ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئاھالىلەرنىڭ شەخسىي سالامەتلىك ئارخىپىنىڭ تۇرغۇزۇلۇشى گۇمان قوزغىماقتا
2017.11.06
«شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ 2-نويابىردىكى سانىدا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بويىچە بىر تۇتاش ئېلىپ بېرىلغان 2017-يىللىق ئومۇمىي خەلق سالامەتلىك تەكشۈرۈشىنىڭ 30-ئۆكتەبىر كۈنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاياغلاشقانلىقى خەۋەر قىلىندى.
خەۋەردە دېيىلىشىچە، بۇ قېتىمقى ئومۇمىي خەلق ھەقسىز سالامەتلىك تەكشۈرۈشىگە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا 18 مىليون 840 مىڭ ئاھالە قاتناشتۇرۇلغان. بۇلارنىڭ ئىچىدە 13 مىليون 960 مىڭ كىشىنىڭ شەخسىي سالامەتلىك ئارخىپى تۇرغۇزۇلغان. خەۋەردە دىققەت قوزغايدىغان يەنە بىر نۇقتا شۇكى، بۇ قېتىمقى سالامەتلىك تەكشۈرۈشىدە جەنۇبىي ئۇيغۇر رايونىدىكى 3 ۋىلايەت بىر ئوبلاستى ئاساس قىلىنغان بولۇپ، بۇ يەردىكى 9 مىليون 127 مىڭ كىشىنىڭ سالامەتلىكى تەكشۈرۈلۈپ ئارخىپلاشتۇرۇلغان.
خەۋىرىدە يەنە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئومۇميۈزلۈك ئېلىپ بېرىلغان«ھەقسىز سالامەتلىك تەكشۈرۈشى» نىڭ بۇلتۇر 9-ئايدا باشلانغانلىقى، بۇ قېتىمقى سالامەتلىك تەكشۈرۈشىگە 1 مىليارد 580 مىليون يۈەن سەرپ قىلىنغانلىقى ئالاھىدە ئەسكەرتىلگەن.
بۇ دەل خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئىلگىرىكى سېكرېتارى جاڭ چۈنشەننى يۆتكەپ كېتىپ، ئۇنىڭ ئورنىغا چېن چۈەنگونى سېكرېتار قىلىپ تەيىنلىگەن ۋە ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان باستۇرۇش ھەسسىلەپ كۈچەيگەن مەزگىلگە توغرا كەلگەن. بۇ ئەھۋال ۋەزىيەت ئانالىزچىلىرىنىڭ جىددىي دىققىتىنى قوزغىدى.
نۆۋەتتە ئەنگلىيەدە تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇر پائالىيەتچىسى ئەنۋەر توختى ئەپەندى ئىلگىرى ئۈرۈمچى تۆمۈريول دوختۇرخانىسىدا دوختۇر بولۇپ ئىشلىگەن. ئۇ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا ئېلىپ بارغان ئاتوم سىناقلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ كەلگەن ئاپەتلىرى ۋە دائىرىلەرنىڭ ئۇيغۇر سىياسىي مەھپۇسلىرىنىڭ ئىچكى ئورگانلىرىنى يۆتكەپ ئىشلىتىش قىلمىشلىرى ھەققىدە تاشقى دۇنياغا كۆپلىگەن ئۇچۇرلارنى بەرگەن ئۇيغۇر پائالىيەتچىسىدۇر.
ئەنۋەر توختى ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، بۇ قېتىم ئۇيغۇر دىيارىدا تاماملانغان ئاتالمىش «ئومۇمىي خەلق ھەقسىز سالامەتلىك تەكشۈرۈشى» ۋە ئاھالىلەرنىڭ شەخسىي سالامەتلىك ئارخىپىنىڭ تۇرغۇزۇلۇشى ئالاقىدار ساھەلەرنىڭ جىددىي گۇمانىنى قوزغاۋاتقان نۇقتىلارنىڭ بىرى ئىكەن.
تۈركىيەدىكى دوختۇر پولات ئەپەندى بىلەن ياپونىيەدە گېن تەتقىقاتى بويىچە دوكتورلۇق ئۇنۋانىنى ئالغاندىن كېيىن نۆۋەتتە ۋاشىنگتوندىكى مەلۇم دوختۇرخانىدا ئىشلەۋاتقان دوكتور جۈرئەت ئوبۇل ئەپەندىلەرمۇ ئۆزلىرىنىڭ بۇ جەھەتتىكى گۇمانىي قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ئۆزىنىڭ ئىلگىرى خىتاي بويىچە نامرات ناھىيىلەر مەركەزلەشكەن جەنۇبىي ئۇيغۇر رايونىدا دوختۇر بولۇپ ئىشلىگەنلىكىنى بىلدۈرگەن پولات ئەپەندى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قەدەر كۆپ ئىقتىساد ۋە ئادەم كۈچى سەرپ قىلىپ، ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان جەنۇبىي ئۇيغۇر دىيارىدا 9 مىليوندىن ئارتۇق ئاھالە ئۈستىدىن «ھەقسىز سالامەتلىك تەكسۈرۈشى» ئېلىپ بېرىشى ۋە 13 مىليون كىشى ئۈستىدىن ئارخىپ تۇرغۇزۇشىنىڭ خىتاي ھۆكۈمەت تەشۋىقاتىدا تىلغا ئېلىنغاندەك «خەلققە مەنپەئەت يەتكۈزۈش» نى ئەمەس، بەلكى مەلۇم خۇپىيانە مەقسەتنى كۆزلەۋاتقان بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.
جۈرئەت ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا مەجبۇرىي ھالدا «ئومۇمىي خەلق سالامەتلىك تەكشۈرۈشى» ئېلىپ بېرىشى، مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا، يەرلىك ئۇيغۇرلارنىڭ DNA ئەۋرىشكىسىنى توپلاش ئارقىلىق رايوندىكى كونتروللۇقنى كۈچەيتىش ۋە ئورگان يۆتكەشكە ئالدىنئالا ئارخىپ تۇرغۇزۇش قاتارلىق رەزىل مەقسەتلەرنى كۈزلەيدىكەن.
جۈرئەت ئەپەندى يەنە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا «ئومۇمىي خەلق ئۈستىدىن سالامەتلىك تەكشۈرۈشى» ئېلىپ بېرىشى ۋە ئارخىپ تۇرغۇزۇشى ئەمەلىيەتتە خەلقئارا قانۇندا بەلگىلەنگەن «شەخسلەرنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالى، بولۇپمۇ DNA مەخپىيەتلىكىنى ئاشكارىلىماسلىق» دېگەن بەلگىلىمىگە خىلاپ قىلمىش ئىكەن. ئۇ، بۇ مەسىلىگە چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرىنىڭ جىددىي دىققەت قىلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.