11-ئۆكتەبىر كۈنى چېخ جۇمھۇرىيىتىنىڭ پايتەختى پراگا شەھىرىدە باشلانغان 23-نۆۋەتلىك «مۇنبەر 2000» يىغىنىغا ئۇيغۇرلارمۇ قاتناشتى.
مەركىزى پراگا شەھىرىدە بولغان «مۇنبەر 2000» فوندى جەمئىيىتى ئامېرىكادىكى دېموكراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۈش فوندى جەمئىيىتى، چېخ جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى، مەدەنىيەت مىنىستىرلىقى، ياۋروپا ئىتتىپاقى كېڭىشى، ئامېرىكا ئەلچىخانىسى قاتارلىق 20 دىن ئارتۇق ئورگاننىڭ بىرلىكتە ساھىبخانىلىق قىلىشى بىلەن 11-ئۆكتەبىر كۈنى 23-نۆۋەتلىك «مۇنبەر 2000» يىغىنى يۈزلىگەن كىشىلەرنىڭ قاتنىشىشىدا پراگا شەھىرىدە داغدۇغىلىق باشلانغان.
مەزكۇر يىغىندا دۇنيانىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىدىكى ئۆزگىرىشلەر، غەرب ئەللىرىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى ئىدىيەۋىي تۇراقسىزلىقلار، دۇنيا مىقياسىدا دېموكراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە قوغداش مەسىلىلىرى، خىتاي بىلەن ھىندىستاننىڭ باش كۆتۈرۈپ چىقىشى نەتىجىسىدە بارلىققا كېلىۋاتقان دۇنياۋى يېڭى تەرتىپ ۋە بۇنىڭ كېلەچەكتىكى 30 يىلدا كىشىلەرنىڭ ھاياتىغا كۆرسىتىدىغان تەسىرلىرى، خىرىسقا يۈزلىنىۋاتقان غەرب قىممەت قارىشى ۋە دېموكراتىيەسىنى قانداق قىلغاندا ساقلاپ قالغىلى بولىدىغانلىقى قاتارلىق كۆپ خىل مەسىلىلەر مۇزاكىرە تېمىسى سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا قويۇلىدىكەن ھەم تالاش-تارتىش قىلىنىدىكەن.
بۇ يىغىننىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا چېخ جۇمھۇرىيىتىنىڭ پرېزىدېنتى زۇزاننا خانىم كېسەللىك سەۋەبى بىلەن قاتنىشالمىغان بولسىمۇ، كۆپلىگەن مىنىستىرلار قاتناشقان ۋە بەزى دۆلەتلەرنىڭ سابىق پرېزىدېنتلىرى، تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى، نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىنىڭ ساھىبلىرى، سىياسىيونلار، ئەدىبلەر، سەنئەتكارلار، ئاخبارات خادىملىرى ھەمدە 5 قىتئەدىن كەلگەن يۈزلىگەن كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى ئىشتىراك قىلغان. تىبەت سۈرگۈندىكى ھۆكۈمىتىنىڭ ۋەكىللىرى، تەيۋەن دېموكراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتى قاتارلىقلار بىلەن بىر قاتاردا د ئۇ ق نىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا، «ئۇيغۇر ھەرىكىتى» تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى روشان ئابباس ۋە ئۇيغۇر سىياسىي ئاكتىپلىرىدىن سانىيە قاتارلىقلارمۇ تەكلىپكە بىنائەن بۇ يىغىنغا قاتناشقان.
3 كۈن داۋاملىشىدىغان بۇ يىغىندا ئۇيغۇر دىيارىدىكى جازا لاگېرلىرى مەسىلىسىنى ۋە ئۇنىڭغا قامالغان مىليونلىغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئازابلىق تەقدىرىنى كەڭ تونۇتۇش ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچىلىرىنىڭ ئاساسلىق مەقسىتىگە ئايلانغان. پراگا شەھىرىدىكى يىغىن مەيدانىدىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى ئاز تېپىلىدىغان بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ بەزى دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرىگە ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى بىلدۈرۈش ئىمكانىغا ئېرىشكەنلىكىنى تىلغا ئالدى.
يىغىننىڭ كۈنتەرتىپىگە بىنائەن، ئۇيغۇرلار ۋە تىبەت ۋەكىللىرىنىڭ سۆز قىلىدىغان ۋاقتى 15-ئۆكتەبىرگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان. د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ۋە «ئۇيغۇر ھەرىكىتى» تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى روشەن ئابباسلار ئەتە ئۇيغۇر دىيارىدىكى جازا لاگېرلىرى مەسىلىسى ئۈستىدە مەخسۇس دوكلات تەقدىم قىلىدىكەن.
روشەن ئابباس خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ بۇ ئىككى كۈن ئىچىدە كۆپلىگەن دۆلەتلەرنىڭ دىپلوماتلىرى ۋە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن كىشىلىك ھوقۇق ئاكتىپلىرى بىلەن ئۇچرىشىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان ئېتنىك قىرغىنچىلىق سىياسەتلىرىنى پاش قىلىشقا تىرىشقان. ئۇ يەنە «پراگ-بېيجىڭ دوستلۇق شەھىرى» پروگراممىسىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش يولىدا زور تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن چېخ جۇمھۇرىيىتى پارلامېنتىنىڭ ھەمدە ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ ئەزاسى بولغان ئىۋان بارتوش ئەپەندى بىلەن كۆرۈشكەندە ئۇنىڭغا كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئىنسانپەرۋەرلىكنى خىتايدىن كېلىدىغان مەنپەئەتتىن يۇقىرى كۆرگەنلىكى ئۈچۈن رەھمەت ئېيتقان. ئىۋان ئەپەندى بولسا «مەن بىر ئىنسانلىق بۇرچۇمنى ئادا قىلدىم، خالاس» دەپ جاۋاب بەرگەن.
گوللاندىيەدە ياشايدىغان ئۇيغۇر زىيالىيسى سانىيە خانىممۇ بۇ قېتىمقى يىغىن توغرىسىدىكى تەسىراتلىرىنى بايان قىلىپ ئۆتتى.
بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ ئاساسى ساھىبخانى بولغان «مۇنبەر 2000» فوندى جەمئىيىتى كىشىلىك ھوقۇق، دېموكراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئېتنىك مىللەتلەرنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرىنى قوغداش مەقسىتىدە چېخ جۇمھۇرىيىتىنىڭ سابىق پرېزىدېنتى ۋاسلاۋ ھاۋېل، ياپونىيەلىك ساخاۋەتچى يوھەئى ساساكاۋا ۋە نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىنىڭ ساھىبى ئەلىيە ۋىسېل تەرىپىدىن 1996-يىلى چېخ جۇمھۇرىيىتىنىڭ پايتەختى پراگادا قۇرۇلغان. بۇ جەمئىيەت شۇندىن بۇيان ھەر يىلى دېگۈدەك مۇستەبىتلىككە، زوراۋانلىققا قارشى تۇرۇش ئىدىيەسى بىلەن «مۇنبەر 2000» پائالىيىتىنى ئۇيۇشتۇرۇپ كەلمەكتە ئىكەن.
0:00 / 0:00