىياتقۇ راكى قاتارلىق يامان سۈپەتلىك ئۆسمە كېسەللىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىمەكتە.
21-ئاپرېلدىكى «دۇنيا يەرشارى كۈنى» مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇيغۇر مۇھىت مۇتەخەسسىسلىرىدىن دوكتور مۇختەر چوڭ رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى. ئۇ ئىلگىرى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ جۇغراپىيە فاكۇلتېتىدا خىزمەت قىلغان بولۇپ، كېيىنچە ياپونىيەدە ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتى بويىچە تەتقىقات ئېلىپ بارغان ئىدى. ئۇ، ئۇيغۇر دىيارىدىكى مۇھىت مەسىلىسى ۋە ئۇنىڭ تەسىرى ھەققىدە ئۆز قاراشلىرىمۇ بايان قىلدى.
ئۇنىڭ قارىشىچە، تارىم ئويمانلىقىدا نېفىت ۋە تەبىئىي گاز قاتارلىق يەر ئاستى بايلىقلىرىنى ھەددىدىن زىيادە ئېچىشتەك ئىنسانلار تەرىپىدىن سۈنئىي يوسۇندا پەيدا قىلىنغان مۇھىت بۇزغۇنچىلىقى ئەسلىدىنلا ھاۋا كىلىماتى قۇرغاق بولغان خوتەن، قەشقەر، ئاقسۇ قاتارلىق جەنۇبىي ئۇيغۇر دىيارىدىكى بوستانلىقلارنىڭ قۇملىشىشىنى، سۇ يۈزىنىڭ تۆۋەنلىشىنى، توغراق-يانتاق قاتارلىق تەبىئىي ئورمان ياكى يېپىنچا ئۆسۈملۈكلەرنىڭ قۇرۇپ كېتىشىنى، بورانلىق ۋە چاڭ-توزانلىق كۈنلەرنىڭ كۆپىيىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. بۇنىڭ نەتىجىسىدە ئۇيغۇر دىيارىدا، بولۇپمۇ جەنۇبىي ئۇيغۇر دىيارىدا ياشايدىغان يەرلىك ئاھالىلەر ئارىسىدا تۈرلۈك ئۆسمە كېسەللىرى ۋە نەپەس يولى كېسەللىكلىرىنىڭ ئەۋج ئېلىشىدەك بىر يامان ئەھۋال كۆرۈلۈشكە باشلىغان.
تېببىي ساھەدىكى ئۇيغۇر مۇتەخەسسىسلەرمۇ بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، پىكىر بايان قىلدى. ئىلگىرى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئۆسمە كېسەللىكلەر دوختۇرخانىسىنىڭ دوختۇرى بولغان، كېيىنچە ياپونىيەدە گېن تەتقىقاتى ۋە ئۆسمە كېسەللىرى بويىچە دوكتورلۇق ئىلمىي ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن، ھازىر ۋاشىنگتوندىكى مەلۇم دوختۇرخانىدا ئىشلەۋاتقان جۈرئەت ئوبۇل ئەپەندىمۇ بۇ ھەقتە ئۆز قاراشلىرىنى بايان قىلدى.
ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئۆسمە كېسەللىرى ۋە نەپەس يولى كېسەللىكلىرىنىڭ نىسبىتى خىتايدىكى ھەرقانداق بىر ئۆلكە ۋە رايوندىن ئېغىر ئىكەن. بۇنىڭ ئاساسلىق سەۋەبىنى ئۇيغۇر دىيارىدا ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 60-يىللىرىدىن 90-يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرىغا قەدەر ئېلىپ بېرىلغان ئاتوم سىناقلىرى بىلەن يېقىنقى 30 يىلدىن بۇيان رايوندا كۆرۈلگەن ئېغىر دەرىجىدىكى مۇھىت بۇلغىنىشىدىن ئىزدەشكە بولىدىكەن.
مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلاردىن بىر قىسىم كىشىلەرمۇ بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلىپ، ئىلگىرى ئۆزلىرى كۆرگەن ياكى شاھىت بولغان مۇھىتقا دائىر بەزى تەپسىلاتلارنى بايان قىلىپ ئۆتتى. كانادادا ياشاۋاتقان مۇكەررەم خانىم ئەنە شۇلاردىن بىرى. ئۇ ئىلگىرى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كۆمۈر كان نازارىتىنىڭ ئۈرۈمچى شوربۇلاقتىكى كۆمۈركان-خىمىيە زاۋۇتىدا ئۇزۇن يىل ئىشلىگەن ئىكەن. ئۇ ئىلگىرى ئۆزى ئىشلىگەن مەزكۇر زاۋۇتتا كۆرگەن ئەھۋاللارنى بايان قىلدى.
ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ئاھالىلەر رايونىغا قۇرۇلغان بۇ زاۋۇتتا كۆمۈر كانلارنى پارتلىتىدىغان پارتلاتقۇچ دورىلار ئىشلەپچىقىرىلىدىكەن. لېكىن زەھەرلىك ماددا ت ن ت ۋە زاۋۇتتىن قويۇپ بېرىلىدىغان پاسكىنا سۇلارغا قارىتا ئەينى چاغدا ھېچقانداق بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ئېلىنمىغان ئىكەن. ئۈرۈمچى شوربۇلاقتىكى بۇ زاۋۇت ئەتراپىدا قۇرۇقلۇق ئارمىيە مەكتىپى، بوغالتىر-كادىرلار مەكتىپى، ئىتتىپاق مەكتىپى قاتارلىق مەكتەپلەر بار بولۇپ، نۇرغۇن ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار ۋە ئولتۇراق ئاھالىلەر ياشايدىكەن.
مېدىتسىنا پەنلىرى دوكتورى جۈرئەت ئوبۇل ئەپەندى، ئۇيغۇر دىيارىدىكى مۇھىت بۇلغىنىشى سەۋەبلىك رايوندا ئەۋج ئالغان ھەر خىل ئۆسمە كېسەللىكلىرى بىلەن نەپەس يولى كېسەللىكلىرىنىڭ ئىستاتېسكىلىق مەلۇماتلىرى خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئۈزلۈكسىز ھالدا يوشۇرۇپ كېلىنىۋاتقان مەخپىيەتلىك بولغىنى ئۈچۈن خەلقئارادا ئۇيغۇر دىيارىدىكى كېسەللىكلەرنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبىنى ئېنىقلاش تەتقىقاتىنىڭ ئىنتايىن تەس بولۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
ھالبۇكى، مۇختەر چوڭ ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، يېقىنقى بىر ئىككى يىلدىن بۇيان خەلقئارادا ئۇيغۇر دىيارىنىڭ مۇھىتى ھەققىدىكى خەۋەرلەر ۋە دوكلاتلار كۆپەيگەن. بۇ سەۋەبتىن خىتاي ھۆكۈمىتىمۇ رايوندىكى مۇھىت بۇلغىنىشىنىڭ زىيان-زەخمەتلىرى ھەققىدىكى بىر قىسىم خەۋەر ۋە دوكلاتلارنى ئېلان قىلىش مەجبۇرىيىتىدە قالغان.