«تۇنتيەن» دىن «بىڭتۈەن» گىچە: تاجاۋۇزچىلىق ۋە مۇستەملىكىچىلىك ماھىيىتىنىڭ يەنە بىر بەلگىسى

0:00 / 0:00

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مۇزېينىڭ تەتقىقاتچىسى، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون 13-نۆۋەتلىك سىياسىي كېڭىشى ھەيئەت ئەزاسى ئادىل ئابلىز خىتاينىڭ sohu.com نامىدىكى تور سەھىپىسىنىڭ 2021-يىلى 12-ئاينىڭ 17-كۈنىدىكى سانىدا «تۆت قىرلىق كىچىككىنە بىر تامغا، ئەسكەر تۇرغۇزۇپ دېھقانچىلىق قىلىش ۋە چېگرا مۇداپىئەسىنىڭ 2000 يىلدىن ئۇزۇن تارىخىنى خۇلاسىلەپ بەردى» ماۋزۇلۇق ماقالىسىنى ئېلان قىلغان.

ئۇ يەنە ئۆتكەن يىلى 5-ئاينىڭ 4-كۈنى شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبىتىدە بۇ ماقالىسىدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلارنى تەكرارلاپ، «بۇ تامغىنىڭ تېپىلىشى، شەرقىي خەن سۇلالىسىنىڭ نىيەدە مەخسۇس ئەسكەر تۇرغۇزۇپ دېھقانچىلىق قىلىش ئىشلىرىنى باشقۇرىدىغان دۆلەت ئورگىنىنى تەسىس قىلغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ.» دېگەن. ئارقىدىنلا يەنە نىيىتىنى تېخىمۇ ئاشكارىلاپ، «نىيە خارابىلىقىدىن شەرقىي خەن سۇلالىسىگە تەۋە «كۆكبېشىلار مەھكىمىسى تامغىسى» نامىدىكى تامغىنىڭ تېپىلىشى، بۇ يەرنىڭ شۇ يىللاردا شەرقىي خەن سۇلالىسىنىڭ ئەسكەر تۇرغۇزۇپ دېھقانچىلىق قىلىش رايونى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.» دېگەن. ئۇ بۇ سۆزلىرى بىلەنلا قانائەتلىنىپ قالماي، «مىلادىدىن بۇرۇنقى 105-يىلىنى ئەسكەر تۇرغۇزۇپ دېھقانچىلىق قىلىشنىڭ باشلانغان ۋاقتى» دەپ جاكارلىغان.

ئادىل ئابلىزنىڭ قايسى بىر دەلىل ۋە سەۋەبكە ئاساسەن بۇنداق بىر خۇلاسىگە كەلگەنلىكى ئېنىق ئەمەس. ھايات ‍ئەندىشىسى ياكى يۇقىرى مەرتىۋە ئارزۇسىنىڭ ئۇنى ئەنە شۇنداق كەلسە كەلمەس سۆزلىتىۋاتقانلىقىنى بىلگەنلىكىمىز ئۈچۈن ئايرىم سۈرۈشتۈرۈشىمىزنىڭ ھاجىتىمۇ يوق. شۇنداقتىمۇ ئۇ تىلغا ئالغان يىللاردا يۈز بەرگەن بىر قىسىم مۇھىم ۋەقەلەرگە كۆز يۈگۈرتۈپ چىقىش، ۋەقەنىڭ تەپسىلاتىغا قىزىققۇچىلارنىڭ راست يالغاننى ۋە ھەق ناھەقنى ئايرىۋېلىشى ئۈچۈن پايدىلىق دەپ قارايمىز.

مىلادىدىن بۇرۇنقى 141-يىلى خەن سۇلالىسى تەختىگە ئولتۇرغان خەن ۋۇدى ھونلارغا قارشى ‍ئۇرۇش ئىستراتېگىيەسى ئىسلاھ قىلغان. ئۇ ئالدى بىلەن ھونلارنىڭ ئۇلۇغ ياۋچىلار ۋە ‍ئۇيسۇنلارغا ئوخشاش ئىتتىپاقداشلىرىغا ياكى ئۇنىڭ تەۋەلىكىدىكى دۆلەتلەرگە جاڭ چىيەن ۋە باشقا ئەلچىلەر، مەلىكىلەر ۋە باشقا ئېسىل سوۋغاتلار ئەۋەتىپ، ‍ئۇلارنى ئۆزى بىلەن ھەمكارلىشىپ ھونلارغا قارشى ئۇرۇش قىلىشقا ئۈندىگەن. يەنە بىر تەرەپتىن ھون تەڭرىقۇتى ۋە ئۇنىڭ تۇغقانلىرى ئارىسىدا ئىختىلاپ پەيدا قىلىپ، ھون ئىمپېراتورلۇقىنىڭ ئىچكى قىسمىدا زىددىيەتلەرنىڭ كېلىپ چىقىشىغا سەۋەبچى بولغان. ھون قوشۇنى تەڭرىقۇت ئائىلىسىگە تەۋە بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ خەن تەرەپكە قېچىپ كېتىشى ۋە سانغۇنلاردىن بەزىلىرىنىڭ كۆپ ساندىكى ئەسكەرلىرى بىلەن دۈشمەنگە ئەل بولۇشى تۈپەيلىدىن كۆپ قېتىم مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىغان.

نەتىجىدە، ھونلار مىلادىدىن بۇرۇنقى 119-يىلى غەربىي يۇرت، ئۇيسۇن ۋە ئۇلۇغ ياۋچىلار ياشاۋاتقان زېمىنىنى تاشلاپ شىمالىي تەرەپلەرگە ۋاقىتلىق چېكىنگەن. شۇنىڭ بىلەن ھازىرقى موڭغۇل چۆللۈكىنىڭ جەنۇبىدا «ئوردۇگاھ بولمىغان» بىر ۋەزىيەت شەكىللەنگەن.

خەن سۇلالىسى، خەن ۋۇدىنىڭ سۆزى بىلەن ئېيتقاندا «ھونلارنى ئوڭ قولىدىن ئايرىۋېتىش» يەنى ھونلارنى ئۇيسۇنلاردىن ئايرىۋېتىش مەقسىتىدە ئۇزۇندىن بېرى كۈتكەن پۇرسىتىنىڭ يېتىپ كەلگەنلىكىنى بىلگەن ۋە باشقا ھىيلە مىكىرلىرىنى ئىشقا سالغان. ئۇ مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 105-يىلى قۇدىلىشىش باھانىسى بىلەن بىر مەلىكىسىنى بىر نەچچە يۈز كىشى بىلەن قوشۇپ ئۇيسۇن خانىغا يوللىغان. ئۇيسۇن خانى دەرھال جاۋاب بەرمىگەچكە، خەن ئەلچىلىرى ئۇنىڭ جاۋابىنى كۈتۈپ بىر نەچچە ئاي ئىلىدا تۇرۇپ قالغان. ھېچبىر مەنبەدە ئۇلارنىڭ بۇ كۈتۈش جەريانىدا دېھقانچىلىق قىلغانلىقى ھەققىدە مەلۇمات يوق.

خىتاي تارىخچىلىرى يېقىندىن بېرى يۇقىرىدا بايان قىلىنغاندەك ئىگىسىز قالغان ھون زېمىنىدا قۇرغان تۇتۇق ھېراۋۇل مەھكىمىلىرى ياكى بىر نەچچە يىللا داۋام قىلالىغان ئەسكەر تۇرغۇزۇپ دېھقانچىلىق قىلىش ھېكايىلىرىنى مۇبالىغە قىلىپ، ئۇ ۋاقىتنى خىتاينىڭ غەربىي يۇرتنى ئىدارە قىلىشقا باشلىغان دەۋرى دېيىشىۋاتىدۇ. ئەسلىدە ئۇلار ئەڭ دەسلەپ تەسىس قىلدۇق دېيىشكەن- «دۇخۇفۇ»، يەنى «غەربىي يۇرت قورۇقچىبەگ مەھكىمىسى» نىڭ ئارىدىن بىر يىل ئۆتە ئۆتمەستىنلا يەنى مىلادىيە 75-يىلى كۈسەن خانلىقى تەرىپىدىن يەر بىلەن يەكسان قىلىۋېتىلىشىنى، 73-يىلى ئىۋىرغولدا باشلىدۇق دېگەن تېرىقچىلىق ئىشىنىڭ 77-يىلى ئەمەلدىن قالغانلىقىنى ئۇنتۇپ قالماسلىقلىرى كېرەك ئىدى.

خىتاي تارىخ ماتېرىياللىرىغا ئاساسلانغاندا، چېگرا رايونلاردا دېھقانچىلىق قىلغۇچىلار ئەسكەرلەر، پۇقرالار ۋە جىنايەتچىلەردىن ئىبارەت ئۈچ خىل كىشىلەردىن تەشكىل تاپقان. بۇ ئۈچ خىل كىشىلەر ئەمەلىيەتتە ئوخشاش بىر گۇرۇپپا كىشىلەرنىڭ ئوخشىمىغان كىشىلەر تەرىپىدىن تەرىپلىنىشى ئىدى.

«كېيىنكى خەننامە» نىڭ 1-توم، 200-بېتىدە ئۇ كىشىلەرنىڭ كىملىكىنى ئېنىقلاپ بېرىدىغان مۇنداق جۈملىلەر بار: «شۇ يىلى (101-يىلى) سۇترىشانا سالغۇنى لى گۇاڭلى خەن ۋۇدىنىڭ بۇيرۇقى بويىچە چېگرا رايونلارنى مۇداپىئە قىلىش ئۈچۈن، پۈتۈن مەملىكەتتىكى جىنايەتچىلەرنى يىغىپ فەرغانەگە يۈرۈش قىلدى».

«كېيىنكى خەننامە» نىڭ، 1-توم، 121-بېتىدە: «شۇ يىلى 9-ئايدا خەن مىڭدى: ۋىلايەتلەر، بەگلىكلەر، ۋە پايتەخت مەھكىمىلىرى تەرىپىدىن ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەن جىنايەتچىلەرنىڭ ھەممىسى ئۆلۈم جازاسىدىن بىر دەرىجە تۆۋەنلىتىلىدۇ. قىيىن-قىستاققا ئېلىنمايدۇ، ئەسكەرلىككە كىرگۈزۈلۈپ خىزمەت كۆرسىتىش ئىمكانىيىتى بېرىلىدۇ. شۇفاڭ ۋە دۇنخۇئاڭ ۋىلايەتلىرىنى ساقلايدۇ؛ خالىسا خوتۇن، بالا-چاقىلىرىنىمۇ ئېلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلسا، ئۇلارنىڭ بېرىشىغىمۇ يول قويۇلىدۇ. لېكىن ياتلىق قىلىنغان قىزلىرى بارمايدۇ …، دەپ يارلىق چۈشۈردى.»

يەنە شۇ كىتابنىڭ 121-بېتىدە مۇنداق دېيىلگەن: «مىلادى 74-يىلى 9-ئاينىڭ 24-كۈنى خەن مىڭدى ۋۇۋېي، جاڭيې، جىيايۈگۇەن، دۇنخۇاڭ ۋىلايەتلىرىدە ۋە جاڭيې قارام ئېلىدە ئوڭ پۇتىنىڭ بارماقلىرى كېسىپ تاشلانغان لېكىن يەنىلا ئەسكەرلىككە يارايدىغان جىنايەتچىلەرنى جازاغا تارتماسلىق، ئۇلارنى قوشۇنغا قاتناشتۇرۇش لازىم، دەپ يارلىق چۈشۈردى.»

خىتاي تارىخ مەنبەلىرىدە بۇنىڭغا ئوخشاش بايانلار ناھايىتى كۆپ ئۇچرايدۇ. بۇ يەردە تىلغا ئېلىنغان ۋىلايەتلەر ۋە قارام ئەل ئەسلىدە ھونلارنىڭ ئىگىدارچىلىقىدىكى يەرلەر بولۇپ، شۇ يىللاردا خەن سۇلالىسى تەرىپىدىن بېسىۋېلىنغان يەرلەرگە بىنا قىلىنغان ۋىلايەت ۋە ناھىيەلەر ئىدى. ئۇ يەرلەردە ياشايدىغان خەلقنىڭ بىر قىسمى، خەننىڭ ئىچكى ۋىلايەتلىرىدىن مەجبۇرىي كۆچۈرۈپ كېلىنگەن جىنايەتچىلەر، ۋە باشقا قوۋىملاردىن ئەسىر ئېلىنغان ۋە ياكى تەسلىم بولغان كىشىلەر ئىدى. بۇ كىشىلەرگە ئاۋۋال ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەنلىكىنى ئېلان قىلىپ، ئارقىدىن خان تەرىپىدىن ئۆلۈمدىن ئازاد قىلىش، ئېنىق كۆرۈنۈپ تۇرغىنىدەك بىر خىل ئالدامچىلىق ئىدى. ئالدانغان جىنايەتچى ۋە ئەسىرلەر مىننەتدارلىقىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن ھەممە ئىشنى قىلىشقا تەييار تۇراتتى. ئۇلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىمۇ تەبىئىي ھالدا خەن سۇلالىسىنىڭ قۇللىرىغا ئايلىنىپ، جاپالىق ئەمگەكلەرگە سېلىناتتى.

«كېيىنكى خەننامە يەشمىلىرى» ۋە «كېيىنكى خەننامە. ۋىلايەت-بەگلىكلەر تەزكىرىسى» دە يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان بەش شەھەرنىڭ خەن ۋۇدى دەۋرىدە تەسىس قىلىنغانلىقى ۋە بۇ شەھەرلەردە ئەل بولغان ھونلار ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقى بايان قىلىنغان.

دېمەك، خەن دەۋرىدە خېشى كارىدورى ۋە دۇنخۇاڭدىكى تۇنتىئەن (屯田) «ئەسكەر تۇرغۇزۇپ دېھقانچىلىق قىلىش» ئورۇنلىرى ھونلارنىڭ زېمىنىدا تەسىس قىلىنغان، ئۇلارنى جىسمانىي جەھەتتىن قىيناپ روھىي جەھەتتىن بوشاشتۇرۇپ ئاقىۋەتتە ئۆزىگە قېتىۋېلىش مەقسىتىدە قۇرۇلغان جازا لاگېرلىرىدىن باشقا نەرسە ئەمەس ئىدى.

بۇ خىل جازا لاگېرلىرى ھونلاردىن كېيىن ئۇلارنىڭ ئەۋلادى بولغان تۈركلەر ئۈچۈنمۇ تەسىس قىلىنغان. 640-يىلى تاڭ قۇشۇنلىرى تۇرپانغا باستۇرۇپ كىرگەندىن كېيىن دەسلەپ تۇرپان، قۇمۇل ۋە جىمۇساردا ئۇنىڭدىن كېيىن داۋاملىق كېڭەيتىپ قاراشەھەر، كۇچا، بۈگۈر قاتارلىق جايل ئارغا ئۇلاشقان. سۈيى مول، تۇپرىقى مۇنبەت ھەم مەنزىرىسى چىرايلىق يەرلەردىكى يەرلىك خەلقنى قوغلىۋېتىپ شەھەرلەرنى مەركەز قىلىپ قۇرۇلغان دېھقانچىلىق رايونلىرى بەرپا ق ئىلغان. ھالبۇكى بۇ قېتىممۇ ‍ئۇزاق داۋاملاشماي ئەمەلدىن قالغان.

خىتاينىڭ ھەر قېتىملىق ئاتالمىش جازا يۈرۈشلىرىدە ناھايىتى كۆپ ساندىكى ئەسكەر ۋە ‍ئات ‍ئۇلاغلارغا مۇستەملىكە قىلىنغان يەرلەردىكى خەلقتىن بۇلاپ تالىغان ئاشلىق يەم خەشەك يېتەرلىك بولماي بۇ قىيىنچىلىقنى ھەل قىلىشقا ئۆزلىرىنىڭ چارە تېپىشىغا توغرا كېلەتتى. ئۇلار ھۇجۇم قىلغان شەھەرلەر ياخشى مۇداپىئە قىلىنىپ، بىرنەچچە كۈن بەرداشلىق بېرەلىسىلا ئاچلىقتىن قىينالغان تاجاۋۇزچىلار چېكىنىپ كېتىشكە مەجبۇر بولاتتى.

ئارىدىن ئۇزۇن يىللار ئۆتۈپ 1755-يىلىغا كەلگەندە مەنچىڭ ھۆكۈمىتى ناھايىتى چوڭ قوشۇن ئەۋەتىپ ئويراتلار بىلەن بىرلىكتە شەرقىي تۈركىستانغا تاجاۋۇز قىلىپ كەلگەن. دەسلەپ يەرلىك خەلقنى خالىغانچە قىرغىن قىلغان. ئۇنىڭدىن كېيىن ئەسكەرلىرىنى ئۇيغۇر دىيارىنىڭ شىمالىدىكى مۇنبەت يەرلەرگە يەرلەشتۈرگەن. ‍ئىلىدىكى يەرلىك ئۇيغۇرلارنى تارقاقلاشتۇرۇپ «مۇسۇلمان بوز يەر ئېچىش بايرىقى» نى قۇرغان. جەنۇبتا چوڭ كىچىك خوجالارغا ئەگىشىپ مۇستەملىكىچىلەرگە قارشى ئىسيان كۆتۈرگەن يەتتە شەھەر ئاھالىسىنىڭ بىر قىسمىنى شىمالغا سۈرگۈن قىلىپ، مانجۇ، خىتاي ۋە ئويرات بوز يەر ئېچىش بايراقلىرىدىن كېيىن «گۇناھكار مۇسۇلمانلار بوز يەر ئېچىش بايرىقى» نى قۇرۇپ ئۇلارنى قۇل ئورنىدا ئىشلەتكەن. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇيغۇرلارغا «تېرىقچى» مەنىسىدىكى مانجۇچە «تارانچى» سۆزى ئىسىم قىلىپ قوللىنىلغان. ئەمگەك كۈچلىرى ئادەتتىكى خىتاي ئەسكەرلىرى، سەككىز بايراققا بۆلۈنگەن مانجۇ ئىمپېرىيە كۈچلىرى، يەرلىك خەلق ۋە جىنايەتچىلەرگە ئايرىلغان.

مەنچىڭ خانلىقى مەزگىلىدە خىتايلاردىن 1840-يىللاردا گۇاڭجۇدىن ئىلىغا سۈرگۈن قىلىنغان لىن زېشۈ ۋە 1876-يىلى ئۇيغۇر ئېلىگە بېسىپ كىرگەن جاللات زو زۇڭتاڭ ئەسكىرىي تېرىقچىلىق ئىشلىرىدا مۇھىم رول ئوينىغان. دەسلەپكىسى 1844-يىلىدىن 1846-يىلىغىچە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەممىلا يېرىنى ئايلىنىپ قەيەردە بوز يەر ئېچىش كېرەكلىكى ھەققىدە پىلان تەييارلىغان بولسا، كېيىنكىسى ئۇيغۇر ئېلىگە تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەن ئەسكەرلىرىنى، ئۇرۇشتىن كېيىن بوز يەر ئۆزلەشتۈرگۈچى قىلىپ ئۇيغۇر ئېلىدە تۇتۇپ قالغان.

1949-يىلى يالغان ۋەدىلەر بىلەن ئۇيغۇر ئېلىگە بېسىپ كىرگەن خىتاي كوممۇنىست ئارمىيەسىنىڭ بىر قىسمى 1950-يىللارنىڭ باشلىرىدىن باشلاپلا نامىنى خىتاي ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ دېھقانچىلىق بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش قىسمىغا ئۆزگەرتتى ۋە ئۆزىنى «بىڭتۈەن» دەپ ئاتىدى. خىتاي ھۆكۈمىتى ئىچكىرى خىتايدىن كەلگەن بۇ ئىشغالچى ئەسكەرلەرنى بىر ئامان قىلىپ ئۇيغۇر ئېلىگە ئەبەدىي ئورۇنلاشتۇرۇش ئۈچۈن شاڭخەي، شەندۇڭ، گەنسۇ ۋە شەنشى قاتارلىق ئۆلكە شەھەر تۈرمىلىرىدىكى جىنايەتچى ئاياللارنى ۋە باشقا ياش ئاياللارنى ئەسكەرگە قوبۇل قىلىپ، ئۇيغۇر ئېلىگە يۆتكەپ كېلىپ ئەسكەرلىرىگە ئائىلە قۇرۇپ بەردى.

بۇنداق ئاياللارنىڭ سانىنىڭ 1958-يىلىغىچە ۋاقىت ئىچىدە 100 مىڭدىن ‍ئېشىپ كەتكەنلىكى قەيت قىلىنىدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتى شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئارمىيەسىنىمۇ قايمۇقتۇرۇپ دەسلەپ نامىنى خىتاي خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ 5-كورپۇسىغا ئۆزگەرتتى. ئارقىدىنلا بۇ قوشۇننى تارقىتىپ، ئەسكەرلەرنىڭ بىر قىسمىنى خىتاي بىڭتۈەن ئەسكەرلىرى ئىچىگە قوشۇۋەتتى. شۇنىڭ بىلەن ئاتالمىش ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ كۆپ ساندىكى ئەسكەرلىرىنى مانا مۇشۇ «بىڭتۈەن ئەسكەرلىرى» نامى بىلەن شەرقىي تۈركىستانغا يەرلەشتۈرۈلدى. يەنە بىر تەرەپتىن «بىڭتۈەن» باھانىسى بىلەن نوپۇس يۆتكەش قەدەملىرى تېزلەتتى. بۈگۈنكى كۈندە «بىڭتۈەن» نىڭ نوپۇسى ئۈچ يېرىم مىليونغا يېتىپ، خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسى، خىتاي ھۆكۈمىتى، ئەسكەر، كارخانىچىلار بىرلەشكەن، سىياسىي جەھەتتىن ئەزگۈچى، ئىقتىسادىي جەھەتتىن تالان-تاراج قىلغۇچى، مەدەنىيەت جەھەتتە بۇزغۇنچىلىق قىلغۇچى، ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىق ۋە قارشىلىقلىرىنى ياۋۇزلارچە باستۇرغۇچى بىر ئورگانغا ئايلاندى.

قىسقىسى، بۈگۈنكى «بىڭتۈەن» ئەينى ۋاقىتتىكى «تۇنتيەن» نىڭ ئۆزى. دەسلەپ ھونلارغا، كېيىنچە ھونلارنىڭ ئەۋلادى تۈركلەرگە، يەنە كېيىنچە ئۇيغۇرلارغا قارشى قوللىنىلغان بۇ ئورگاننىڭ ماھىيىتى ئۇنىڭ ئىشغالىيەت ۋە زوراۋانلىقنىڭ شۇنىڭدەك تاجاۋۇزچىلىق ۋە مۇستەملىكىچىلىكنىڭ بەلگىسى ئىكەنلىكىدۇر.

*** بۇ ئوبزوردىكى كۆز قاراشلار پەقەتلا ئاپتورغا خاس بولۇپ، رادىيومىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ.