2023-يىللىق ميۇنخېن خەۋپسىزلىك يىغىنى 17-فېۋرالدىن 19-فېۋرال كۈنىگىچە ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلىدىغان بۇ يىغىن دەل خىتاينىڭ جاسۇسلۇق شارلىرى ئامېرىكا تەۋەسىگە كىرىپ زور غۇلغۇلا قوزغىغان ۋە ئىككى دۆلەتنىڭ بۇ مەسىلىنى قانداق ھەل قىلىدىغانلىقى كۈچلۈك دىققەت قوزغاۋاتقان بىر مەزگىلگە توغرا كەلدى.
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى رەسمىي باياناتىدىن قارىغاندا، 19-فېۋرال شەنبە كۈنى ئاخشام سائەتلىرىدە ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونىي بىلىنكېن بىلەن خىتاي كومپارتىيەسى مەركىزىي تاشقى ئىشلار كومىتېتى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى ۋاڭ يى ميۇنخېندىكى خەۋپسىزلىك يىغىندا بىر ئارىغا كەلگەن. ئۇچرىشىشتا بىلىنكىن خىتاينى ھەم جاسۇسلۇق شارى مەسىلىسىدە ھەم ئۇكرائىنا ئۇرۇشى مەسىلىسىدە كەسكىن ئاگاھلاندۇرغان.
ئامېرىكانىڭ رەسمىي باياناتىدا مۇنۇلار دېيىلگەن: «بىلىنكېن خىتاينىڭ نازارەت شارلىرىنىڭ ئامېرىكا ھاۋا تەۋەسىگە كىرىشىنىڭ ئامېرىكانىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە خەلقئارا قانۇنلارغا خىلاپ ھەرىكەتلىكىنى ۋە بۇنىڭ قوبۇل قىلغۇسىزلىقىنى بىلدۈردى. شۇنداقلا بۇنداق بىر مەسئۇلىيەتسىزلىكنىڭ قايتا يۈز بەرمەسلىكىنى ئەسكەرتتى. . . بىلىنكىن يەنە خىتاينى رۇسىيەنى ماددىي جەھەتتىن قوللاش ياكى جازا تەدبىرلىرىدىن قېچىشىغا ياردەم قىلىشنىڭ تەسىرى ۋە ئاقىۋەتلىرى ھەققىدە ئاگاھلاندۇردى».
ھالبۇكى، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بۇ ئۇچرىشىش ھەققىدىكى رەسمىي باياناتىدا بولسا «ۋاڭ يى بىلىنكېنغا ئامېرىكانى خىتاينىڭ شارىنى ئېتىپ چۈشۈرۈپ ھەددىدىن زىيادە كۈچ ئىشلىتىش ئارقىلىق ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىگە زىيان سالغانلىقىنى ئېتىراپ قىلىشى ۋە ئۇنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشى لازىملىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى» دېيىلگەن.
خىتاي كومپارتىيەسى مەركىزىي تاشقى ئىشلار كومىتېتى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى ۋاڭ يى ميۇنخېندا بىلىنكىن بىلەن ئۇچرىشىنىڭ ئالدىدا يەنى شەنبە كۈنى ئەتىگەندىكى سۆھبەت يىغىنىدا سۆزلىگەن نۇتقىدىمۇ ئامېرىكانىڭ بۇ جاسۇسلۇق شارىنى ئېتىپ چۈشۈرۈشىنى «بىمەنە ۋە ئەخمىقانە» دەپ ئەيىبلىگەن.
ئۇ سۆزىدە «ئامېرىكانىڭ بۇ پۇقراۋى ئىشلاردا ئىشلىتىدىغان شارنى باشقۇرۇلىدىغان بومبا بىلەن ئېتىپ چۈشۈرۈشى ئىنتايىن بىمەنە ۋە ئەخمىقانىلىك بولۇپلا قالماي، قالايمىقان قورال ئىشلەتكەنلىك» دېگەن.
خىتاينىڭ جاسۇسلۇق شارى مەسىلىسىدە ئامېرىكادىن كەچۈرۈم سوراش ئۇياقتا تۇرسۇن، ئەكسىچە ۋەقەنىڭ خاراكتېرىنى بۇرمىلاپ ئامېرىكانى تەنقىدلەشكە ئۇرۇنۇشى مەتبۇئاتلارنىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى قوزغىدى. ئامېرىكىنىڭ NBC قانىلى ئۇچرىشىشتىن كېيىن ئانتونىي بىلىنكېننى مەخسۇس زىيارەت قىلىپ ئۇنىڭدىن «ۋاڭ يى ئۇچرىشىشتا سىزگە نېمە دېدى، ئۇ سۆزىنى كەچۈرۈم سوراش بىلەن باشلىدىمۇ؟» دەپ سورىدى.
بىلىنكېن مۇنداق دېدى: «مەن ئۇنىڭ سۆزلىرىگە بۇ يەردە باھا بەرسەم بولمايدۇ، ئەمما مەن سىزگە ئۇنىڭ كەچۈرۈم سورىمىغانلىقىنى دېيەلەيمەن».
بىلىنكېن سۆزىدە ئۆزىنىڭ خىتاينىڭ جاسۇسلۇق ھاۋا شارى ۋە رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنى ھەرقانداق ياردەم بىلەن قوللاش مەسىلىسىدە خىتاينى ئاگاھلاندۇرغانلىقىنىمۇ ئېيتتى.
دىققەت قوزغايدىغىنى، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بىلىنكېن بۇ سۆزىدە خىتاينىڭ رۇسىيەنى ئەجەللىك قوراللار بىلەن تەمىنلىشى مۇمكىنلىكى ھەققىدىكى يېڭى ئۇچۇرنىمۇ ئورتاقلاشتى. ئۇ مۇنداق دېدى: «خىتاي دۇنياغا ئۆزلىرىنى خۇددى ئۇكرائىنادا تىنچلىقنى تەرغىب قىلىۋاتقاندەك كۆرسىتىۋاتىدۇ. ئەمەلىيەتتە بىز بىر قانچە ئايدىن بۇيان خىتاينىڭ رۇسىيەدىكى تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشىنى ھەرخىل ياردەملەر بىلەن يەنى ئەجەللىك بولمىغان (Non-Lethal) ماددىي ياردەملەر بىلەن قوللاپ كەلگەنلىكىنى كۆردۇق. بىراق مەن بۈگۈن خىتاينىڭ رۇسىيەنى ئەجەللىك ئاقىۋەت كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ياردەملەر بىلەن تەمىنلەشنى كۆزلەۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان كۈچلۈك ئالامەتلەر بارلىقىنى ئاشكارىلىماقچىمەن».
ئۇ NBC قانىلى رىياسەتچىسىنىڭ سىزنىڭ ئەجەللىك ياردەم (Lethal aid) دېگىنىڭىز نېمىنى كۆرسىتىدۇ؟ دەپ سورىغان سوئالىغا مۇنداق جاۋاب بەردى: «مەن بۇ يەردە ئەجەللىك ياردەملەر ھەققىدە تولۇق تەپسىلاتلارنى بېرەلمەيمەن. بىراق خىتاينىڭ رۇسىيەنى قورال-ياراغنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان ئەجەللىك ئاقىۋەتلىك ياردەملەر بىلەن تەمىنلىمەكچى بولۇۋاتقانلىقى مەلۇم. بۇ يەنە رۇسىيەنىڭ ئەجەللىك قوراللارنى ياسىشىغا ئىمكانىيەت تۇغدۇرىدىغان ماتېرىيال ياردىمىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ».
ئانتونىي بىلىنكېن سۆزىدە يەنە، خىتاينىڭ ھاۋا شارىنىڭ ئامېرىكانىڭ سەزگۈر مۇھىم ئورۇنلىرىنى نازارەت قىلىشنى مەقسەت قىلغان جاسۇسلۇق شارى ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ خىتاي ئىلگىرى سۈرگەندەك شامالدا يۆنىلىنىشىدىن ئېزىپ قالغان ئادەتتىكى شار ئەمەسلىكىنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلىدى.
خەۋەرلەردىن قارىغاندا، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرىنىڭ خىتاي كومپارتىيەسى مەركىزىي تاشقى ئىشلار كومىتېتى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى ۋاڭ يى بىلەن ئۇچرىشىشتىن كېيىن بۇنداق بىر يېڭى تەپسىلاتنى ئامېرىكا جامائىتى بىلەن ئورتاقلىشىشى كۈچلۈك دىققەت قوزغايدىكەن.
ۋاشىنگتون پوچتىسى گېزىتىنىڭ تونۇلغان ئىستون يازغۇچىسى جوش روگىننىڭ بۇ ھەقتىكى ماقالىسىدىن قارىغاندا، ۋاڭ يىنىڭ ميۇنخېن خەۋپسىزلىك يىغىنىدىكى ئىنتايىن كۆرەڭ پوزىتسىيەسى، جاسۇسلۇق شارى مەسىلىسىدە داۋاملىق ھالدا ئامېرىكانى ئەيىبلەشكە ئۇرۇنۇشى شۇنداقلا يەنە ياۋرۇپانى خىتاي بىلەن بىر تەرەپتە تۇرۇپ سودىدا ئۇتۇشقا چاقىرىشى ئامېرىكىنىڭ سەۋر قاچىسىنى تولدۇرغانىكەن.
مەلۇم بولۇشىچە، ۋاڭ يى شەنبە كۈنى ئەتىگەندىكى سۆھبەت يىغىنىدا يەنە گېرمانىيەنىڭ سابىق دىپلوماتى ۋولگىڭ ئىشىنگىرنىڭ (Wolfgang Ischinger) «خىتاي ئارمىيەسىنىڭ تەيۋەندە پات يېقىندا ھەربىي زوراۋانلىق قىلمايدىغانلىقىنى ئېيتىپ يىغىن ئەھلىنى خاتىرجەم قىلىشى كېرەكلىكى» ھەققىدىكى تەلىپىنى رەت قىلغان. ئۇ مۇنداق دېگەن: «مەن يىغىن ئەھلىگە شۇنى ئېنىق دەپ قويايكى، تەيۋەن دېگەن خىتاينىڭ زېمىنى، ئۇ ھېچقاچان مۇستەقىل بولۇپ باقمىغان ۋە كېلەچەكتىمۇ بولمايدۇ».
جوش روگىننىڭ ئېيتىشىچە، ۋاڭ يى نىڭ بۇ جاۋابى ئامېرىكا ۋە ياۋروپا دۆلەتلىرىنى خىتاينىڭ تىنچلىقپەرۋەر بولۇش ئارزۇسى يوقلۇقى ھەققىدە تېخىمۇ چوڭقۇر ئويغاتقان.
مەزكۇر ميۇنخېن ئۇچرىشىشى ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋەتلىرىنىڭ سوغۇق ئۇرۇش مەزگىلىگە كىرگەنلىكى ھەققىدىكى مۇنازىرىلەرنى يەنىمۇ ئۇلغايتتى.