بېيجىڭ-موسكۋا زومىگەرلىكىگە قارشى كوللېكتىپ مۇداپىئە ئىتتىپاقى-NAIPTO نى قۇرىدىغان پەيت كەلدىمۇ؟

0:00 / 0:00

رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا قاراتقان تاجاۋۇزچىلىق ھەرىكىتىدىن كېيىن رۇسىيە ۋە ئۇنىڭ قوللىغۇچىسى خىتاينىڭ دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ئەركىنلىك ئاساسىدىكى دۇنيا تەرتىپىگە قىلىۋاتقان خىرىسىنى ئۆزىنىڭ ئىشىكى ئالدىدا بىۋاسىتە ھېس قىلغان غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرى نۆۋەتتە بۇ مۇستەبىت ھاكىمىيەتلەرگە قارشى بىرلىكسەپ ھاسىل قىلىش تىرىشچانلىقىنى كۈچەيتمەكتىكەن.

مۇتەخەسسىسلەرنىڭ كۆرسىتىشىچە، رۇسىيە ۋە خىتايغا قارشى شەكىللىنىۋاتقان بۇ يېڭى تەرتىپنىڭ ئىسمى «شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان-ھىندى-تىنچ ئوكيان شەرتنامىسى تەشكىلاتى» (NAIPTO) بولۇپ، ئۇ «نۆۋەتتىكى جىددىي ۋەزىيەتنىڭ تەقەززاسى» دەپ قارالماقتىكەن.

ئامېرىكا ترامپ ھۆكۈمىتى مەزگىلىدىكى سابىق تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيونىڭ خىتاي سىياسىتى ۋە پىلان مەسلىھەتچىسى بولغان مىلېس يۈ (余茂春, Miles Yu) ئەپەندى 11-ئىيۇل كۈنى «تەيۋەن ۋاقتى گېزىتى» دە بۇ بىرلىكسەپ ھەققىدە ماقالە ئېلان قىلغان. ئۇ: «NAIPTO-ياۋرو-ئاسىيا، تىنچ ئوكياندىكى كۆپ تەرەپلىك كوللېكتىپ مۇداپىئە ئىتتىپاقى» ماۋزۇلۇق ماقالىسىنى مۇنداق دەپ باشلىغان:

«بۈگۈنكى دۇنيادىكى ئەركىنلىك ۋە دېموكراتىيەگە قارشى ئەڭ چوڭ تەھدىت ئالدىدا شەكىللىنىۋاتقان ۋە يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان بىر خەلقئارالىق ئىتتىپاق بار. بۇ تەھدىت خىتاي رەھبەرلىكىدىكى بېيجىڭ-موسكۋا زومىگەرلىكى ۋە تاجاۋۇزچىلىقى بولسا، ئۇنىڭغا قارشى تۇرۇشتىكى يېڭى ئىتتىپاق شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان-ھىندى-تىنچ ئوكيان شەرتنامىسى تەشكىلاتى-NAIPTO دۇر».

ئەسلىدە، بۇنداق بىر يۈزلىنىش يېقىندا شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ (NATO) ئىسپانىيەدە ئېچىلغان باشلىقلار يىغىنىدىمۇ گەۋدىلەنگەنىدى. يىغىنغا تۇنجى قېتىم ياپونىيە، جەنۇبىي كورېيە ۋە ئاۋسترالىيە قاتارلىق دۆلەتلەرمۇ تەكلىپ قىلىنغان ۋە يىغىندا تاجاۋۇزچى رۇسىيە ئاساسلىق رەقىب، ئۇنىڭغا ياردەم بېرىۋاتقان خىتاي «ئىستراتېگىيەلىك خىرىس» دەپ ئاتىلىپ، ئۇلارغا قانداق تاقابىل تۇرۇش مەسىلىسى مۇزاكىرە قىلىنغان.

مىلىس يۈ ئەپەندىنىڭ ماقالىسىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، «شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان-ھىندى-تىنچ ئوكيان شەرتنامىسى تەشكىلاتى» يۇقىرىدىكى شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ مۇۋەپپەقىيىتىنى داۋاملاشتۇرۇش بىلەن بىرگە، ئامېرىكا رەھبەرلىكىدىكى ھىندى-تىنچ ئوكيان رايونىدىكى مۇستەھكەم مۇداپىئە ئىتتىپاقى تەرىپىدىن يەنىمۇ كۈچەيتىلىدىكەن.

ئاپتور مۇنداق دېگەن: «بۇ خىل ئىتتىپاقنىڭ كۆلىمى ئىككى تەرەپلىك ئەمەس، كۆپ تەرەپلىمىلىك بولۇپ، ياۋرو-ئاسىيا، شۇنداقلا ھىندى ئوكيان، ئاتلانتىك ئوكيان ۋە تىنچ ئوكياننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. كۆلەمنىڭ زور بولۇشى زۆرۈر، چۈنكى شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتىدىكى دۆلەتلەر ۋە ھىندى-تىنچ ئوكيان رايونىدىكى ئاساسلىق دۆلەتلەر ئورتاق تەھدىتكە دۇچ كەلمەكتە. ئورتاق تەھدىت ئورتاق مۇداپىئەنىڭ ئاساسىدۇر. يېقىنقى ئايلاردا بۇ ئىتتىپاقنىڭ تەخىرسىزلىكى تېخىمۇ كەسكىنلەشتى. رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا قارشى ئۇرۇشى خىتاي ۋە رۇسىيەنىڭ ئورتاق تاجاۋۇزچىلىق مەنبەسى ئىكەنلىكىنى يەنىمۇ ئايدىڭلاشتۇردى. . . . بېيجىڭ-موسكۋا بىرلىكىگە چوقۇم ياۋرو-ئاسىيا ۋە ئوكيان ھالقىغان ئىتتىپاق ئارقىلىق تاقابىل تۇرۇش كېرەك.»

تۈركىيەدىكى خىتاي ئىشلىرى مۇتەخەسسىسى، ھاجەتتە ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يۇقىرىدا مىلىس يۈ ئەپەندى تىلغا ئالغاندەك NAIPTO بىرلىكى ھىندى-تىنچ ئوكيان رايونى ئۈچۈن زۆرۈر بولغان بىر تەشكىلات بولۇپ، بۇ رايوندىكى دۆلەتلەرنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن پايدىلىق ئىكەن.

مىلىس يۈ ئەپەندى ماقالىسىدە يەنە مۇنداق دېگەن: «خىتاي ۋە رۇسىيەنىڭ نۇرغۇن ئورتاقلىقى بار، ئۇلار ئامېرىكا رەھبەرلىكىدىكى تىنچلىق، دېموكراتىيە ۋە ئەركىن بازار سىستېمىسىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ۋە قوغدايدىغان خەلقئارا قانۇن ۋە سىياسىي تۈزۈمنى يوقىتىشقا بەل باغلىغان. ‹چېكى يوق قېرىنداشلىق› قا ۋەدە بېرىپ، ئۇكرائىنا، تەيۋەن قاتارلىق جايلاردا بىر-بىرىنى سۆزدە ۋە ھەرىكەتتە قوللاپ كەلگەن. ئۇلار ياۋروپا ۋە ئاسىيادىكى دېموكراتىك ئىتتىپاق تۈزۈملىرىگە دۈشمەنلىك بىلەن قارايدۇ. رۇسىيە ۋە خىتاي ئامېرىكا پرېزىدېنتى جوۋ بايدېن قاتناشقان توكيودىكى تۆت دۆلەت ھەمكارلىقى يىغىنىنىڭ ئاخىرقى كۈنىدە بىرلەشمە پارتلاتقۇچى پاراخوت ئەترىتىنى ياپونىيە دېڭىزىغا ئەۋەتىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ كىمنى ئورتاق دۈشمەن دەپ قارايدىغانلىقىنى ناھايىتى ئېنىق جاكارلىدى.»

شۇڭا مىلىس يۈ ئەپەندى ماقالىسىدە دېموكراتىك دۆلەتلەرنىڭ ئەمدى خىتاي-رۇسىيە ئىتتىپاقىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئېتىراپ قىلىشى كېرەكلىكىنى، رۇسىيە ياۋروپادىكى ئەركىنلىك ۋە دېموكراتىيەگە تەھدىت سالسا، خىتاينىڭ ھىندى-تىنچ ئوكيان ۋە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئەركىنلىك ۋە دېموكراتىيەگە تەھدىت سالىدىغانلىقىنى، نەتىجىدە بۇ ئىككى دۆلەتنىڭ بىرلىكتە يەرشارى تەرتىپىنى شەكىللەندۈرىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرغان. ئۇ شۇڭا: «شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان-ھىندى-تىنچ ئوكيان شەرتنامىسى تەشكىلاتىنىڭ بىرلىكسېپى ئەركىنلىكنىڭ كۈچى ۋە چىدامچانلىقىغا بولغان ئىشەنچنى يېڭىلايدىغان قۇدرەتلىك، دۇنياۋى ۋە دېموكراتىك ئىنكاس بولىدۇ» دېگەن.

مىلىس يۈنىڭ قارىشىچە، بۇنداق بىرلىكسەپ ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى ھىندى-تىنچ ئوكياندىكى ئىتتىپاقداشلىق مۇناسىۋىتىدە دۇچ كېلىدىغان ئەڭ مۇھىم چەكلىمىلەرنى يوقىتىدىكەن. مەسىلەن، شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتى كۆپ تەرەپلىك ئىتتىپاق بولسىمۇ، ئەمما ئامېرىكانىڭ ھىندى-تىنچ ئوكياندىكى ئىتتىپاقلىق تۈزۈمى ئىككى تەرەپلىكتۇر. ئامېرىكانىڭ ئاسىيادىكى ياپونىيە، جەنۇبىي كورېيە، فىلىپپىن ۋە تايلاند قاتارلىق ئاساسلىق ئىتتىپاقداشلىرى بىلەن كۈچلۈك مۇداپىئە كېلىشىمى بولسىمۇ، ئەمما ئۇ دۆلەتلەرنىڭ كۆپ تەرەپلىك مۇداپىئە ئۈچۈن ئۆز-ئارا مۇداپىئە ھەمكارلىقى يوق ئىكەن. شۇڭا ئەگەر خىتاي ياپونىيەگە ھۇجۇم قىلىپ قالسا، ۋاشىنگتون توكيو بىلەن بىللە ئۇرۇش قىلىدىكەن، ئەمما جەنۇبىي كورېيە ۋە فىلىپپىننى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئامېرىكانىڭ ئىتتىپاقداشلىرى ئۇرۇش قىلمايدىكەن. شۇڭا مۇشۇنىڭدەك ئەھۋاللارنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن بۇ زور كۆلەملىك، كۆپ تەرەپلىك ھەمكارلىق شەرت ئىكەن.

دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندىمۇ سۆزىدە ھەربىي كۈچكە ئىگە خىتاي رايوندا باش كۆتۈرۈپ چىققاندىن كېيىن مەۋجۇت تەرتىپكە بۇزغۇنچىلىق قىلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى.

مىلىس يۈ ئەپەندىمۇ ماقالىسىدە خىتاي پەيدا قىلىۋاتقان تەھدىتنىڭ رۇسىيەنىڭكىدىن بەك كەسكىنلىكىنى ئەسكەرتكەن بولۇپ، ئۇ بۇنى مۇنداق دەپ چۈشەندۈرگەن: «رۇسىيەنىڭ ياۋروپادا ئويناۋاتقان رايون خاراكتېرلىك قىمارى بىلەن خىتاي پەيدا قىلىۋاتقان تېخىمۇ كەسكىن دۇنياۋى خىرىسنى ئۇنتۇپ قېلىشىمىز يول قويۇشقا بولمايدىغان زور خاتالىق. خىتاينىڭ ئىقتىسادى رۇسىيەنىڭكىدىن ئون ھەسسە چوڭ. ئۇ يەنە ھەربىي ئىقتىدارى، تور تېخنىكىسى، ئالەم ۋە سۈنئىي ئەقىل قاتارلىق ئادەتتىكى ۋە يۇقىرى تېخنىكىلىق ساھەلەرگە ئىگە. خىتاينىڭ نىشانى رۇسىيەدەك قوشنىلىرىغا تەھدىت سېلىپ ئىمپېرىيە ئۆتمۈشىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش بولۇپ قالماستىن، بەلكى ئامېرىكا رەھبەرلىكىدىكى خەلقئارا تەرتىپنى بېيجىڭنى مەركەز قىلغان كوممۇنىزم سىستېمىسىغا ئۆزگەرتىشتىن ئىبارەت. رۇسىيەنىڭ ئىستەۋاتقىنى دۇنيانىڭ ئۇنىڭغا ئەھمىيەت بېرىشى، ھالبۇكى خىتاينىڭ ئىستەۋاتقىنى بولسا دۇنياغا ھۆكۈمرانلىق قىلىشتۇر».

مىلىس يۈ ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، 1950-يىللاردا شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا شەرتنامىسى تەشكىلاتى ياكى SEATO دەپ ئاتالغان ناتونىڭ ئاسىياچە شەكلىنى قۇرۇش ئۇرۇنۇشلىرى بولغان بولسىمۇ، بىراق ئۇ مەغلۇپ بولغانىكەن. شۇڭا بەزى تەنقىدىي پىكىردىكىلەر بۇ بىرلىكنى قۇرۇشنىڭمۇ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى ئىلگىرى سۈرىدىكەن. مىلىس يۈ ئەپەندى بولسا ھازىرقى شارائىتنىڭ 1950-يىللاردىكىدىن كۆپ ئۆزگەرگەنلىكىنى، بولۇپمۇ خىتاي تەھدىتىدىن ئىبارەت بۇ رېئاللىقنىڭ رەت قىلغۇسىز ھالەتكە كەلگەنلىكىنى ئەسكەرتكەن ۋە مۇنداق دېگەن:

«بۈگۈنكى كۈندە، خىتاي تەھدىتى يىراقتىن يېقىنغا، رايون خاراكتېرلىكتىن يەرشارىۋىيلىققا ئايلاندى. بۇ تەھدىت ھازىر ھىندى-تىنچ ئوكيان رايونىدىكى ياپونىيە، ھىندىستان، جەنۇبىي كورېيە، تەيۋەن، ئاۋسترالىيە، يېڭى زېلاندىيە ۋە شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىدىكى ئون دۆلەت قاتارلىق ھەر قايسى ئاساسلىق دۆلەتلەرگە ئورتاق بولۇپ قالدى. بۇ دۆلەتلەرنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكىنىڭ خىتاي بىلەن دېڭىز ۋە زېمىن ماجىراسى بار. تارىختىن بۇيان ھىندى-تىنچ ئوكيان رايونىدىكى بۇ دۆلەتلەر تېخى خىتاي پەيدا قىلغاندەك بۇنداق كەسكىن ۋە دائىملىق تەھدىتكە يولۇقۇپ باقمىغان».

ئامېرىكادىكى كور ئانالىتىك تەتقىقات مەركىزى قۇرغۇچىسى، دوكتور ئاندېرس كورمۇ رادىيومىزغا قىلغان سۆزىدە ئۆزىنىڭ مىلىس يۈ ئەپەندىنىڭ كۆز قاراشلىرىغا تامامەن قوشۇلىدىغانلىقىنى، بۇنداق بىر ھەمكارلىقنىڭ چوقۇم قۇرۇلۇشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ ئېلخېتىدە مۇنداق دېگەن: «دوكتور يۈنىڭ ئامېرىكانىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتى-ناتونى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىتتىپاقداشلىقىنى دۇنياۋى شەكىلگە كېڭەيتىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى دېيىشى تامامەن توغرا. ھېچ بولمىغاندا، ياپونىيە، كورېيە، تەيۋەن، ئاۋسترالىيە ۋە يېڭى زېلاندىيە قاتارلىق ئۇزۇندىن بۇيان دېموكراتىك ئىتتىپاق تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇپ كەلگەن دۆلەتلەرنى شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا قاتنىشىشقا تەكلىپ قىلىش كېرەك. بۇ دۆلەتلەرنىڭ ھەممىسىنى يادرو تېخنىكىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەربىي تېخنىكا ئۇچۇرى ئورتاقلىقىغا قاتنىشىشقا تەكلىپ قىلىش كېرەك.»

ئاندېرس كور ئەپەندى يەنە، بۇنداق بىرلىكنى داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن دۆلەتلەر تۆلەيدىغان مۇداپىئە چىقىمىنىڭ ئۆستۈرۈلۈشى كېرەكلىكىنىمۇ تەكىتلىگەن. ئۇ مۇنداق دېگەن: «يۇقىرىدىكى بىرلىكسەپكە يېڭىدىن قوشۇلىدىغان دۆلەتلەر ۋە ناتونىڭ ئەزا دۆلەتلىرىدىن مۇداپىئە چىقىمىنى دۆلەتنىڭ يىللىق مىللىي دارامىتىنىڭ كەم دېگەندە 3 پىرسەنتىگە ئۆستۈرۈشى تەلەپ قىلىنىشى كېرەك. ھىندىستاننى بۇ بىرلىككە تەكلىپ قىلىشتىن ئىلگىرى، ئۇ چوقۇم ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرىغا رۇسىيەنىڭ نېفىت ۋە قورال-ياراغلىرىنى سېتىۋېلىشنى رەت قىلىش قاتارلىقلار ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ سەمىمىيىتىنى يەنىمۇ ياخشى كۆرسىتىشى كېرەك.»

مىلىس يۈ ئەپەندى ماقالىسىدە ھازىرقى بۇ ھىندى-تىنچ ئوكيان دۆلەتلىرى ئارىسىدا ئۆز-ئارا بەزى مەسىلىلەر، كۆز قاراش پەرقلىرى مەۋجۇت بولسىمۇ، بىراق، «شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان-ھىندى-تىنچ ئوكيان شەرتنامىسى تەشكىلاتى» قۇرۇلغان تەقدىردە بۇ دۆلەتلەرنىڭ پەرقلىرىنى بىر يانغا قايرىپ قويۇپ، بۇ تەشكىلات ئاستىدا بىرلىشەلەيدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن. ئۇ مۇنداق دېگەن:

«شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان-ھىندى-تىنچ ئوكيان شەرتنامىسى تەشكىلاتىنىڭ كۆپ تەرەپلىك قۇرۇلمىسى بىرلەشمە مۇناسىۋەتنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرىدۇ، ئەزالارنى ۋاقىتلىق، تارىخى تالاش-تارتىشتىن ھالقىپ، ئورتاق مۇداپىئەنى تار، شەخسىي مەنپەئەت ئۈستىگە قويۇشقا ئۈندەيدۇ. شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتىمۇ نەچچە ئون يىلدىن بۇيان، ياۋروپالىقلارنىڭ ئۇزۇندىن بۇيان داۋاملاشقان ئۆز-ئارا جەڭلىرى ۋە ئىچكى جېدەللىرىنى تىنچلاندۇرغان. شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان-ھىندى-تىنچ ئوكيان شەرتنامىسى تەشكىلاتىنىڭ ھىندى-تېنچ ئوكياندا كورېيە، ياپونىيە قاتارلىق دۆلەتلەر ۋە باشقىلار ئۈچۈنمۇ شۇنداق قىلىدىغان يوشۇرۇن كۈچى بار».

ئەركىن ئەكرەم ئەپەندىمۇ ئەگەر بۇ دۆلەتلەر پىكىر، ئىقتىساد قاتارلىق مەسىلىلەردە بىرلىشەلىسە، بۇنداق بىرلىكنى قۇرۇشنىڭ مۇمكىنلىكىنى ئېيتتى.

مىلىس يۈ ئەپەندى ماقالىسىدە ئامېرىكانىڭ خىتاي تەھدىتىنى تۇنجى بولۇپ تونىغانلىقىنى، ئەمدى كونا ئىتتىپاقلارغا يېڭى نىشان بەلگىلەيدىغان پەيت كەلگەنلىكىنى ئېيتىپ مۇنداق دېگەن:

«ئامېرىكا تۇنجى بولۇپ خىتاي خىرىسىغا ئويغانغان دۆلەتلەرنىڭ بىرى. ھازىر نۇرغۇن ياۋروپالىقلار ئامېرىكانىڭ ئىستراتېگىيەلىك بۇرۇلۇشىغا ئەگەشمەكتە. ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتاينى ‹سىستېمىلىق رەقىب› دەپ بەلگە قويدى. ناتو باشلىقلىرىمۇ ئوخشاش مەزمۇندىكى باياناتلارنى بەرمەكتە. ناتو تارىخىدا تۇنجى قېتىم يېقىندا مادرىدتا ئۆتكۈزۈلگەن شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتى باشلىقلار يىغىنىغا جەنۇبىي كورېيە، ئاۋسترالىيە، ياپونىيە ۋە يېڭى زېلاندىيەنىڭ رەھبەرلىرىنى تەكلىپ قىلدى. شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ 2022-يىلدىكى ئىستراتېگىيەلىك ئۇقۇمى ئىنقىلاب خاراكتېرلىك بولۇپلا قالماي، يەنە ماھىيەتلىك بولۇپ، شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر ‹ئىتتىپاقداش دۆلەت سۈپىتىدە مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن ھەمكارلىشىپ، خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ياۋرو-ئاتلانتىك ئوكيان بىخەتەرلىكىگە ئېلىپ كەلگەن سىستېمىلىق خىرىسنى ھەل قىلىشى كېرەك› دەپ جاكارلىدى.»

مىلىس يۈ ماقالىسى ئاخىرىدا ئەمدى يېڭى نىشان بويىچە ھەرىكەت قىلىدىغان پەيت كەلگەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېگەن:

«ئەمدى كونا ئىتتىپاقلارغا يېڭى كۈچ ۋە مەقسەت ئاتا قىلىدىغان، بۈگۈنكى خىرىسلارغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن يېڭىدىن كۈچ-قۇۋۋەت بېرىدىغان پەيت كەلدى. ئەگەر بىز شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ 20-ئەسىردىكى مۇۋەپپەقىيىتىنى قەدىرلىسەك، ئۇ ھالدا ئۇ قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلەرگە كاپالەتلىك قىلىشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلى 21-ئەسىردىكى شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان-ھىندى-تىنچ ئوكيان شەرتنامىسى تەشكىلاتىغا بەرگەن ۋەدىسىگە ئەمەل قىلىش ۋە ئۇنى كېڭەيتىش جۈملىدىن، جۇغراپىيەلىك ئورنى نېمە بولۇشىدىن قەتئىينەزەر بىر دېموكراتىيەگە قىلىنغان ھۇجۇم بارلىق دېموكراتىك دۆلەتلەرگە قارىتىلغان ھۇجۇمدۇر، دېگەنگە ئەمەل قىلىشتىن ئىبارەت».