ئۈچ ئاكا-ئۇكا ئۇيغۇر يەتتە يىلدىن بىرى جاممۇ-كەشمىر تۈرمىسىدە ياتماقتا

0:00 / 0:00

ھىندىستاندا چىقىدىغان «سىم» گېزىتىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا 2013‏-يىلى 6-ئايدا لاداق يولى ئارقىلىق ھىندىستاننىڭ جاممۇ-كەشمىر رايونىغا قېچىپ چىققان ئادىل تۇرسۇن، ئابدۇخالىق تۇرسۇن ۋە ئابدۇسالام تۇرسۇن ئىسىملىك ئۈچ نەپەر ئاكا-ئۇكا ھازىرغىچە جاممۇ-كەشمىردىكى بىر تۈرمىدە ياتماقتىكەن.

بۇ ئۈچ نەپەر ئاكا-ئۇكا ئۇيغۇرنىڭ دېلوسىنى قايتىدىن خەلقئارانىڭ دىققىتىگە سۇنغان ھىندىستانلىق مۇخبىر ئۆمەر مەقبۇل زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۇ دېلودا گەرچە ھېچقانداق ئىلگىرىلەش بولمىغان بولسىمۇ، ئەمما مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنىڭ بۇ مەسىلىگە چوقۇم كۆڭۈل بۆلۈشى كېرەكلىكىنى ئېيتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: «ئۇلارنىڭ گۇناھى نېمە؟ 7 يىلدىن بېرى كۈننىڭ سېرىقىنى كۆرمەي تۇرۇۋاتىدۇ. بۇ مەسىلىگە چوقۇم كۆڭۈل بۆلۈشىمىز كېرەك.»

يېڭى دېلھى ئۇنىۋېرسىتېتى سىياسىي پەنلەر ئىنستىتۇتىنىڭ ئوقۇغۇچىسى پىرىزادە مەھبۇب جاممۇ-كەشمىردە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇرلارغا دوستلىرى ئارقىلىق ماددىي ياردەم قىلغانلارنىڭ بىرى ئىكەن. ئۇ بۇ ئۈچ ئاكا-ئۇكا ئۇيغۇرنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، مۇنداق دېدى: «بۇ ئۈچەيلەن ئۇردۇچە ياكى ئىنگلىزچە بىلمەيدۇ، يېنىدا پۇلىمۇ يوق. شۇڭا ئاشۇ تۈرمىدە يېتىۋاتقان مۇسۇلمان قېرىنداشلار ئاز-تولا ياردەم قىلىدىكەن. مەن بىر دوستۇم ئارقىلىق پۇل ياردەم قىلدىم، بۇ بەك ئاز بولسىمۇ، ئەمما تامىقىغا، ۋە كىيىم-كېچىكىگە يېتىدۇ. ئۇلارنىڭ تۈرمىدە قىيىن-قىستاققا ئۇچرىغانلىقىنى ئاڭلىدۇق.»

رادىيومىزنىڭ 2016-يىلى 30-سېنتەبىر بەرگەن خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، بۇ ئۈچ ئاكا-ئۇكا ئۇيغۇرنىڭ جازا مۇددىتى 2015‏-يىلى 1‏-ئايدا توشقان. ئەمما ھىندىستان قانۇنىغا ئۇلار ئاساسەن داۋاملىق تۇتۇپ تۇرۇلغان ئىكەن. ئۇلار جاممۇ-كەشمىر شتاتىنىڭ جەمئىيەت بىخەتەرلىكى قانۇنىدىكى چېگرادىن قانۇنسىز كىرگەن چەتئەللىكلەرنى ئۆز دۆلىتىگە قايتۇرۇلغىچە داۋاملىق نەزەربەند قىلىش كۆرسەتمىسى بويىچە تۇتۇپ تۇرۇلماقتىكەن. ئۇلار جاممۇ-كەشمىر يۇقىرى سوتىغا سىياسىي پاناھلىق ئەرزى سۇنغان ئىكەن.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋە ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ خادىملىرى بۇ ئۈچ ئاكا-ئۇكا ئۇيغۇرنىڭ مەسىلىسىگە ئۆز ۋاقتىدىن باشلاپلا يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈپ كەلگەنلىكىنى تىلغا ئالدى. ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇقى قۇرۇلۇشىنىڭ دىرېكتورى ئۆمەر قانات ئەپەندى بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى: «ئۆز ۋاقتىدا بۇ ئۈچەيلەننىڭ ئەھۋالىدىن خەۋەر تاپقان ئىدۇق. ھىندىستاندىكى مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار بىلەن كۆرۈشتۇق. ئۇ بالىلارنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلمايدىغانلىقى ھەققىدە خەۋەر ئالغان ئىدۇق، ئۇنىڭدىن كېيىنكى ئەھۋالىنى سۈرۈشتۈرمەپتۇق.»

ھىندىستاندا تۇرۇشلۇق نادىر ئەلى ئەپەندى بۇ ئۈچ ئاكا-ئۇكا ئۇيغۇرنىڭ ھازىرمۇ جاممۇ-كەشمىر رايونىدىكى سىنتىر دەپ ئاتىلىدىغان بىر تۈرمىدە ئىكەنلىكىنى دەلىللىدى. ئۇنىڭ دېيىشىچە يېقىندا سوت ئېچىلىشى مۇمكىن ئىكەن. كەشمىر رايونى ناھايىتى سەزگۈر رايون بولغاچقا ئۇنىڭ 2013-يىلىدىن بېرى ئاشۇ تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇرلار ھەققىدە خەۋىرى بولسىمۇ، ئەمما ئۆزى بىۋاسىتە بېرىپ ئۇلارنى يوقلاپ، ئەھۋالىنى ئىگىلەش ئىمكانىيىتى بولمىغان ئىكەن. پەقەت جاممۇ-كەشمىر رايونىدىكى يەرلىك ھۆكۈمەت دائىرىلىرىدىن تېلېفون ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى ئۇقۇپ تۇرغان ئىكەن.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مۇھاجىرلار كومىتېتىنىڭ مۇدىرى مەمەت توختى ئەپەندى قۇرۇلتاينىڭ يىللاردىن بېرى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ كۆچمەنلىك مەسىلىسىدە قىلغان خىزمەتلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا بۇ ئۈچ ئاكا-ئۇكىنىڭ مەسىلىسىگە يېقىندىن كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: «ھىندىستاندىكى مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار بىلەن كۆرۈشۈپ، قېرىنداشلىرىمىزنى ئۈچىنچى بىر بىخەتەر دۆلەتكە ئورۇنلاشتۇرۇشقا تىرىشىۋاتىمىز.»

رادىيومىز بۇ ھەقتە ھىندىستاننىڭ ئامېرىكادا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى بىلەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مۇساپىرلار ئالىي كومىسسارىنىڭ پىكرىنى ئېلىشقا تىرىشقان بولساقمۇ، ئەمما ئېلخەت ئارقىلىق سورىغان سوئاللىرىمىزغا جاۋاب قايتۇرمىدى. بۇ ھەقتە ئۇرغان تېلېفونلىرىمىزمۇ ئۇلانمىدى.