ئۇيغۇر دىيارى خەلقئارالىق زەھەر ئەتكەسچىلىكىنىڭ ئاساسلىق بازىرى بولۇپ قالدى

مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە
2013.09.05
yarp-zeher-cheklesh-305 يارپ زەھەر چەكلەش ۋە ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەسلىھەت سوراش مەركىزىنىڭ تور بەت كۆرۈنۈشى
www.yarp.net.cn

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق زەھەر چەكلەش خىزمىتى يىللىق يىغىنىدا ئاشكارىلانغان مەلۇماتلارغا قارىغاندا، خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىكى زەھەر چەكلەش تارماقلىرى ئۇيغۇر ئېلى مىقياسىدا، يېقىنقى 8 ئاي ئىچىدە قولغا چۈشۈرگەن زەھەرلىك بۇيۇملارنىڭ مىقدارى 2 توننىدىن ئاشقان.

ئۇيغۇر دىيارى «ئالتۇن ئۈچ بۇرجەك» ۋە «ئالتۇن ھىلال ئاي» دىن ئىبارەت دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ زەھەر ئۇۋىلىرىنىڭ ئەڭ ئاساسلىق زەھەر يۆتكەش قانىلى ۋە مەركەزلىك زەھەر ئەتكەسچىلىك بازىرى بولۇپ قالغان. زەھەر ۋەزىيىتى ئىنتايىن كەسكىن بولۇپ، ئىنتايىن يېڭى تىپتىكى زەھەرنىڭ تېز يامرىشى ياش ئۆسمۈرلەرگە تەھدىت ئېلىپ كەلمەكتە ئىكەن.

8 ئاي ئىچىدە ئىككى توننىدىن ئارتۇق زەھەر بايقالغان

«زەھەر ئەتكەسچىلىرى ئۇيغۇر ئېلىنى، ئالتۇن ھىلال ئاي زەھەرلىرىنى خىتاينىڭ باشقا ئۆلكىلىرىگە توشۇپ تارقىلىش مەركىزى، شۇنداقلا ئالتۇن ئۈچ بۇرجەك زەھەرلىرىنىڭ خىتاي ئۆلكىلىرىدىن كىرىپ غەربىي شىمالدىكى ئۆلكە شەھەرلەرگە تارقىتىش ۋە ئىستېمال بازىرى قىلىۋالغانلىقتىن،ئۇيغۇر ئېلىنىڭ زەھەر چەكلەش ۋەزىيىتى تېخىمۇ جىددىيلەشتى. ئۇيغۇر ئېلى خەلقئارادىكى ئىككى چوڭ زەھەر بازىلىرىنىڭ ئىككى تەرەپتىن ھۇجۇمىغا دۇچ كەلمەكتە، زەھەرنى قوللانغۇچىلار، زەھەر ئەتكەسچىلىكىگە چېتىلىدىغان ئادەم كۆپەيمەكتە، زەھەرنى پىششىقلاپ ئىشلەشكە قارىتا قاتتىق زەربە بېرىش خىزمىتى ھازىرغا قەدەر يېتەرلىك ئەمەلىيلەشمىدى» بۇ بايانلار، 2-سېنتەبىر ئۈرۈمچىدە ئېچىلغان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق زەھەر چەكلەش خىزمەت يىغىنىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى زەھەر چەكلەش تارماقلىرىنىڭ 8 ئايلىق زەھەر چەكلەش خىزمەت خۇلاسىسى.

زەھەر چەكلەش خىزمەت يىغىنى ھەققىدە خىتاينىڭ قانۇن تورلىرى، شىنجاڭ تىنچلىق تورى قاتارلىقلاردا ئېلان قىلىنغان خەۋەرلەردىن ئاشكارىلىنىشىچە، بۇ يىل كىرگەندىن بۇيانقى 8 ئاي ئىچىدە ئۇيغۇر دىيارىدا زەھەر دېلوسىدىن 1326 سى پاش بولغان، 1541 زەھەر ساتقۇچى تۇتۇلغان، دائىرىلەر تەرىپىدىن يىغىۋېلىنغان زەھەرلىك چېكىملىك بۇيۇملىرىنىڭ مىقدارى جەمئىي ئىككى توننا 30كىلوگرامغا يەتكەن.

يېڭى تىپتىكى زەھەر ياش ئۆسمۈرلەرنى نىشان قىلماقتا

يىغىندا، مۇناسىۋەتلىك تارماقلارنىڭ زەھەر چەكلەشتە يەنىمۇ كۈچلۈك تەدبىر قوللىنىپ، ناھىيە دەرىجىلىك تارماقلاردىن باشلاپ زەھەرنىڭ تارقىلىشىنى قەدەم، باسقۇچلۇق قاتتىق كونترول قىلىش، زەھەرنى چەكلەشكە توسالغۇ بولۇۋاتقان نۇقتىلارغا قاراتمىلىق زەربە بېرىپ زەھەر چەكلەش خىزمىتىدە يېڭى ئۇنۇم يارىتىش تەكىتلەنگەن.

ئۈرۈمچى شەھەرلىك زەھەر چەكلەش باش ئەترىتىنىڭ مۇئاۋىن قوماندانى جۇ جيې قانۇن تورى مۇخبىرىغا «ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ زەھەر چەكلەش ۋەزىيىتىدىن قارىغاندا، يېقىنقى بىر قانچە يىلدىن بۇيان زەھەر چەكلەش ۋەزىيىتى بارغانچە كەسكىنلەشمەكتە، زەھەر ئەتكەسچىلىكى بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار ۋە زەھەر قوللانغۇچىلار سانى بارغانچە كۆپەيمەكتە، بۇ يىل بىزنىڭ ئەترەت تەرىپىدىن كۆيدۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغان زەھەر بۇيۇملار 700 كىلوگرامدىن ئاشىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە خروئىندىن باشقا يەنە ھەر تۈرلۈك سېزىم پەيدا قىلىدىغان، روھلاندۇرىدىغان خۇمار قىلىش كۈچى بولغان زەھەر تۈرىگە كىرىدىغان نۇرغۇن زەھەرلىك بۇيۇملار بار. قاتتىق زەربە بېرىشتە بۇ تۈردىكى زەھەرلەرگە بەكرەك كۈچ سەرپ قىلىۋاتىمىز» دەپ بىلدۈرگەن.

جۇ جيېنىڭ چۈشەندۈرۈشىچە، ئىلگىرى خروئىن ئەڭ كەڭ تارالغان زەھەر بولغان بولسا، نۆۋەتتە ئۇنىڭ ئورنىنى بارغانچە سېزىم پەيدا قىلىش كۈچى بولغان تۈرلۈك بىرىكمە يېڭى زەھەرلىك بۇيۇملار ئېلىشقا باشلىغان شۇنداقلا بۇ خىل زەھەرنى ئىستېمال قىلغۇچى ياش ئۆسمۈرلەرنىڭ بارغانچە كۆپىيىشى دىققەتنى تارتىدىغان مەسىلە ئىكەن.

زەھەر چەكلەش يەنىلا كەسكىن ۋەزىيەتتە

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق جىنايەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى يالقۇن تىللايوف ئىلگىرى يارپ زەھەر چەكلەش تورىدا بۇ ھەقتە توختىلىپ «يېڭى تىپتىكى زەھەرلىك چېكىملىكلەر خىمىيىۋى بىرىكمىلەردىن ياسالغان، خىيالىي سېزىم پەيدا قىلىدىغان، روھلاندۇرىدىغان دورىلار تۈرىگە كىرىدىغان زەھەرلىك بۇيۇملارنى كۆرسىتىدۇ. ھازىر ئاپتونوم رايونىمىزدا كەڭ تارقىتىۋاتقان گىلدىڭباش كۇمىلىچى قاتارلىق يېڭى تىپتىكى زەھەرلىك چېكىملىكلەر كۆپىنچە كۆڭۈل ئېچىش سورۇنلىرى قاتارلىق ئورۇنلاردا تارقىلىۋاتىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە يېڭى تىپتىكى زەھەرلەرگە ئادەم ئاسانلا خۇمار بولۇپ قالىدۇ. شۇڭا ئاتا-ئانىلار يېڭى تىپتىكى زەھەرنىڭ زىيىنى ۋە زەھەر چەكلەش بىلىملىرىنى ئىگىلىشى، بالىلىرىنىڭ زەھەرگە قارشى تۇرۇشتىكى ئۇستازى بولۇشى، بالىلىرىنىڭ دوست تۇتۇشىغا دىققەت قىلىشى ھەم بالىلىرىنىڭ مىجەزى ۋە ھەرىكىتىدە بىنورماللىقنى بايقىغاندا، ۋاقتىدا سەۋەبىنى ئېنىقلاشقا ماھىر بولۇشى كېرەك. شۇنداقلا ياشلار-ئۆسمۈرلەرگە يېڭى تىپتىكى زەھەرنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە زىيىنىنى تولۇق تونۇتۇپ، ئۇلارنىڭ ئۆزىنى قوغداش ئېڭىنى كۈچەيتىشى كېرەك» دېگەن.

ئۇيغۇر ئېلىدە تۇنجى ۋە بىردىن-بىر ئەلئىچى زەھەر چەكلەش مەسلىھەت بېرىش مەركىزىنىڭ قۇرغۇچىسى، ئۇيغۇر تىلىدىكى تۇنجى زەھەرگە قارشى تۇرۇش ساۋادلىقى بولغان «خروئىن» ناملىق كىتابىنىڭ مۇئەللىپى مۇتەخەسسىس ئەخمەت قۇربان، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خروئىنغا خۇمار بولغان زەھەرلىك چېكىملىك چەككۈچىلەرنىڭ سانى ئازايغان بولسىمۇ، زەھەر ۋەزىيىتىنىڭ يەنىلا ئەندىشىلىك بىر ئەھۋالدا ئىكەنلىكىنى، بولۇپمۇ يېڭى تىپتىكى زەھەرلەرنىڭ كۆپىيىشى بىلەن، ئۇيغۇر ئېلىدە زەھەرگە قارشى تۇرۇشنىڭ تېخىمۇ رىقابەتلىك كەسكىن بىر ۋەزىيەتكە دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.