مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ئەڭ كۆپ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى قازاقىستان، قىرغىزىستان ۋە ئۆزبېكىستان دۆلەتلىرىگە ئورۇنلاشقان.
بۇ تەۋەلەردە ئەزەلدىن ياشاپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇرلاردىن سىرت، يەنە 19-18 ئەسىرلەردە قەشقەردىن چىققانلار، يەنە كۆپ قىسمىنى 1960-يىللىرى ئۇيغۇر دىيارىدىن كۆچۈپ چىققانلار تەشكىل قىلىدۇ. 1991-يىلى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى يىمىرىلىپ، ئۇنىڭ تەركىبىدىكى ھەرقايسى ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيەتلەر ئارقا-ئارقىدىن مۇستەقىللىق جاكارلىدى. شۇ قاتارىدا قىرغىزىستانمۇ 1991-يىلى 31-ئاۋغۇست كۈنى، ئۆزبېكىستان بولسا 1991-يىلى 1-سېنتەبىر كۈنى ئۆز مۇستەقىللىقىنى جاكارلىغانىدى.
29-يىللىق مۇستەقىل جەريانىدا ئۆزبېكىستان ۋە قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى ھەر قايسى ساھەلەردە ئۇتۇقلارغا ئېرىشتى. دۆلەت بايرىمى ۋە مۇراسىملىرىغا ئاكتىپ قاتنىشىپ ئۆزلىرىنىڭ مىللىي غۇرۇرىنى كۈچەيتىشكە تىرىشىپ، شۇنداقلا باشقا مىللەتلەرگە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ باي مەدەنىيىتىنى تونۇشتۇرۇپ كەلمەكتە
بۇ يىلى دۇنياغا تارقالغان كورونا ۋىرۇسى بۇ ئەللەرگىمۇ نۇرغۇن ئاپەتلەرنى ئېلىپ كەلدى. ھەر بىر دۆلەتنىڭ ئەڭ مۇھىم بايراملىرىدىن بىرى بولغان مۇستەقىللىق بايرىمى نۇرغۇن چەكلىمىلەر بىلەن ئېلىپ بېرىلدى. شۇنداق بولسىمۇ ئۆزبېكىستان جۇمھۇرىيىتى ئۇيۇشتۇرغان بايرام مۇراسىمىغا تاشكەن شەھىرىدىكى «ئۇيغۇر مىللىي مەركىزىنىڭ» رەئىسى ھەلىمە باراتوۋا ۋە ئالىمجان زايىتوف تەكلىپ قىلىندى. رادىئو زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئالىمجان زايىتوف ئەپەندى مۇستەقىل ئۆزبېكىستاننىڭ بۇ دۆلەتتە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر ئاھالىسىگە چوڭ كەڭچىللىكلەرنى يارىتىپ بەرگەنلىكى ۋە ھەلىمە باراتوۋا خېنىمنىڭ يېتەكچىلىكىدە نۇرغۇن پائالىيەتلەر ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ، سوۋېت ئىتتىپاقى دەۋرى بىلەن بۈگۈنكى مۇستەقىل ئۆزبېكىستاندىكى ئىمكانىيەتلىرىنى سېلىشتۇرۇپ ئۆتتى
ئۇ يەنە كورونا ۋىرۇس كېسىلى يامراپ كېتىشى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆزبېكىستان جۇمھۇرىيەتلىك ئۇيغۇر مىللىي مەركىزىنىڭمۇ بۇ كېسەلگە قارشى تۇرۇشتا ئۆز تۆھپىلىرىنى قوشۇپ كەلگەنلىكىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.
2018-يىلدىن بۇيان قىرغىزىستان ۋە ئۆزبېكىستان ئۇيغۇر مەركەزلىرى ئۆزئارا ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، بەزى مۇراسىملارغا قاتنىشىپ، ئۆزئارا بىر-بىرىنىڭ مەركەزلىرىنى تېز-تېز زىيارەت قىلىپ تۇرماقتا.
قىرغىزىستان مۇستەقىللىق كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن بىشكەك شەھىرىنىڭ مەركىزىي مەيدانىدا بايراملىق مۇراسىم ئۇيۇشتۇرۇلدى، لېكىن مەزكۇر مۇراسىم تەنتەنىلىك شەكىلدە ئەمەس، بەلكى دوختۇرلارغا ۋە جىددىي ھالەت مىنىستىرلىقىنىڭ خادىملىرىغا تەشەككۈر بىلدۈرۈش ھەم كورونا ۋىرۇستىن قازا تاپقانلارنى ئەسلەش مەزمۇنىدا بولدى. قىرغىزىستان خەلق بىرلەشمىسى ئۇيۇشتۇرغان مۇستەقىللىق بايرىمىنى قۇتلۇقلاش مۇراسىمىغا ئۇيغۇر سەنئەتكارلارمۇ قاتناشتى.
«ئىتتىپاق» جەمئىيىتى مەدەنىيەت بۆلۈمىنىڭ باشلىقى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۇ يىللىق مۇراسىمنىڭ ئىلگىرىكى يىللاردىن كۆپ ئايرىمىسى بار ئىكەنلىكىنى تىلغا ئېلىپ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى.
ئادەتتە قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى بۇ دۆلەتتە ئۇيۇشتۇرۇلغان ھەر قايسى مۇراسىملارغا ئاكتىپلىق بىلەن قاتنىشىپ، ياشلار ئارىسىدا مىللىي روھنى كۈچەيتىشكە تىرىشماقتا. ئۇلار يەنە 1991-يىلدىن تارتىپ خەلقئارا ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىغا ئەزا بولۇپ ئۇيغۇر دەۋاسىنى كۈچەيتىشتە ئۆز تۆھپىلىرىنى قوشۇپ كەلمەتكە. رادىئو زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان سىياسىەتشۇناس رەھىمجان ھاپىزى، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى دەۋرنى تۆمۈر قەپەس بىلەن سېلىشتۇردى.
شۇنى تەكىتلەپ ئۆتۈش كېرەككى، 1930-يىللىرىدا ستالىن ھۆكۈمرانلىقىدىكى سابىق سوۋېتلار ئىتتىپاقىدا، بولۇپمۇ سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۆزبېكىستان ۋە قىرغىزىستان ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيەتلىرىدە ياشايدىغان ئۇيغۇرلارغا قارىتا قاتتىق بېسىملار ئېلىپ بېرىلگەنىدى. شۇ سەۋەبتىن ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپ قىسمى ئۆزلىرىنى ئۆزبېك ياكى قىرغىز دەپ تىزىملىتىشقا مەجبۇر بولغانىدى.
0:00 / 0:00