«ياۋروپا مۇسۇلمانلار مۇنبىرى» ياۋروپادىكى بارلىق مۇسۇلمان تەشكىلاتلىرى ئەزا بولغان ئەڭ چوڭ چېگرا ھالقىغان ئاممىۋى تەشكىلاتى بولۇپ، ئۇنىڭ باش شتابى بېلگىيەگە جايلاشقان. ئۇلار بۇ يىل 2-ئاينىڭ 2-كۈنى مەزكۇر ئورگاننىڭ رەئىسى ئابدۇل ۋاھىد نىيازوف ۋە باشقا رەھبەرلىرىنىڭ ئىمزاسى بىلەن ئېلان قىلغان باياناتىدا، 2022-يىللىق بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى بايقوت قىلىدىغانلىقى، بايقۇت قىلغان دۆلەتلەرنى تەبرىكلەيدىغانلىقى، ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىۋاتقان دۆلەتتىكى ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش ۋە بېرىشنى مەنئى قىلىدىغانلىقى، يەنە ئۆزلىرىنىڭ دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى تېخىمۇ كۈچەيتىدىغانلىقى تەكىتلەنگەن. باياناتتا مۇنۇلار يېزىلغان: «بىز بېيجىڭ 2022-يىللىق قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى بايقۇت قىلغان ئامېرىكا، كانادا، ئەنگلىيە، ئاۋسترالىيە ۋە فىرانسىيە قاتارلىق دۆلەتلەرگە ئاپىرىن ئوقۇيمىز. ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىۋاتقان دۆلەتتە ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە قارىتا سۈكۈتتە تۇرۇۋاتقان تۈركىيە ۋە باشقا دۆلەتلەردىن قاتتىق ئەپسۇسلىنىمىز. بىز دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بىلەن بولغان ھەمكارلىقىمىزنى تېخىمۇ كۈچەيتىدىغانلىقىمىزنى تەكىتلەيمىز».
«ياۋروپا مۇسۇلمانلار مۇنبىرى» 2-ئاينىڭ 2-كۈنى «2022-يىللىق قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسى ھەققىدە بايانات» ماۋزۇلۇق بايانات ئېلان قىلىپ، بۇ مۇسابىقىگە قاتناشقان دۆلەتلەرنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىگە شېرىك بولغان بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۈگۈن رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، بۇ ھەقتىكى سوئالىمىزغا مۇنداق جاۋاب بەردى: «ياۋروپا مۇسۇلمانلار مۇنبىرى ياۋروپادا كۈچلۈك تەسىرگە ئىگە بولغان مۇسۇلمانلار تەشكىلاتىدۇر. بۇ باياناتتا ناھايىتى كۈچلۈك مەزمۇنلار ئورۇن ئالغان. بۇ باياناتتا ھازىرغىچە ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىغا كۆڭۈل بۆلگەن دۆلەتلەرگە رەھمەت ئېيتىش بىلەن بىرلىكتە مۇسۇلمان دۆلەتلەرنىڭ جىمجىتلىقى مەلۇم دەرىجىدە تەنقىد قىلىنغان. شۇنداقلا دۇنيادىكى بارلىق دۆلەتلەرنىڭ بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى بايقۇت قىلىشى كېرەكلىكى تەكىتلەنگەن. يەنە بىرى مۇسۇلمان دۆلەتلىرىنى ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى توختىتىش ئۈچۈن خىتايغا نارازىلىق بىلدۈرۈشكە چاقىرغان. شۇنداقلا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنىڭ جاۋابسىز قالماسلىقى كېرەكلىكىنى تەكىتلەش بىلەن بىرلىكتە پۈتۈن دۇنيا دۆلەتلىرىنى خىتايغا قارشى ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە چاقىرغان».
دولقۇن ئەيسا ئەپەندى «ياۋروپا مۇسۇلمانلار مۇنبىرى» ئېلان قىلغان بۇ باياناتنىڭ مۇسۇلمان دۆلەتلىرىنى ئۇيغۇر مەسىلىسىدە ئويغىتىش ئۈچۈن زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «مۇسۇلمان دۆلەتلىرى سۈكۈتتە تۇرۇۋالغان، ھەتتا بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە قاتنىشىۋاتقان بىر پەيتتە بۇ بايانات بىرقىسىم مۇسۇلمان دۆلەتلىرىنىڭ ئۇيقۇسىنى ئېچىشىغا ۋە مۇسۇلمان ئاممىۋى تەشكىلاتلىرىنى ئۇيغۇرلارغا ئىگە چىقىشقا چاقىرىدۇ. چۈنكى خىتاي دۆلىتى مۇسۇلمان دۆلەتلەردە ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ ئامېرىكا ۋە ياۋروپا دۆلەتلىرى ئويدۇرغان ئويۇن ئىكەنلىكىنى تەشۋىق قىلماقتا. بۇ خىل تەشۋىقاتلارغا مۇسۇلمانلارنىڭ ئىشەنمەسلىكى ئۈچۈن پايدىلىق. بۇ جەھەتتىن قارىغاندا زور ئەھمىيەتكە ئىگە دەپ ئويلايمەن».
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ دىنىي ئىشلار كومىتېتى مۇدىرى تۇرغۇنجان ئالاۋۇددىن ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى 2018-يىلىدىن تارتىپ «ياۋروپا مۇسۇلمانلار مۇنبىرى» بىلەن ھەمكارلىشىشقا باشلىغان بولۇپ، بۇرۇنمۇ ئورتاق باياناتلار ئېلان قىلغان ئىكەن. ئۇ، بۇ ھەقتە مەلۇمات بەردى.
تۇرغۇنجان ئالاۋۇددىن ئەپەندى «ياۋروپا مۇسۇلمانلار مۇنبىرى» ياۋروپادا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان مۇسۇلمان تەشكىلاتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مۇنبەر ئىكەنلىكىنى، قۇرۇلغان كۈندىن تارتىپ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.
«يەرشارى ئىماملار كېڭىشى» يېقىندا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بىلەن بىرلىكتە «خەلقئارا ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى» غىمۇ مەكتۇپ يوللاپ مەزكۇر تەشكىلات قارمىقىدىكى ئىسلام دۆلەتلىرىنى ئۇيغۇر مەسىلىسىدىكى سۈكۈتىنى بۇزۇشقا، بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى بايقۇت قىلىشقا چاقىرغانىكەن.
