30 مىڭ كىشى قاتناشقان «خەلقئارا مۇسۇلمانلار ھەمكارلىق ئۇچرىشىشى» دا ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلدى
2024.05.21

19-ماي بېلگىيەنىڭ ھاسسېلت شەھىرىدىكى چوڭ بىر تەنتەربىيە سارىيىدا «خەلقئارا مۇسۇلمانلار ھەمكارلىق ئۇچرىشىشى» ئۆتكۈزۈلگەن. يىغىنغا 5 قىتئەدىن كەلگەن 30 مىڭدىن ئارتۇق كىشى قاتناشقان. يىغىننى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا 500 مىڭدىن ئارتۇق ئەزاسى بولغان، يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇر دەۋاسىغا ماددىي ۋە مەنىۋىي تەرەپلەردىن ياردەمدە بولۇپ كەلگەن مەركىزى گېرمانىيەنىڭ كۆلىن شەھىرىدىكى «خەلقئارا مىللىي گۆرۈش» تەشكىلاتى تەشكىللىگەن بولۇپ، د ئۇ ق نىڭ بىر گورۇپپا ۋەكىللىرىمۇ يىغىنغا تەكلىپ بىلەن قاتناشقان.
د ئۇ ق رەھبەرلىرىدىن تۇرغۇنجان ئالاۋۇدىن ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يىغىن ئەھلى ئۇيغۇر ۋەكىللىرىگە ئالاھىدە ھۆرمەت بىلەن مۇئامىلە قىلغان. د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىگە رەئىسلەر سەھنىسىدىن ئورۇن بېرىلگەن ھەمدە تۇنجى نۇتۇق دولقۇن ئەيسانىڭ شەرقىي تۈركىستاندا داۋام قىلىۋاتقان خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرىنى پاش قىلىشى بىلەن باشلانغان.
دولقۇن ئەيسا ئەپەندى نۇتقىدا «تۈرك ۋە ئىسلام دۇنياسىنىڭ شەرقتىكى قورغىنى بولغان، تۇنجى مۇسۇلمان تۈرك دۆلىتى ھېسابلانغان ‹خاقانىيە دۆلىتى› قۇرۇلغان، تۈركىي تىللارنىڭ تۇنجى لۇغىتى بولغان ‹تۈركىي تىللار دىۋانى› ھەمدە تۇنجى پەلسەپە ۋە قانۇن كىتابى بولغان ‹قۇتادغۇ بىلىگ› دۇنياغا كەلگەن شەرقىي تۈركىستاندىكى مەزلۇم ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز، ئۆزبېك قاتارلىق تەخمىنەن 25-30 مىليون تۈركىي مىللەتلەرنىڭ بۈگۈنكى كۈندە خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ تۈرلۈك زۇلۇمى، خورلۇقلىرى، ئىرقىي قىرغىنچىلىقلىرىغا دۇچ كېلىپ، يەر يۈزىدىن كوللېكتىپ ھالدا يوقىلىشقا يۈز تۇتۇۋاتقانلىقى» نى كونكرېت مىساللىرى بىلەن ئوتتۇرىغا قويغان. يىغىن ئەھلى ئۇنىڭ نۇتقىنى قىزغىن ئالقىشلار بىلەن قوللىغان.
مەزكۇر يىغىنغا ئىشتىراك قىلغان د ئۇ ق خادىملىرىدىن ئىپتىخار تەڭرىقۇتنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ يىغىنغا تۈركلەردىن سىرت، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى مۇسۇلمان دۆلەتلىرىدىن كۆپ ساندا ۋەكىللەر كېلىپ قاتناشقان بولۇپ، دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ نۇتقىنى ئاڭلىغان بەزى دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى شەرقىي تۈركىستاندا 21-ئەسىردە يۈز بېرىۋاتقان بۇ پاجىئەلەردىن قاتتىق چۆچۈگەنلىكىنى بىلدۈرۈشكەن ھەمدە بۇندىن كېيىن ئۆزلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستانلىقلار ئۈچۈن قولىدىن كېلىشىچە ياردەملەردە بولىدىغانلىقى ئىپادە قىلىشقان. ئۇنىڭ قەيىت قىلىشىچە، شۇنچە كۆپ ئىنسان قاتناشقان بۇ يىغىندا ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى مەسىلىسىنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى، خىتاينىڭ بېسىمى ئاستىدىكى بەزى مۇسۇلمان دۆلەتلىرىدە ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى كۈنتەرتىپكە كەلتۈرۈشنىڭ بىر ئىشىكىنى ئېچىپ بەرگەن.
د ئۇ ق قارىمىقىدىكى «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيە مەركىزى» نىڭ مۇدىرى زۇمرەتئاي ئەركىننىڭ تىلغا ئېلىشىچە، بەزى دۆلەتلەرنىڭ ھۆكۈمەت ئەربابلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بۇ قەدەر كۆپ كىشى ئىشتىراك قىلغان چوڭ سورۇندا ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى مەسىلىسىنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى، ھاياجانلىنارلىق بىر ھادىسە بولغان.
مەزكۇر يىغىن ھەققىدىكى نەق مەيدان سىن كۆرۈنۈشلىرىگە ئاساسلانغاندا، دولقۇن ئەيسا ئەپەندى ئۆز نۇتقىدا يەنە خىتاي كوممۇنىستلىرى 1949-يىلى شەرقىي تۈركىستانغا بېسىپ كىرگەن 75 يىلدىن بۇيان، بۇ زېمىننىڭ ئىگىسى بولغان ئۇيغۇر قاتارلىق يەرلىك خەلقلەر ئۈستىدىن ئىزچىل ھالدا دىنسىزلاشتۇرۇش، ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش سىياسەتلىرىنى يۈرگۈزۈپ كەلگەنلىكىنى، ئاخىرقى يىللاردا ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئارقىلىق ئۇلارنى تارىخ بېتىدىن پۈتۈنلەي سۈپۈرۈپ تاشلاشقا ئۇرۇنغانلىقىنى بايان قىلغان. خىتاينىڭ بۇ ۋەھشىي سىياسەتنى ئىجرا قىلىشتا ئاتالمىش «تېررورلۇق» قا زەربە بېرىشنى باھانە قىلغانلىقى ھەمدە ئىسلام دىنىنى يوقىتىشقا تېگىشلىك «روھى كېسەللىك» دەپ قارايدىغانلىقى تىلغا ئېلىنغان.
دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ سۆزىگە ئاساسلانغاندا، مەزكۇر يىغىننى تەشكىللىگەن «خەلقئارا مىللىي گۆرۈش» تەشكىلاتى ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپلىگەن پائالىيەتلىرىگە ماددىي جەھەتتىن زور ھەسسىلەر قاتقان بىر تەشكىلات ئىكەن. مەسىلەن: «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈلۈۋاتقان خىتاي زۇلۇمىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» دەپ قارار ئېلان قىلىش جەريانىدىكى زور ئىقتىسادىي چىقىملارنىڭ بىر قىسمىغا ياردەم قولىنى سۇنغان. ياۋروپا پارلامېنتىدا ئۆتكۈزۈلگەن «خەلقئارا ئۇيغۇر مۇنبىرى» يىغىنىڭ چىقىملىرىنى ئۈستىگە ئالغان.