خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى 10-نۆۋەتلىك پارتىيە ۋەكىللىرى قۇرۇلتىيىدا مۇقىملىق ۋە داۋاملىق زەربە بېرىش تەكىتلەنگەن
2021.10.22
21-ئۆكتەبىر كۈنى ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق پارتكومنىڭ 10-نۆۋەتلىك پارتىيە ۋەكىللىرى قۇرۇلتىيى ئېچىلغان. خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىدا بۇ قېتىملىق قۇرۇلتاينى مەدھىيەلىگەن خەۋەر ۋە ماقالىلەر يەر ئالغان.
خىتاينىڭ «تەڭرىتاغ تورى» 21-ئۆكتەبىر كۈنى بۇ قۇرۇلتاي ھەققىدە مەخسۇس ئوبزور ماقالىسى ئېلان قىلغان. ئۇنىڭدا «خىتاي كومپارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىدا، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقى پۈتۈن مەملىكەت خەلقى بىلەن بىرلىكتە ئومۇمىييۈزلۈك بېيىش يولىغا يۈزلەندى. بۇ قۇرۇلتاي كومپارتىيەنىڭ ئىككىنچى يۈز يىللىق تەرەقىيات كۈرەش نىشانىدىكى مۇھىم يىغىن،» دەپ كۆرسىتىلگەن.
ۋاھالەنكى، مەزكۇر قۇرۇلتاي ھەققىدىكى خەۋەرلەردىن ئاشكارىلىنىشىچە، قۇرۇلتايدا ئاساسلىق تېما يەنىلا رايوننىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاشنى بارلىق سىياسىي ۋەزىپىلەردىن مۇھىم دەپ بىلىش تەكىتلەنگەن.
«تەڭرىتاغ تورى» نىڭ بۇ ھەقتىكى ئوبزور ماقالىسىدا مۇنداق دىيىلگەن: «جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئۇزۇن مۇددەت ئەمىنلىك شىنجاڭدىكى بارلىق خىزمەتلەرنىڭ ھالقىلىق نۇقتىسى. ئىلگىرىكى 5 يىلدا ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق پارتكوم بايرىقى روشەن ھالدا مۇقىملىقنى قوغداشنى بارلىق سىياسىي ۋەزىپىلەردىن ئۈستۈن قويدى. مۇقىملىقنى تەيشەن تېغىدىنمۇ ئېغىر بولغان سىياسى ۋەزىپە دەپ بىلدى. قانۇن قۇراللىرى، قانۇنىي ئاڭ، ئۆرنەكلەر ئارقىلىق ئىدارە قىلىش، ئومۇمىييۈزلۈك تەدبىر ئېلىش قاتارلىقلاردىن پايدىلىنىپ، ئىلگىرىكى زوراۋانلىق ھەركەتلىرى كۆپ يۈز بېرىدىغان ۋەزىيەتنى ئۆزگەرتتى، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى كۈچەيتىپ، ئۇزۇن يىللىق ئەمىنلىك ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇردى.»
قۇرۇلتايدا يەنە ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىدىكى مۇقىملىققا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ئاتالمىش «بۆلگۈنچىلىك ۋە ئەسەبىيلىك» كە قارشى تۇرۇش، «ئىككى يۈزلىمىچىلىك» كە زەربە بېرىش، كومپارتىيەنىڭ قاتتىق كونترول قىلىش سىياسىتىنى تاكى يېزا-كەنتلەردىكى ئەڭ كىچىك ھالقىلارغىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈش شوئارلىرى قايتا-قايتا تەكرارلانغان.
ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ تەتقىقاتچىسى زۇبەيرە شەمسىدىن خانىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، مەزكۇر قۇرۇلتايدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان مەزمۇنلار ھەققىدىكى سوئالىرىمىزغا جاۋاپ بەردى.
زۇبەيرە خانىم خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاغزىدا ئۇيغۇر رايونىنى «خىتاينىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى» دەپ تەشۋىق قىلسىمۇ، ئەمما ئەمەلىيەتتە رايوندا مۇستەملىكە سىياسىتى يۈرگۈزىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ ئۆتتى.
زۇبەيرە خانىم يەنە بۇ قۇرۇلتاينىڭ رەئىس سەھنىسىدىن ئورۇن ئالغان دائىمىي ئەزالار تىزىملىكى ئىچىدە خىتاي ئەمەلدارلاردىن 10 نەپەر، ئۇيغۇر ئەمەلدارلاردىن پەقەتلا 3 نەپەر بولۇشنىڭ ئالاھىدە دىققەت قوزغايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
زۇبەيرە خانىم سۆزى داۋامىدا يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رايوندىكى باستۇرۇش سىياسىتىنىڭ ئاخىرىقى مەقسىدى ھەققىدە توختالدى.
ئۇنىڭ تەكىتلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رايوندىكى سىياسىتى ئەمەلىيەتتە زېمىن ئىگىسى بولغان ئۇيغۇرلارغا قارىتا قاتتىق باستۇرۇش، ھەتتا ئۇلارنى مىللەت بويىچە يوقىتىپ رايوننى تولۇق خىتايلاشتۇرۇش، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىزىنى بۇ تۇپراقتىن ئۆچۈرۈشنى مەقسەت قىلغان ئىكەن.
گوللاندىيەدىكى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەردىن ئاسىيە ئۇيغۇر خانىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئالدى بىلەن مەزكۇر قۇرۇلتاينى ئۇيۇشتۇرغان ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق پارتكوم ۋە ئۇنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش قۇرۇلمىسى ھەققىدە توختالدى.
ئۇ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق پارتكومنىڭ خىتاي كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىنى ئىدارە قىلىش ۋە باشقۇرۇش سىياسەتلىرىنى ئىجرا قىلىدىغان، ھۆكۈمەت ئاپپاراتلىرىدىن ئۈستۈن تۇرىدىغان ئالاھىدە ھوقۇقلۇق ئورگان ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
ئاسىيە خانىم مەزكۇر قۇرۇلتايدا خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ رايوندىكى مۇستەملىكە سىياسىتىنى ئىجرا قىلىش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش تەدبىرلىرىنى خۇلاسىلەپ چىققانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇ مەزكۇر قۇرۇلتايدا دائىرىلەرنىڭ 2010-يىلدىن بۇيان ئېچىلغان 3 قېتىملىق «شىنجاڭ خىزمەت يىغىنى» نىڭ نەتىجىلىرى تىلغا ئېلىنغانلىقىنى، شۇنداقلا بۇندىن كېيىن رايوننى ئىدارە قىلىش ۋە تىزگىنلەشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتا «توسالغۇ» دەپ قارالغان بارلىق ئامىللارنى تۈپ يىلتىزىدىن يوقىتىشنى مەقسەت قىلغانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.
ئاسىيە خانىمنىڭ تەكىتلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئالدىنقى يىللاردا تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبىدىكى ئۇيغۇرلارنى ئاساسىي نۇقتا قىلىپ، ئۇلارنى ئۆز زېمىنىدىن يۆتكەش ئارقىلىق رايوندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسىنى شالاڭلاشتۇرۇش، ئۇيغۇرلارنى خىتاي كىملىكىنى قوبۇل قىلىشقا مەجبۇرلاش بولغان بولسا، ئەمدىلىكتە ئۇيغۇرلارنى تەلتۆكۈس خىتايلاشتۇرۇش، ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىن ئىبارەت بۇ ئانا ۋەتىنىگە بولغان ھەقدارلىق تۇيغۇسى ۋە تۇپراق تۇيغۇسىنى بەربات قىلىشنى مەقسەت قىلغان ئىكەن.