ئامېرىكادىكى مۇسۇلمانلار ياردەم تەشكىلاتى رامزاندا تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىغا ياردەم قىلىدۇ

0:00 / 0:00

خەلقئارالىق خەير-ساخاۋەت ئورگىنى بولغان ئامېرىكا مۇسۇلمانلىرى ياردەم تەشكىلاتى بىر ئاي ئىلگىرى، يەنى 7-مارت ئۇيغۇرلارغا ياردەم بېرىش فوندى تەسىس قىلىش تۈرىنى يولغا قويۇشقا باشلىغان. بۇ ھەقتىكى مۇراجىئەت ئۇلارنىڭ تور بېتى ۋە فەيسىبوك، تىۋىتتېر قاتارلىق ئىجتىمائىي تاراتقۇلىرىدا تونۇلغان مۇسۇلمان زىيالىي پائالىيەتچى دالىيە موگاخېد خانىمنىڭ ۋىدىيولۇق چاقىرىقى ئارقىلىق تارقىتىلغان. ۋاشىنگتوندىكى ئىجتىمائىي سىياسەت ۋە چۈشىنىش تەتقىقات ئورنى (ISPU) نىڭ تەتقىقات دىرېكتورى دالىيە خانىم، مۇسۇلمان جامائىتىنى، تۈركىيەدىكى مۇساپىر ئۇيغۇرلارغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن ئامېرىكادىكى مۇسۇلمان ياردەم تەشكىلاتىغا ئاۋاز قوشۇشقا چاقىرىق قىلغان.

ئۇ، ئۇيغۇرلارنىڭ مۇشۇ ئەسىردىكى ئەڭ ئېغىر ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتنىڭ قۇربانىغا ئايلىنىۋاتقان خەلق ئىكەنلىكىنى، بىر مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرنىڭ بىگۇناھ ھالدا پەقەت كىملىكى سەۋەبلىك لاگېرلارغا قامىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ باستۇرۇشلىرىغا ئۇچراپ، مۇساپىر بولۇشقا مەجبۇر بولغانلىقىنى تونۇشتۇرغان. ئۇ يەنە ھازىرنىڭ ئۆزىدە تۈركىيەدە 50 مىڭغا يېقىن ئۇيغۇر مۇساپىر جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتلەردىن زەربىلەرگە ئۇچراپ، ياردەمگە موھتاج بولۇپ تۇرۇۋاتقانلىقىنى ئېيتقان.

ئۇ «55 دوللار ياردىمىڭىزدە 5 جانلىق بىر ئائىلە رامزاننى خاتىرجەم ئۆتكۈزەلەيدۇ، بىر مىڭ دوللاردىن ئازراقلا ئارتۇق ياردىمىڭىز بىلەن، بۇ بىر ئائىلىلىكنىڭ بىر يىللىق تۇرالغۇ ۋە يېمەك ئىچمىكى كاپالەتكە ئىگە بولىدۇ. ئۆتكەن رامزاندىن بۇيان، MAUSA تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر مۇساپىر ئائىلىلىرى ئۈچۈن 250 مىڭ دوللاردىن ئارتۇق مەبلەغ توپلىغان، سىزنىڭ قوللىشىڭىز بىلەن بىز تېخىمۇ كۆپ كىشىلەر ئۈچۈن مەبلەغ توپلاشنى ئىشقا ئاشۇرالايمىز» دەپ چاقىرىق قىلغان. دالىيە خانىم دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىكى ئەگەشكۈچىلىرى 200 مىڭدىن ئاشىدىغان تەسىرى كۈچلۈك مۇسۇلمان دەۋەتچى زىيالىي ھېسابلىنىدۇ.

ئامېرىكا مۇسۇلمانلىرى ياردەم تەشكىلاتىنىڭ تورىدىكى ئۇچۇرلارغا قارىغاندا، ئۇلارنىڭ مۇساپىر ئۇيغۇرلارغا ئاتاپ تەسىس قىلغان مەزكۇر فوندىغا يىغىلغان پۇللار، تۈركىيەدىكى قىيىنچىلىقتا قالغان ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىغا يېمەك-ئىچمەك، تۇرالغۇ، بىخەتەرلىك جەھەتلەردىكى ياردەم ئۈچۈن خىراجەت قىلىدىكەن.

ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ دۇنياغا تونۇلۇشى، بولۇپمۇ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئىرقى قىرغىنچىلىقى باشلانغاندىن بۇيان، مۇسۇلمان ۋە باشقا ھەر قايسى دىنىي جامائەت ۋە فوندى جەمئىيەتلىرى، ئوخشىمىغان ئۇسۇل ۋە ۋاسىتىلەر ئارقىلىق ئۇيغۇرلارغا بولغان ھېسداشلىقى ۋە ياردەملىرىنى يەتكۈزۈپ كەلمەكتە.

بولۇپمۇ ھەر يىلى رامىزان ئېيى يەنى مۇسۇلمانلارنىڭ دىنىي ۋە ئىنسانىي مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىپ، ساۋاب ئېلىش ئۈچۈن زاكات ۋە فىتىر سەدىقە ئايرىپ، خەيرى ساخاۋەت پائالىيەتلىرى يۇقىرى پەللىگە چىقىدىغان، ئالاھىدە بىر مەزگىلدە «ئۇيغۇرلارغا ياردەم» نامىدا فوندى يىغىش تۈرلىرىمۇ مەيدانغا كەلمەكتە.

ئىنكاسلاردىن، ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىغا بۇ خىل تۇشمۇتۇشتىن سۇنۇلغان ياردەم قوللىرى بىر تەرەپتىن مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارغا ئىللىقلىق ئاتا قىلىۋاتقان بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئۇيغۇرلارنىڭ ئېغىر ۋەزىيىتىنى سۇيىئىستېمال قىلىدىغان ساختا فوندلارنىڭ كىشىلەرنىڭ مېھرىبانلىقنى مونوپول قىلىشىغا بولغان ئەندىشىسىنىمۇ يوق دېگىلى بولمايدۇ.

بۇ مۇناسىۋەت بىلەن دۇنيا مىقياسىدا تەبىئىي ئاپەت ياكى توقۇنۇشنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان كىشىلەرگە ياردەم بېرىدىغان خەلقئارالىق خەير-ساخاۋەت ئورگىنى-ئامېرىكا مۇسۇلمانلىرى ياردەم تەشكىلاتى(MAUSA) نىڭ ئىجرائىيە مۇدىرى Azhar Azeez ئەپەندى بىلەن تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ باردۇق.

ئەزھەر ئەپەندى تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىغا توپلانغان فوندنىڭ قانداق ياردەمگە موھتاج ئۇيغۇرلارغا قانداق يەتكۈزۈلىدىغانلىقى ھەققىدە تونۇشتۇرۇش بېرىپ مۇنداق دېدى:

«بۇ، بىزنىڭ ئۇيغۇرلارغا تۇنجى قېتىم ياردەم توپلىشىمىز ئەمەس، بىز تۈركىيەدە قىيىنچىلىقتا قالغان ئۇيغۇر مۇساپىرلارغا خېلىدىن بېرى ياردەم قىلىپ كېلىۋاتىمىز، ئاساسلىقى تۈركىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى باشقۇرۇشىدىكى-ئاپەت ۋە جىددىي ئىشلارنى باشقۇرۇش ئىنسانىي ياردەم تەشكىلاتى AFAD نىڭ ۋاسىتىسى بىلەن ياردەملىرىمىز ئۇيغۇر ئائىلىلىرىگە يەتكۈزۈلۈپ كېلىۋاتىدۇ.

بىز ئۇيغۇر مۇساپىرلىرى ئۈچۈن يىغىلغان فوندنى ئاساسلىق ئۇلارنىڭ نامراتلىق، ئاچارچىلىق، كېسەللىك، ساۋاتسىزلىق، ئۆي-ماكانسىزلىق قاتارلىق ئېھتىياجلىرىغا ياردەم بېرىشكە خىراجەت قىلىمىز. بىزنىڭ شۇ جايدىكى ھەمكارلاشقۇچى پىدائىيلىرىمىز، شۇ جايدىكى ئۇيغۇر جامائىتى ئېھتىياجلىق بولغانلىرى ھەققىدىكى ئىلتىماسىغا لايىقلاشتۇرۇپ، دەل جايىدا ئېھتىياجلىق بۇيۇملارنى تارقىتىپ بېرىدۇ. بىزنىڭ خەيرى ساخاۋەت تۈرلىرىمىز ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ مۇناسىۋەتلىك تەكشۈرۈش ۋە تەستىقلىشىدىن ئۆتۈپ يۈرۈشلەشكەن. بىزنىڭ ساخاۋەت ئىگىلىرىنىڭ ياردەملىرىنى بىخەتەر ۋە ۋاقتىدا ئېھتىياجلىق كىشىلەرگە يەتكۈزۈش مەسئۇلىيىتىمىز بار».

بىز ئەزھەر ئەپەندىدىن، ئۇيغۇر نامىنى سۇيىئىستېمال قىلىۋاتقان ساختا فوندلارنىمۇ يوق دېگىلى بولمايدىغانلىقىغا قانداق قارايدىغانلىقى ۋە بۇلاردىن قانداق ئاگاھ بولۇش ھەققىدىمۇ سورىدۇق. ئۇ بۇنىڭ ھەقىقەتەنمۇ مەۋجۇت مەسىلە ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى:

«رامىزان ئېيى پۈتۈن دۇنيا مۇسۇلمانلىرى خەيرى ساخاۋەتلىرىنى ئايىمايدىغان ئىنتايىن ئەھمىيەتلىك بىر مەزگىل، بۇ ئايدا مەخسۇس ئۇيغۇرلارغا ياردەم بېرىش فوندى تۈرى مۇراجىئىتى ئېلان قىلغاندىن بۇيان، ئەلھەمدۇلىللا، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى مۇسۇلمان قېرىنداشلار بولۇپمۇ ئامېرىكادىكى جامائەت ئىنتايىن قىزغىن ئاۋاز قوشۇۋاتىدۇ. مۇسۇلمان ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىغا بولغان ياردىمىنى ئايىماي، مېھرىبانلىقىنى يەتكۈزۈۋاتىدۇ. ئەلۋەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىدىن پايدىلىنىشنى ئويلايدىغانلارنىمۇ يوق دېگىلى بولمايدۇ. ئۇيغۇرلارغا خەيرى-ساخاۋەت قىلىش ئارقىلىق ئۇلارغا ھېسداشلىقىنى ئىپادىلىمەكچى بولغانلارغا تەۋسىيە قىلىدىغىنىم، ئۆزى پۇل ئىئانە قىلماقچى بولغان بۇ فوندلارنىڭ قانۇنلۇق ۋە ئىشەنچلىك ئىكەنلىكىنى تەكشۈرۈپ جەزملەشتۈرۈش ئالدى بىلەن شۇ ئىئانە قىلغۇچىنىڭ مەسئۇلىيىتى. بۇ ئۇلۇغ رامزاندا ياخشىلىقنىڭ ئەجرى قانچە ئۈستۈن بولغان بولسا، ياخشى نىيەتلىك كىشىلەرنىڭ ئىنسان ياردىمىگىمۇ خىيانەت قىلىش ئەخلاقسىزلىق ۋە ئېغىر جىنايەتتۇر. ھەممىمىزنىڭ بۇنداق ساختىلىقلارنى پاش قىلىش مەسئۇلىيىتىمىز بار».

ئەزھەر ئەزىز ئەپەندى ئامېرىكادىكى 45 دىن ئارتۇق مۇسۇلمان تەشكىلاتىغا ۋەكىللىك قىلىدىغان شىمالىي تېكساس ئىسلام كېڭىشىنىڭ (NTIC) نىڭ سابىق رەئىسى ۋە ئىككى قېتىم شىمالىي ئامېرىكا ئىسلام جەمئىيىتى (ISNA) نىڭ رەئىسلىكىگە سايلىنىپ ۋەزىپە ئۆتىگەن.

ئاخىرىدا ئەزھەر ئەپەندى گەرچە ئۆزى ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقتىن ئىنتايىن ئەندىشە قىلسىمۇ ئەمما بىر ئىنسانىي ياردەم تەشكىلاتىغا ۋاكالىتەن سۆز قىلىۋاتقىنى ئۈچۈن سىياسىي جەھەتتە كۆپ توختىمايدىغانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى. شۇنداقلا ئۇ يەنە مۇساپىر ئۇيغۇرلارنى سىجىل تۇرمۇش ئىمكانىيىتى بىلەن تەمىنلەش شۇنداقلا جىددىي قۇتقۇزۇشنى مەقسەت قىلغان، ئۇزۇن مۇددەتلىك تەرەققىيات تۈرلىرىنى تۈزگەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكادىكى خەلقئارالىق خەير-ساخاۋەت ئورگىنى بولغان مۇسۇلمان ياردەم تەشكىلاتى ئوخشىمىغان ياردەم تۈرلىرى ئارقىلىق ئۆتكەن بىر يىلدا، يەمەن، سومالى، سۈرىيە، تۈركىيە، ئافغانىستان، پاكىستان قاتارلىق 29 دۆلەتتىكى مىليونلىغان كىشىلەرنىڭ ساقلىق، ئوزۇقلۇق، بىخەتەرلىك ئېھتىياجلىرىغا مۇناسىپ ھالدا ياردەم بەرگەنىكەن.