نەنسىي پېلوسى: «ئامېرىكا سىلەر ئۈچۈن ئاخىرىغىچە كۈرەش قىلىدۇ!»

مۇخبىرىمىز نۇرئىمان
2022.02.03
نەنسىي پېلوسى: «ئامېرىكا سىلەر ئۈچۈن ئاخىرىغىچە كۈرەش قىلىدۇ!» ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خىتاي ئىشلىرى كومىتېتى ئۆتكۈزگەن «بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسى ۋە خىتاينىڭ باستۇرۇشلىرى» ناملىق گۇۋاھلىق ئاڭلاش يىغىنىدا ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ رەئىسى نەنسىي پېلوسى(Nancy Pelosi) خانىم سۆزلىمەكتە. 2022-يىلى 3-فېۋرال، ۋاشىنگتون.
REUTERS

2022-يىللىق بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسى باشلىنىش ئالدىدا تۇرماقتا. تىنچلىققا سىمۋول قىلىنغان ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ خەلقئارا جەمئىيەت تەرىپىدىن «فاشىست ھاكىمىيەت» دەپ ئاتالغان خىتايدا ئۆتكۈزۈلۈشى، پۈتۈن دۇنيادىكى ئادالەت ۋە ھەققانىيەت تۇيغۇسىغا ئىگە كىشىلەرنى چوڭقۇر ئويغا سالماقتا. شۇنداقلا دۇنيانىڭ دىققىتىنى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزىۋاتقان «ئىرقى قىرغىنچىلىقى» غا، تىبەتتە ۋە خوڭكوڭدا يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇشلىرىغا قاراتماقتا.

3-فېۋرال ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خىتاي ئىشلىرى كومىتېتى «بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسى ۋە خىتاينىڭ باستۇرۇشلىرى» ناملىق گۇۋاھلىق ئاڭلاش يىغىنى ئۆتكۈزدى. مەزكۇر يىغىندا 2014-يىلى 15-يانۋار بېيجىڭدىكى ئۆيىدىن تۇتقۇن قىلىنغان ۋە خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن «مىللىي قۇتراتقۇلۇق» ۋە «دۆلەتنى پارچىلاشقا ئۇرۇنۇش» جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىپ مۇددەتسىز قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان ئىلھام توختىنىڭ قىزى جەۋھەر ئىلھام گۇۋاھلىق بەردى. ئۇندىن باشقا بىر قىسىم تىبەت ۋە خوڭكوڭلۇق سىياسىي پائالىيەتچىلەرمۇ گۇۋاھلىق بىرىشكە تەكلىپ قىلىندى.

ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ رەئىسى نەنسىي پېلوسى خانىم مەزكۇر يىغىنغا ئىشتىراك قىلغان بولۇپ، ئۇ مۇنداق دېدى: «قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسى ئەتە بېيجىڭدا باشلانغاندا، خىتاي يەنە بىر قېتىم دۇنيانىڭ دىققىتىنى نەچچە ئون يىلدىن بېرى داۋام قىلىۋاتقان رەھىمسىز باستۇرۇش سىياسەتلىرىدىن بۇراشقا ئۇرۇنىدۇ. لېكىن ئامېرىكا ۋە خەلقئارا جەمئىيەت ھەقىقەتنى بىلىدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتى رەھىمسىزلىك بىلەن ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنى ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىنى داۋام قىلىۋاتىدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتى نەچچە ئون يىلدىن بۇيان باستۇرۇش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دۆلەت تېررورلۇقى يۈرگۈزۈپ كەلدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇرلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈۋاتىدۇ. ئۇيغۇر ۋە تىبەت قاتارلىق ئېتنىك گۇرۇپپىلارنىڭ تىلى ۋە مەدەنىيىتىگە بۇزغۇنچىلىق قىلدى. خىتاي ئۆزىنىڭ يۇقىرىدا تىلغا ئالغان رەھىمسىز سىياسەتلىرىنى يېپىشقا، بۇ ھەقتىكى تارىخلارنى ئۆزى خالىغان شەكىلدە يېزىپ دۇنياغا كۆرسىتىشكە كۈچەۋاتىدۇ. ئەمما بىز دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرى دۇنيانىڭ ھەقىقەتنى كۆرۈشى ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىمىز. خىتاينىڭ جىنايەتلىرىنى سۈرۈشتە قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىمىز ۋە شۇنداقلا خىتاينىڭ بۇ شەرەپلىك ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە ساھىبخانىلىق قىلىش سالاھىيىتىنى رەت قىلىمىز. ھەر دائىم ئېيتقىنىمىزدەك، ئەگەر سودا مەنپەئەتىمىز ئۈچۈن خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىگە سۈكۈت قىلساق، بىزنىڭ دۇنيانىڭ ھېچقانداق يېرىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرى ئۈچۈن سۆز قىلىش سالاھىيىتىمىز بولمايدۇ. ئۆتكەن يىلى دېكابىردا ‹ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى› نى ئىمزالىدۇق. ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچلىقى چوقۇم دەرھال ئاخىرلىشىشى كېرەك. خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ باستۇرۇشى ئاستىدا ياشاۋاتقانلارغا دەيدىغىنىم شۇكى، ئامېرىكا سىلەرنى كۆرۈپ تۇرۇۋاتىدۇ، ئامېرىكا سىلەرنى قوللايدۇ، ئامېرىكا سىلەر ئۈچۈن كۆرەش قىلىشنى داۋاملاشتۇرىدۇ.»

نەنسىي پېلوسى خانىم يەنە مۇنداق دېدى: «مېنىڭ بېيجىڭ ئولىمپىكىگە قاتنىشىدىغان تەنھەرىكەتچىلىرىمىزگە دەيدىغىنىم شۇكى، سىلەر ئۇ يەرگە مۇسابىقىگە قاتناشقىلى باردىڭلار، خىتاينىڭ چىشىغا تېگىپ خەتەرگە تەۋەككۈل قىلماڭلار، چۈنكى ئۇلار بەك رەھىمسىز. بىز تەنھەرىكەتچلىرىمىزنىڭ بىخەتەر بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز. ھەرگىزمۇ ئۇلارنىڭ خىتايدىكى پىكىر ئەركىنلىكى ھەققىدە ئېيتقان سۆزلىرىگە ئىشەنمەڭلار. سىلەر خەتەرگە تەۋەككۈل قىلىۋاتىسىلەر، ئۆزۈڭلارغا دىققەت قىلىڭلار!»

دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرىدىن جېف ماركلىي، جېيمىس مەكگوۋرېن ۋە جىننىفىر ۋەكىستون قاتارلىقلارمۇ ئارقا-ئارقىدىن سۆز قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئولىمپىكنىڭ شۆھرىتىدىن پايدىلىنىپ، خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنى پەردازلاشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتۈشتى. ئۇلار يەنە خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى، تەنتەربىيە ئورگانلىرى، خىتاينى قوللاۋاتقان شىركەتلەر ۋە ئاخبارات قاناللىرىنىڭ خىتاي يۈرگۈزۈۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىدىكى مەسئۇلىيىتى ھەققىدە نۇرغۇن سوئاللارنى ئوتتۇرىغا قويۇشتى.

مەزكۇر يىغىندا گۇۋاھلىق بەرگەن جەۋھەر ئىلھام مۇددەتسىز قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان دادىسى ئىلھام توختى ۋە ئۇنىڭغا ئوخشاش خىتاينىڭ باستۇرۇش سىياسىتىنىڭ قۇربانى بولغان يازغۇچى يالقۇن روزى، پروفېسسور راھىلە داۋۇت ۋە ئىلھام توختىنىڭ ئوقۇغۇچىسى ئاتىكەم روزى قاتارلىقلار ھەققىدە گۇۋاھلىق بەردى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «دادامنىڭ ھايات ياكى ھايات ئەمەسلىكىنى بىلمەيمىز. بۇ خىل ئەھۋال مېنىڭ ئائىلەمنىڭلا ئەمەس، خىتاي تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنىپ لاگېرلارغا سولانغان مىليونلىغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئورتاق تەقدىرىدۇر. ئۇلار پەقەت بىر ساندىنلا ئىبارەت ئەمەس، بەلكى ئاتا-ئانىسى، بالىلىرى ۋە دوستلىرى بولغان رېئال ئىنسانلار. مىليونلىغان ئۇيغۇرلار سولانغان لاگېر ئابىستىراكت ئۇقۇم ئەمەس، بەلكى قورقۇنچلۇق رېئاللىق. بۇ مېنىڭ دادامنىڭ، يالقۇن روزىنىڭ، راھىلە داۋۇتنىڭ ۋە ئاتىكەم روزى قاتارلىق ياش قىز-ئوغۇللارنىڭ ھاياتىنى نابۇت قىلغان ئاچچىق رېئاللىقتۇر. مەن سەككىز يىل بۇرۇن مۇشۇ يەردە دادام ھەققىدە گۇۋاھلىق بەرگەن ئىدىم، ئەپسۇسلىنارلىقى، سەككىز يىلدىن بېرى ئەھۋال تېخىمۇ ئېغىرلىشىشقا قاراپ ئۆزگەردى. ئەمما مەن بىزنىڭ مۇشۇنداق تىرىشچانلىقلىرىمىزنىڭ ھەر قايسىي دۆلەت ھۆكۈمەتلىرىنى سۈكۈتتە تۇرۇشتىن ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە ۋاستە بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ئىشىنىمەنكى، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ بىرلىشىپ خىتايغا بېسىم قىلىشى، خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىك ئەھۋالىنى ئۆزگەرتەلەيدۇ. مەن بۇ زور مەسىلىدە سىلەر بىلەن ھەمكارلىشىشنى خالايمەن. مەن ھەقىقەتەنمۇ يەنە بىر سەككىز يىلدىن كېيىن سىلەر بىلەن مۇشۇ ئوخشاش تېمىدا پاراڭلاشماسلىقىمىزنى ئۈمىد قىلىمەن!»

مەزكۇر يىغىندا يەنە تىبەت ۋە خوڭكوڭ پائالىيەتچىلىرى خىتاينىڭ ئۇيغۇر، تىبەت قاتارلىق ئېتتىك گۇرۇپپىلارغا فاشىستىك بىر شەكىلدە باستۇرۇش سىياسىتى يۈرگۈزۈۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.

گۇۋاھلىق بېرىش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرى گۇۋاھچىلاردىن ئايرىم-ئايرىم سۇئال سورىدى ۋە ئۆزلىرىنىڭ ئۇلارنى ئاخىرىغىچە قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى.

ئاخىرىدا جىف ماركلىي يېپىلىش سۆزى قىلىپ مۇنداق دېدى: «ئەتە خىتايدا ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى باشلانغاندا، بىز دۇنيانىڭ خىتايدا قورقۇنچلۇق زۇلۇمنىڭ يۈز بېرىۋاتقانىلىقىغا دىققەت قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.»

2022-يىللىق قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسى ئەتە، يەنى 4-فېۋرال كۈنى رەسمىي باشلىنىدىغان بولۇپ، قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسى ۋە مېيىپلار ئولىمپىك مۇسابىقىسى بولۇپ ئايرىم-ئايرىم ھالدا 4-فېۋرالدىن 20-فېۋرالغىچە ۋە 4-مارتتىن 13-مارتقىچە بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلىدۇ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.