تۈركىيەدىكى مەشھۇر باي مۇرات ئۈلكەرنىڭ باياناتى كىشىلەرنىڭ نارازىلىقىغا ئۇچرىدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2019-06-05
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
تۈركىيەدىكى يىلدىز شىركەتلەر گۇرۇھى باشقۇرۇش ھەيئىتى رەئىسى مۇرات ئۈلكەر.
تۈركىيەدىكى يىلدىز شىركەتلەر گۇرۇھى باشقۇرۇش ھەيئىتى رەئىسى مۇرات ئۈلكەر.
RFA/Erkin Tarim

تۈركىيە ۋەتەن پارتىيەسىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلگەن «تۈركىيە-خىتاي تىجارەت ئىشلار يىغىنى» دا يىلدىز شىركەتلەر گۇرۇھى باشقۇرۇش ھەيئىتى رەئىسى مۇرات ئۈلكەرنىڭ «ھەممىمىز خىتاينىڭ يېنىدا» دېگەن سۆزى كىشىلەرنىڭ قاتتىق نارازىلىقىغا ئۇچرىدى.

27-ماي كۈنى ئىستانبۇلدا چاقىرىلغان يىغىن تۈركىيەدىكى بەزى تېلېۋىزىيە قاناللىرىدا تارقىتىلغاندىن كېيىن، ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا نۇرغۇن كىشىلەر نارازىلىق باياناتى ئېلان قىلدى. پارلامېنت ئەزاسى مۇستافا يېنەروغلۇ «مىللىي گېزىت›نىڭ 3-ئىيۇن كۈنىدىكى سانىدا ئېلان قىلىنغان باياناتىدا شىركەت خوجايىنى قايىل قىلارلىق بايانات ئېلان قىلمىغۇچە «ئۈلكەر ماركىلىق ماللارنى سېتىپ ئالمايدىغانلىقى» نى بىلدۈرگەن. ئۇ، باياناتىدا مەزكۇر شىركەتنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىنسان قېلىپىدىن چىققان بېسىم سىياسىتىنى ئۇنتۇپ خىتايغا مال سېتىشنىڭ كويىدا ئىكەنلىكىنى، شۇڭا ئۈلكەر ماركىلىق بۇيۇملارنى ئىستېمال قىلمايدىغانلىقىنى بايان قىلغان.

ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلگەن «تۈركىيە-خىتاي تىجارەت ئىشلىرى يىغىنى» دا يىلدىز شىركەتلەر گۇرۇھى باشقۇرۇش ھەيئىتى رەئىسى مۇرات ئۈلكەر ئالدى بىلەن خىتاي ئەلچىسىگە ۋە بۇ يىغىننى ئۇيۇشتۇرغانلارغا رەھمەت ئېيتىپ مۇنداق دېگەن: «مەن خىتاي توغرىسىدىكى كۆز قاراشلىرىمنى ۋە خىتاي بىلەن بولغان تىجارىي مۇناسىۋىتىمدىكى تەسىراتلىرىمنى ئاڭلاتماقچىمەن. ھەر ھالدا بۇمۇ يىغىنىمىزنىڭ مەقسىتى بولسا كېرەك. بىز كىچىك ۋاقتىمىزدا چوڭلىرىمىز چىنى-ماچىن، يەنى خىتايلار ۋە خىتاي بولمىغانلار دەپ ئايرىيتتى دۇنيانى، بۇ ھازىر ھەقىقەت بولدى، دۇنيا خىتاي ۋە خىتاي بولمىغانلار دەپ ئىككىگە ئايرىلدى، بىزمۇ ھازىر خىتاي تەرەپتە تۇرۇۋاتىمىز. خىتاي بىلەن بولغان ئارىلىقىمىز شۇنچە ئۇزاق تۇرۇقلۇق بۈگۈن بىر يەرگە جەم بولۇپ مۇزاكىرە قىلىپ ئولتۇرۇپتىمىز».

مۇرات ئۈلكەر ئەپەندى 2000-يىللارنىڭ باشلىرىدا خىتايدا ئۆتكۈزۈلگەن بىر يىغىندا خىتاي ئارمىيەسى باش شتابىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بىلەن تونۇشقانلىقىنى، ئۇنىڭ ئۆزىنى خىتاينىڭ غەربىگە مەبلەغ سېلىشىنى تەۋسىيە قىلغانلىقىنى، ئۇنىڭ تەلىپى بويىچە ئۇيغۇر دىيارىغا مەبلەغ سېلىپ كۆپ پۇل تاپقانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېگەن: «2000-يىللارنىڭ باشلىرىدا بىر چۈشەنچە ئىنستىتۇتىنىڭ يىغىنىدا خىتاي ئارمىيەسى باش شتابى مۇئاۋىن قوماندانى بىلەن تونۇشتۇم. ئۇ مېنىڭ خىتاينىڭ غەربىي رايونىدا مەبلەغ سېلىشىم كېرەكلىكىنى دېدى. ئۇ يەردىكى مىللەتلەر سىزنىڭ قېرىنداشلىرىڭىز، ئۇلارغا پايدىسى بولىدۇ ھەمدە دۆلەت سىزگە ئالاھىدە سىياسەت ئېلىپ بېرىپ، ئاز باج ئالىدۇ، دېدى. ئۇنىڭدىن كېيىن بىز ئۇيغۇر رايونىغا ئەڭ كۆپ مال ساتىدىغان شىركەتكە ئايلاندۇق. ئۇيغۇر رايونىدىكى ئېگىز بىنالارنىڭ ئۈستىدە ئېلانلىرىمىز بار ئىدى. بۈگۈن خىتايدا 200 ئەتراپىدا دۇكىنىمىز بار، ئۇ دۇكانلاردا مىڭ ئەتراپىدا خىزمەتچى ئىشلىتىۋاتىمىز. يېرىم مىليارد دوللارلىق تىجارەت سوممىمىز بار، بۇ يېتەرلىك ئەمەس بۇنى كۆپەيتىشكە تىرىشىمىز».

يىلدىز شىركەتلەر گۇرۇھى تۈركىيەدىكى ئەڭ چوڭ شىركەتلەر گۇرۇھى بولۇپ، كۆپرەك يېمەك-ئىچمەك ۋە شاكىلات تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. مەزكۇر شىركەتنىڭ قۇرغۇچىسى مۇرات ئۈلكەرنىڭ دادىسى سابرى ئۈلكەر ئەپەندى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەينى زاماندىكى تۈركىيە تۇرۇشلۇق رەھبىرى ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن ئەپەندىگە، شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىگە ۋە ئۇيغۇرلارغا ياردەم قىلغان. 2000-يىللارنىڭ باشلىرىدىن تارتىپ ئۇيغۇر دىيارىغا مال سېتىپ ئۇيغۇرلاردىن پۇل تاپقان. شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىنىڭ سابىق رەئىسى ھامۇت گۆكتۈرك ئەپەندى سابرى ئۈلكەر ئەپەندىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ماددىي ۋە مەنىۋى جەھەتتىن ياردەم قىلغانلىقىنى بايان قىلدى.

ئۈلكەر شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى سابرى ئۈلكەر 2012-يىلى ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن ئۇنىڭ ئوغلى مۇرات مەزكۇر شىركەتلەر گۇرۇھىنىڭ خوجايىنلىق ۋەزىپىسىنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان. بۇرۇن ئۇيغۇرلارغا ماددىي ۋە مەنىۋى جەھەتتىن ياردەم قىلغان ئۈلكەر ئائىلە شىركىتى 2 مىليون ئۇيغۇر جازا لاگېرلىرىغا سولانغان بۈگۈنكى كۈندە خىتاي تەرەپتە تۇرىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ھامۇت گۆكتۈرك ئەپەندى بۇ ھەقتە كۆز قارىشىنى بايان قىلدى.

ھازىر «ۋەتەن پارتىيەسى» دەپ ئاتىلىدىغان، بۇرۇنقى «ئىشچى پارتىيەسى» كوممۇنىزم ئىدىيەسىنى ياقىلايدىغان بىر سىياسىي پارتىيە بولۇپ، مەزكۇر پارتىيە 1975-يىلى خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسى بىلەن دوستلۇق ئەھدىنامىسى تۈزگەن. مەزكۇر پارتىيە 44 يىلدىن بۇيان تۈركىيە-خىتاي مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىشكە تىرىشماقتا. مەزكۇر پارتىيەنىڭ ئۇلۇسال تېلېۋىزىيەسى مەزكۇر يىغىننى نەق مەيداندىن تارقاتقاندىن كېيىن تۈركىيەدىكى شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلاتلىرىنىڭ قاتتىق نارازىلىقىغا ئۇچرىدى. ئىستانبۇلدىكى شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى ئۇيغۇرلارغا ئۈلكەر ماركىلىق ماللارنى سېتىۋالماسلىق توغرىسىدا چاقىرىق ئېلان قىلدى. مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان ئەپەندى مەزكۇر چاقىرىققا تۈركلەرنىمۇ ئاۋاز قوشۇشقا چاقىرغانلىقىنى بايان قىلدى.

يىلدىز شىركەتلەر گۇرۇھى تۈركىيەنىڭ ئەڭ چوڭ شىركەتلىرىدىن بىرى ھېسابلىنىدۇ. مەزكۇر شىركەتنىڭ قۇرغۇچىسى سابرى ئۈلكەر 1940-يىللاردا قىرىمدىن تۈركىيەگە كۆچۈپ كەلگەن تاتار ئائىلىسىدە چوڭ بولغان. بىز ئۇنىڭ ئوغلى مۇرات ئۈلكەرگە تېلېفون قىلغان بولساقمۇ ئالاقە قۇرالمىدۇق.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت