«ناغىز ئاتايۇرت پىدائىيلىرى» تەشكىلاتى تۈركىي خەلقلەرنى خىتاينىڭ زۇلۇمىغا قارشى بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىشقا چاقىردى

0:00 / 0:00

3-يانۋار كۈنى ئالمۇتا شەھىرىنىڭ «پارتنيور» بىزنېس مەركىزىدە ئۆتكەن خاتىرىلەش مۇراسىمىدا «ناغىز ئاتايۇرت پىدائىيلىرى» تەشكىلاتى تۈركىي خەلقلەرنى خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى باستۇرۇش سىياسىتىگە قارشى بىرلىشىپ ھەرىكەت قىلىشقا چاقىردى.

ئىگىلىنىشىچە، «ناغىز ئاتايۇرت پىدائىيلىرى» تەشكىلاتى، يەنى «ھەقىقىي ئاتايۇرت پىدائىيلىرى» تەشكىلاتى سابىق تەشكىلات باشلىقى سېرىكجان بىلاشئوغلىنىڭ پائالىيەتلىرىنى قوللاش ۋە ئۇنى داۋاملاشتۇرۇشنى ئاساس قىلىدىكەن.

مەزكۇر تەشكىلات تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان مۇراسىمغا قازاقلاردىن تاشقىرى يەنە ئۇيغۇر، ئەزەربەيجان، قىرغىز، ئۆزبېك، تۈرك قاتارلىق مىللەتلەر ۋەكىللىرى قاتناشتى.

مۇراسىمدا ئالدى بىلەن قازاق خەلقىنىڭ ئازاتلىقى، ئەركىنلىكى ئۈچۈن قۇربان بولغانلارغا ئاتاپ «قۇرئان» تىلاۋەت قىلىندى. ئاندىن رىياسەتچى مەزكۇر پائالىيەتنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى تۈرك-مۇسۇلمان خەلقلىرىگە قارىتا ئېلىپ بېرىۋاتقان قىرغىنچىلىق سىياسىتىگە بىرلىشىپ قارشى تۇرۇشنى مەقسەت قىلغانلىقىنى تەكىتىلىدى.

دەسلەپتە سۆزگە چىققان «ناغىز ئاتايۇرت پىدائىيلىرى» تەشكىلاتىنىڭ باشلىقى بېكزات مەخسۇتقان ئوغلى 2019-يىلنىڭ قازاق ۋە باشقا تۈركىي خەلقلەر ئۈچۈن ئاسان بولمىغانلىقىنى تەكىتلىدى. ئۇ تىلى، دىنى ۋە قەلبى بىر تۈركىي خەلقلەرنىڭ پەقەت بىرلەشكەندىلا خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى قىرغىنچىلىق سىياسىتىگە ھەمدە قازاقىستانغا سىنبگىپ كىرىش سىياسىتىگە تاقابىل تۇرالايدىغانلىقىنى، بۈگۈنكى پائالىيەتنىڭ مەقسىتىمۇ دەل قازاقىستاندىكى تۈركىي خەلقلەرنى بىرلىككە چاقىرىش ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

مۇراسىمدا يەنە سۆزگە چىققان «تۇران دۇنياسى» تۈركىي خەلقلەر مەدەنىيەت فوندىنىڭ مۇدىرى كارلىن مەخپىروف، دۇنيا ئەزەربەيجان قۇرۇلتىيىنىڭ قازاقىستاندىكى ۋەكىلى مۇسابېي نورۇزوف ۋە باشقا مىللەتلەر ۋەكىللىرى ئۆزلىرىنىڭ قازاق خەلقىگە ھېسسىداشلىقىنى بىلدۈردى شۇنداقلا پىكىردىمۇ، ئويدىمۇ، ھەرىكەتتىمۇ دائىم بىرلىشىپ ھەرىكەت قىلىشنىڭ زۆرۈرلىكىنى تەكىتلىدى. ئۇلار قازاقىستان ۋە ئۇنىڭ سىرتىدا تونۇلغان قازاق پائالىيەتچىسى سېرىكجان بىلاش ئوغلى ھەم ئۇ باشقۇرغان «ئاتايۇرت» تەشكىلاتىنىڭ ئىش-پاالىيەتلىرىگە يۇقىرى باھا بەردى. سىياسەتشۇناس قەھرىمان غوجامبەردى بولسا بۈگۈنكى ئۇيغۇر ۋەزىيىتى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ كېيىنكى ۋاقىتلاردىكى ئىش-پائالىيەتلىرى، قازاق خەلقىنىڭ بەزى كۈرەش سەھىپىلىرى ئۈستىدە توختالدى.

مۇراسىمدا سۆزلىگەن كۆپلىگەن قازاق پائالىيەتچىلىرى، ئالىملىرى، يازغۇچىلىرى پائالىيەتكە ئىشتىراك قىلغان باشقا مىللەت ۋەكىللىرىگە ئۆز مىننەتدارلىقىنى بىلدۈرۈپ، خىتاينىڭ تۈرك-مۇسۇلمان خەلقلىرىگە قارشى رەھىمسىز قىرغىنچىلىق سىياسىتىنى توختىتىش ئۈچۈن بىرلىك سەپنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەشكە چاقىردى.

مۇراسىمدا سېرىكجان بىلاش ئوغلى مۇنداق دېدى: «بىزنىڭ كۈرىشىمىز ھېچ قاچان توختىمايدۇ. خىتايدا خورلۇق كۆرۈۋاتقان قازاقلار، ئۇيغۇرلار، قىرغىزلار، تېگى-تەكتى بىر تۈرك ۋە باشقا مۇسۇلمان خەلقلەرنىڭ بارلىقى ئۈزۈل-كېسىل ئەركىنلىككە چىقمىغۇچە، كۈرەشنى توختاتمايمىز. بىز مۇستەقىل قازاقىستاندا، يەنى ئەركىن ئەلدە قورسىقىمىز توق كۆڭلىمىز خاتىرجەم بولسىمۇ، ئەمما ئۇ ياقتىكى قانداشلىرىمىزنىڭ، ئۇرۇق-تۇغقانلىرىمىزنىڭ خورلۇقتا تۇرغىنىنىغا قاراپ ئولتۇرساق، بۇ ئادەمگەرچىلىككە، مۇسۇلمانچىلىققا توغرا كەلمەيدۇ».

رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان «ناغىز ئاتايۇرت پىدائىيلىرى» تەشكىلاتىنىڭ باشلىقى بېكزات مەھسۇتقان ئوغلى خىتاينىڭ تۈرك-مۇسۇلمان خەلقلىرىگە قارشى قاراتقان باستۇرۇش سىياسىتىگە قارشى ھەرىكەتتە قازاق خەلقىنىڭ يالغۇز قالماسلىقى ئۈچۈن باشقىمۇ تۈركىي تىللىق خەلقلەرگە مۇراجىئەت قىلىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مۇنداق دېدى: «بۇنىڭ ئىچىدە ئاساسەن ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزنىڭ مۇشۇ قانلىق قىرغىنچىلىققا دۇچار بولغىنىغا مانا 20 يىلدەك ۋاقىت بولدى. ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىز قىرىلىپ كەتتى. ئۇنىڭدىن كېيىن مانا قازاقلارمۇ قىرىلىۋاتىدۇ شۇنداقلا قىرغىزلار، تاتار ۋە باشقى خەلقلەر قىرىلىۋاتىدۇ. بايا تۈرك قېرىندىشىمىز مېھمېت ئېيتقاندەك، ئۇلارنىڭ قولىدا قۇرالمۇ يوق. ئۆزلىرىنى قوغايدىغان ئىمكانىيىتىمۇ يوق. خخىتاي قانۇنىغا بېقىنىپ، ئۇنىڭ سېلىقىنى تۆلەۋاتقان، ھېچ قانداق جىنايىتى يوق يەرلىك خەلقلەرنى پەقەت باشقا مىللەت بولغانلىقى ئۈچۈنلا خىتايلار قىرىۋاتىدۇ. بۇ ئىنسانىيەتنىڭ دىتىغا سىغمايدىغان، دىندىمۇ، سىياسەتتىمۇ بولمىغان بىر ئىش. مانا مۇشۇنىڭ بارلىقىغا بى تۈركىي تىللىق تۇغقان خەلقلەر بىرلىشىپ قارشى تۇرۇشىمىز كېرەك. سىلەرمۇ بۈگۈن بۇ مۇراسىمغا قاتنىشىپ، بىزنى قوللاۋاتىسىلەر. بۇ بىزنىڭ بىرلىكىمىزنىڭ باشلانمىسى بولۇپ قالغۇسى.»

بېكزات مەھسۇتقان ئوغلى يېقىندا تۈركلەرنىڭ ئەنە شۇ ئۇيغۇر، قازاق ۋە باشقىمۇ قېرىنداشلىرىنى قوللاپ، كەڭ كۆلەملىك نامايىشلارغا چىققانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى. ئۇ يەنە ھەر قانداق بىر خەلقنىڭ ئەركىن ياشاش، ئەۋلادلىرىنى تەربىيىلەش ھوقۇقىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

سىياسەتشۇناس قەھرىمان غوجامبەردى ئەپەندى بىر نەچچە ۋاقىت ئۈزۈلۈشتىن كېيىن سېرىكجان بىلاشنىڭ قاتنىشىشىدىكى مەزكۇر مۇراسىمنىڭ ئىنتايىن مەزمۇنلۇق ئۆتكەنلىكىنى تەكىتلەپ، مۇنداق دېدى: «ئومۇمەن تېما ‹تۈرك بىرلىكى› دېگەن ئىدىيەدە بولدى. ئەڭ مۇھىمى ‹ئاتايۇرت› ئۇيۇمى كوممۇنىست خىتاي دۆلىتىنىڭ تۈرك-مۇسۇلمانلارغا قارشى ئېلىپ بېرىۋاتقان قىرغىنچىلىق سىياسىتىنى ناھايىتى قاتتىق ئەيىبلىدى. ئويلايمەنكى، ھازىرقى ئۇيغۇر مەسىلىسى 2019-يىلنىڭ ئاخىرىدا دۇنياۋىي مەسىلە سۈپىتىدە سەھنىگە كەلدى. جازا لاگېرلىرىنى يېپىش ئۈچۈن تۈرك دۇنياسىنىڭ بىرلىك-ئىتتىپاقلىقى ناھايىتى مۇھىم مەسىلە.»

مۇراسىمدا قازاقىستاندىكى تۈركىي تىللىق مىللەتلەر ۋەكىللىرى ھەمدە «ناغىز ئاتايۇرت پىداىيلىرى» نامىدىن قازاقىستان تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقىغا ئىلتىماس-مەكتۇپ ئەۋەتىش قارارى قوبۇل قىلىندى. ئۇنىڭدا يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بۇيان خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەرگە قارىتا مەقسەتلىك ھالدا قىرغىنچىلىق سىياسىتىنى يۈرگۈزۈۋاتقانلىقى ئېيتىلغان. مەكتۇپتا دېيىلىشىچە، خىتاينىڭ بۇ سىياسىتى دۇنياغا ئاشكارلىنىپ، ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە ناتو ئۇنىڭغا قارشى ھەر خىل چارىلەرنى كۆرۈۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن خىتاي بۇنى يوشۇرۇشنىڭ ھەر خىل ئاماللىرىنى ئىزدىمەكتىكەن. مەكتۇپقا ئىمزا قويغانلار خىتاي تەرىپىدىن ئېچىلغان ئاتالمىش «تەربىيىلەش كۇرسلىرى» دا ياشلارنىڭ سالامەتلىكىگە زىيانلىق تەجرىبىلەرنىڭ ئىشلىۋاتقانلىقىنى، قازاقىستانغا چىقىشنى خالىغۇچىلارغا ھەر خىل توسالغۇلارنىڭ قىلىنىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ، شۇ مۇناسىۋەت بىلەن قازاقىستان ھۆكۈمىتىدىن ياردەم سورىغان.