ئامېرىكا سىياسىي سەھنىسىدىكى 3-نومۇرلۇق شەخس، ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ رەئىسى نەنسىي پېلوسى 16-ئىيۇل كۈنى ۋاشىنگتوندا ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان بىر خەلقئارا يىغىندا سۆز قىلىپ، ئەگەر ئامېرىكا خىتاينىڭ شىنجاڭدا ئۇيغۇرلارغا تۇتقان مۇئامىلىسىگە رىقابەت ئېلان قىلمىسا، ئۇنىڭ ھەرقانداق جايدا كىشىلىك ھوقۇق توغرىسىدا سۆزلەش ئەخلاقىي ئېتىبارىنى يوقىتىپ قويۇش خەۋپىگە دۇچ كېلىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇردى. بۇ نەنسىي پېلوسىنىڭ ترامپ ھۆكۈمىتىنى ئاز دېگەندە 2-قېتىم خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدا 2 مىليوندەك ئۇيغۇر قاتارلىق مۇسۇلمان خەلقلەرنى لاگېرلارغا قاماپ، كىشىلىك ھوقۇقنى ئېغىر دەپسەندە قىلىشتەك قورقۇنچلۇق قىلمىشىغا قارشى تەدبىر قوللىنىشقا چاقىرىشىدۇر.
نەنسىي پېلوسى بۇ سۆزلەرنى 16-ئىيۇل كۈنى ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ساھىبخانىلىقىدا ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان 2-نۆۋەتلىك دىنىي ئەركىنلىكنى ئىلگىرى سۈرۈش مىنىستىرلار يىغىنىدا سۆزلىدى. 15-ئىيۇل كۈنى باشلانغان بۇ يىغىنغا 20 دەك دۆلەتتىكى ئۆزلىرىنىڭ ئېتىقادى سەۋەبلىك ئېغىر باستۇرۇش ۋە كەمسىتىشكە ئۇچراۋاتقان مىللەت ۋە دىنىي جامائەتلەر، شاھىتلار، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدىكى مۇناسىۋەتلىك ئەمەلدارلار، ژۇرنالىستلار بولۇپ 100 دەك ۋەكىل ۋە ئالاھىدە مېھمانلار قاتناشماقتا.
نەنسىي پېلوسى ئۇيغۇر مەسىلىسى ئەڭ نۇقتىلىق مۇزاكىرە تېمىلىرىنىڭ بىرى بولغان مەزكۇر يىغىننىڭ 2-كۈنى سۆز قىلدى. ئۇ ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ دىنىي ئىشلار باش ئەلچىسى سام بروۋېنبەكنىڭ رىياسەتچىلىكىدىكى سەھنىدە ئۇنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەندە يۇقىرىقى سۆزلەرنى قىلدى. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «بىزنىڭ دۇنيا مەسىلىلىرىدىكى ئەندىشىلىرىمىزدە مېنىڭ دىققىتىمنى خىتايغا مەركەزلەشتۈرۈشىمدىكى سەۋەب (شىنجاڭدىكى) دەپسەندىچىلىكنىڭ دەرىجىسى ۋە كۆلىمى ناھايىتى زور بولۇپ، سودا مەنپەئەتىنىڭ مۇھىم ئورۇننى تۇتۇشى، بۇنىڭ بەزىدە بىزنىڭ قىممەت ئۆلچىمىمىزنى، ئۇنىڭغا قانداق ئىنكاس قايتۇرۇش مەسىلىسىدە يۇمشىتىۋېتىشىدۇر. شۇڭا مەن شۇنى تەكىتلەپ كەلدىم، ئەگەر بىز خىتايدا يۈز بېرىۋاتقان دىنىي ئەركىنلىك دەپسەندىچىلىكىگە قارشى تۇرۇشتا ئىستەكلىك بولمىساق، بىز دۇنيانىڭ باشقا ھەرقانداق جايىدا بۇ مەسىلىسىنى سۆزلەش ئەخلاقىي ئېتىبارىمىزنى يوقىتىپ قويىمىز».
ترامپ ھۆكۈمىتى ھازىرغا قەدەر خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى قاتتىق تەنقىد قىلىپ كەلگەن بولسىمۇ، لېكىن يەر شارى ماگنىتسكىي قانۇنىنى ئىشقا سېلىپ، خىتاي ئەمەلدارلىرىنى جازالاشنى ئارقىغا سۈرۈپ كەلگەن. «نيۇ-يورك ۋاقتى» گېزىتىنىڭ بۇ يىل 5-ئايدا ئېلان قىلغان بىر ماقالىسىدە، ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ ئامېرىكا-خىتاي سودا سۆھبىتىنى كۆزدە تۇتۇپ، «شىنجاڭ مەسىلىسى» دە خىتاي ئەمەلدارلىرىغا ۋە ئالاقىدار خىتاي كارخانىلىرىغا ئېمبارگو قويۇشنى كەينىگە سۈرۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈلگەن. ماقالىدە، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ۋە دۆلەت خەۋپسىزلىك كومىتېتى يەر شارى ماگنىتىسكىي قانۇنىنى ئىشقا سېلىش تەرەپدارى بولسىمۇ، لېكىن ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ ئېمبارگوغا قارشى تۇرۇۋاتقانلىقى، ئۇنىڭ بۇنى سودا كېلىشىمىگە «توسقۇنلۇق قىلىدۇ» دەپ قارايدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەنىدى.
نېسى پېلوسى يىغىندا، ئۆزىنىڭ 2015-يىلى تىبەتنى زىيارەت قىلىپ، خىتاينىڭ تىبەت مەدەنىيىتى، تىلى ۋە دىنىي ئېتىقادىنى قانداق باستۇرغانلىقىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەنلىكى، ئەينى ۋاقىتتىكى تىبەت پارتكوم سېكرېتارى چېن چۈەنگونىڭ نۆۋەتتە بۇ سىياسەتنى ئۇيغۇرلارغا ئەينەن يۈرگۈزۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭ تەكىتلىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم سېكرېتارى چېن چۈەنگو ئامېرىكا يەر شارى ماگنىتسكىي كىشىلىك ھوقۇق قانۇنىنىڭ ئېمبارگوسىغا ئۇچرىشى كېرەك ئىكەن. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «بىز، 2015 -يىلى تىبەتتە چېن چۈەنگونى كۆرگەنتۇق. ئۇ ئەينى ۋاقىتتا تىبەتنىڭ پارتىيە سېكرېتارى ئىدى. ئۇ بىزنىڭ كۆڭلىمىزنى خوش قىلىدىغان بىرمۇنچە گەپلەرنى قىلدى. مان ھازىر ئۇنىڭ شىنجاڭدا ئۇيغۇرلارنى قولغا ئېلىش، لاگېرلارغا سولاش ۋە يىغىۋېلىشتەك قىلمىشلارنى سادىر قىلماقتا. ناھايىتى ئېنىقكى بىز ئەينى چاغدا تىبەتتە كۆرگەن قىلمىشلار نۆۋەتتە ئۇيغۇرلارغا ئىجرا قىلىنماقتا. بىز يەر شارى ماگنىتسكىي كىشىلىك ھوقۇق جاۋابكارلىق قانۇنىنى چېن چۈەنگوغا ئىجرا قىلىشىمىز كېرەك».
سەھنىدىكى يەنە بىر ئالاھىدە مېھمان ئاۋام پالاتاسىنىڭ پېنسىيەگە چىققان سابىق ئەزاسى فرانك ۋولفتۇر. فرانك ۋولف ۋەزىپىدىكى ۋاقتىدا ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى ئاكتىپ قوللاپ كەلگەن سىياسىيونلارنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇ ئامېرىكىنىڭ يەر شارى دىنىي ئەركىنلىك قانۇنى قاتارلىق مۇھىم قانۇن لايىھەلىرىنىڭ ماقۇللىنىشىدا ھالقىلىق رول ئوينىغان شەخس. فرانك ۋولف، ماگنىتسكىي قانۇنىنىڭ ئىشقا سېلىنىشى كېرەكلىكى، ئۇيغۇر مەسىلىسىگە يەنە داۋاملىق سۈكۈت قىلىشقا بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
فرانك ۋولف مۇنداق دەيدۇ: «ئۇنىڭ (شى جىنپىڭنىڭ) تىبەتتە قىلغىنى تۈپ يىلتىزىدىن ئالغاندا بىر مەدەنىيەت قىرغىچىلىقىدۇر. ئۇ ھازىر بۇنى ئوخشاشلا ئۇيغۇرلارغا قىلماقچى بولۇۋاتىدۇ ياكى قىلىۋاتىدۇ. بىر يېرىم مىليوندىن 3 مىليونغىچە كىشىنىڭ تۇتۇپ تۇرۇش لاگېرلىرىغا ياكى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا قامىلىشىغا پۈتۈن دۇنيا، ھەر بىر دىنىي ئېتىقاد، ھەر بىر دۆلەت زۇۋانىنى چىقىشى كېرەك.» ئۇنىڭ تەكىتلىشىچە، نەنسىي پېلۇسى ئېيتقاندەك ماگنىتسكىي قانۇنى ئىشقا سېلىنمىغۇچە بۇ قىلمىش داۋام قىلىدىكەن. ئۇ بىزنىڭ بۇ ئىشقا يەنە داۋاملىق سۈكۈت قىلىشىمىزغا بولمايدۇ» دېدى.
نەنسىي پېلوسىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، چېن چۈئەنگونىڭ تىبەتكە ئەۋەتىلىشى، ئارقىدىنلا ئۇنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا يۆتكەپ كېلىنىشى تاسادىپىيلىق ئەمەس ئىكەن. ئۇ، چېن چۈئەنگونىڭ بۇ رايونلاردا پىلانلىق ۋەزىپىگە قويۇلغانلىقىنى بىلدۈردى. نەنسىي پېلوسى مۇنداق دەيدۇ: «بىز ئۇنىڭ پىلانلىق بۇ رايونلاردا ۋەزىپىگە قويۇلغانلىقىنى بىلىمىز. ئۇ تىبەتكە باستۇرۇش ئېلىپ بېرىش مەقسىتىدە ۋەزىپىگە قويۇلدى. ئاندىن ئۇ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش مەقسىتىدە يۆتكەپ ئاپىرىلدى. ئۇ بۇ جايلارغا يۆتكىلىپ كېلىپتۇ، دېگۈدەك ئۇنداق تاسادىپىيلىق ئەمەس، ئۇنىڭ بۇ رايونلارغا ئەۋەتىلىشى خىتاي رەھبەرلىرىنىڭ مەقسەتلىك قارارىنىڭ بىر پارچىسى. ئەگەر بىز بۇنىڭدا رۇسىيەدىكى ماگنىتسكىي ۋەقەسىگە جىددىي قارىغاندەك جىددىي بولساق، بىز (چېن چۈەگونى) جاۋابكارلىققا تارتىشنى تەلەپ قىلىشىمىز كېرەك.»
16-ئىيۇل كۈنىدىكى يىغىندا ئوتتۇرىغا قويۇلغان يەنە بىر سوئال خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشتا يۇقىرى تېخنىكىلىق ۋاسىتىلەرنى ئىشقا سېلىۋاتقانلىقى، شۇنىڭدەك ئۇنىڭ بىلەن ھەمكارلىشىۋاتقان بەزى غەرب شىركەتلىرىنىڭ قانداق قىلىپ ئالدىنى توسۇش مەسىلىسىدۇر. سابىق ئاۋام پالاتا ئەزاسى فرانك ۋولف مەزكۇر مەسىلە ھەققىدە پىكىر بىلدۈرۈپ، بۇنداق شىركەتلەرنى ئامېرىكا سوت مەھكىمىلىرىگە ئەرز قىلىش كېرەكلىكىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭ قارىشىچە، بۇنداق شىركەتلەرگە بەدەل تۆلىتىش كېرەك ئىكەن. ئۇنىڭ سۆزى يىغىن ئەھلىنىڭ كۈچلۈك ئالقىشىغا ئېرىشتى. فرانك ۋولف مۇنداق دەيدۇ: «بۇ ھەقىقەتەن قورقۇنچلۇق. مېنىڭچە بۇ يەردە بەزى شىركەتلەر بار، مەن ئۇلارنىڭ ئىسمىنى تىلغا ئالمايمەن. ئۇلار خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن ھەمكارلىشىۋاتىدۇ ۋە ئۇلار بىلەن ئىش قىلىۋاتىدۇ. بىز بۇ مەسىلىدە خاررىي ۋۇغا ئوخشاش ئىش قىلىشىمىز كېرەك، خاررى ۋۇنى تەڭرى قوبۇل قىلسۇن. بۇ شىركەتلەرنى ئۇنىڭدەك سوتقا ئەرز قىلىش كېرەك. ئۇلارنى سوتقا ئەرز قىلىپ، ئۇنىڭ تۆلەم پۇلىنى ئۇيغۇر، تىبەت، فالۇنگوڭ جامائەتلىرىگە تارقىتىپ بېرىش كېرەك. ئەگەر بۇ ئەرز غەلىبىلىك بولمىسا، دۆلەت مەجلىسى قانۇننى ئۆزگەرتىپ، بۇ شىركەتلەرگە بەدەل تۆلىتىشى كېرەك.»
يېقىندا غەربتىكى بەزى نوپۇزلۇق گېزىت-ژۇرناللار بەزى غەرب شىركەتلىرىنىڭ شىركەتلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا كىشىلىك ھوقۇقنىڭ دەپسەندە قىلىنىشىغا ئىشتىراك قىلىۋاتقان خىتاي كارخانىلىرىغا مەبلەغ سالغانلىقى ياكى ئۇلارنى تېخنىكا تەمىنلىگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن. بۇ ئۇچۇر ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرىنىڭ ۋە خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ دىققىتىنى تارتقان. ئۇلار ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىقى بىلەن تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقلىرىغا خەت يېزىپ، بۇ ئەھۋالنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى تەلەپ قىلغانىدى.
0:00 / 0:00