شائىر مۇتەللىپ سەيدۇللانىڭ يېڭى تۈركچە شېئىرلار توپلىمى نەشر قىلىندى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئازىغ
2020.12.29
شائىر مۇتەللىپ سەيدۇللانىڭ يېڭى تۈركچە شېئىرلار توپلىمى نەشر قىلىندى نورۋېگىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر شائىر مۇتەللىپ سەيدۇللانىڭ «دېڭىزنىڭ ئېيتقانلىرى» ناملىق شېئىرلار توپلىمىنىڭ مۇقاۋىسى. 2020-يىلى دېكابىر.
RFA/Azigh

خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئۇيغۇر تىلى ۋە ئەدەبىياتى زور چەكلىمىگە ئۇچراۋاتقان بۈگۈنكىدەك ۋەزىيەتتە، مۇھاجىرەتتىكى ئەدەبىيات-سەنئەت پائالىيەتلىرىنىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى ساقلاپ قېلىشتىكى رولى كۆزەتكۈچىلەر تەرىپىدىن تەكىتلىنىپ كەلمەكتە.

يېقىندا نورۋېگىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر شائىر مۇتەللىپ سەيدۇللانىڭ «دېڭىزنىڭ ئېيتقانلىرى» ناملىق شېئىرلار توپلىمى بەنگۈ نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان بولۇپ، بۇ ئاپتورنىڭ «ئىككى كۆز، ئىككى يۈز» ناملىق شېئىرلار توپلىمىدىن كېيىنكى چەت ئەل تىلىدا نەشر قىلىنغان يەنە بىر ئەدەبىي ئىجادىيىتى ھېسابلىنىدىكەن.

مۇتەللىپ سەيدۇللا ئەپەندىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر تىلى ۋە ئەدەبىياتىنى يوقىتىش تىرىشچانلىقىغا قارشى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى:

«خىتاي ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ۋە ئۇيغۇر تىلىنى يوقىتىشقا ئۇرۇنۇۋاتقان بۈگۈنكىدەك كۈندە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر يازغۇچىلىرىنىڭ زىممىسىگە چۈشكەن يۈك ئىنتايىن ئېغىر. بىز نوقۇل ھالدا ئۇيغۇر ئانا تىلى ۋە مەدەنىيىتىنى قوغداپ قىلىش ئۈچۈنلا ئەمەس، ئۇيغۇرنىڭ دەردىنى، ئازابلىرىنى يېزىش ئارقىلىق ئۇيغۇرنىڭ بۇ دۇنيادىكى مەۋجۇتلۇقىنى دۇنياغا بىلدۈرۈشىمىز كېرەك.»

ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: «بۇ ئۇزۇن بىر جەريان. شۇنىڭ ئۈچۈن مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلاردىن كۈتىدىغىنىم قەلەمدە توختاپ قالماستىن، ئۈمىدسىزلەنمەستىن، ئىككىلەنمەستىن يېزىقچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىش ۋە ئەسەر يېزىشتىن ئىبارەت. بىر ئۇيغۇر پەرزەنتى ئۈستىگە ئىلىشقا تېگىشلىك ۋىجدانى مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئىلىشقا تەييار بۆلىشى كېرەك.»

مۇتەللىپ سەيدۇللانىڭ «تەڭرىتاغ ژۇرنىلى»، «تارىم ژۇرنىلى»، «تۇرپان ژۇرنىلى» قاتارلىق ئەدەبىي ژۇرناللاردا 300 پارچىغا يېقىن شېئىرى ۋە ئەدەبىي ئىجادىيەتلىرى ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ئۇنىڭدىن باشقا «شىنجاڭ گېزىتى»، «ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى» قاتارلىق گېزىتلەردە 200 پارچىغا يېقىن تەرجىمە ئەسەرلىرى ئېلان قىلىنغان. شائىرنىڭ بىر قىسىم شېئىرلىرى ھازىرغىچە خىتاي، تۈرك ۋە نورۋېگ تىللىرىغا تەرجىمە قىلىنغان.

دۇنيا ئۇيغۇر يازغۇچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ باش كاتىپى ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەت ئەپەندىم شائىر مۇتەللىپ سەيدۇللا ئەپەندىمنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيەتلىرى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى:

«مۇتەللىپ سەيدۇللانىڭ چەت ئەلگە چىققاندىن كېيىنكى بىر قانچە يىل ئىچىدە يازغان شېئىرلىرىدا ئۆزگىچە يول، ئۆزگىچە ئۆزگىرىش ۋە ئۇسلۇب بار.

ۋەتەندە يازغان شېئىرلىرى بىلەن تۈپتىن پەرقلىنىدۇ. مۇتەللىپنىڭ ھازىرقى شېئىرلىرىدا سۈزۈكلۈكنى ھېس قىلىمەن. خۇددى تەبىئەت مەنزىرىسىدەك، جىمجىت دەل-دەرەخلەرنىڭ ئارىسىدىكى سۈزۈك سۇدەك مەنزىرىنى كۆرگەندەك بولىمەن.

ئۆزگىچە شېئىرى مىسرالارنى تۈزىدۇ، ئوخشىمىغان شەكىلدە ئىپادىلەيدۇ. مۇتەللىپنىڭ شېئىرلىرىغا ئومۇمىييۈزلۈك باھا بەرگەن چىغىمىزدا، قىسقىچە بىر جۈملە بىلەن ئىپادىلىگىنى بولىدۇ. مۇتەللىپنىڭ شېئىرلىرىدا مەنە بوشلۇقىغا قارىغاندا، ھېسسىيات بوشلۇقى بەكرەك كەڭرى. مۇتەللىپ شېئىرلىرىدا مەنىگە ئەمەس، ھېسسىياتقا كۈچەيدۇ. مەن مۇتەللىپنىڭ شېئىرلىرىنى ئوقۇغاندا ئۆزۈمنى راھەت ۋە يېنىك ھېس قىلىمەن.»

مۇتەللىپ سەيدۇللا ئەپەندىم زىيارىتىمىزنىڭ داۋامىدا مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر شائىرلىرىنىڭ ئەسەرلىرىنى دۇنياغا تونۇشتۇرۇشتىكى مۇھىم باسقۇچلار ھەققىدە توختىلىپ ئۆتتى.

كۆزەتكۈچىلەر خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئىلىپ بېرىۋاتقان ئېتنىك قىرغىنچىلىق سىياسەتلىرىنىڭ تەسىرىدە، ئۇيغۇر تىلى ۋە ئەدەبىياتىنىڭ ئېغىر كرىزىسقا دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەدەبىيات-سەنئەت پائالىيەتلىرىنىڭ بۇ كرىزىسنى يېنىكلىتىشتە مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقىنى تەكىتلەپ كەلمەكتە.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.