قىرغىزىستاندا خىتايغا نارازىلىق بىلدۈرۈش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى
2019.10.03
قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشۇپ، 1-ئۆكتەبىر كۈنى پۈتۈن ئۇيغۇرلار دىيارى خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنغانلىقىنىڭ 70-يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن نارازىلىق بىلدۈرۈش يىغىنى ئۆتكۈزدى.
مەزكۇر يىغىن قىرغىزىستان پايتەختى بىشكەك شەھىرىنىڭ ئالامېدىن-1 مەھەللىسىدە قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى «ئىتتىپاق» جەمئىيىتى ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ قىرغىزىستاندىكى ۋەكىلى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلدى. يىغىنغا «ئىتتىپاق» جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئەسقەر قاسىموف ۋە مۇئاۋىن رەئىسى ئىسمائىل تاھىروف، «ئىتتىپاق» گېزىتىنىڭ باش مۇھەررىرى ئەكبەرجان باۋۇدۇنوف، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ قىرغىزىستاندىكى ۋاكالەتچىسى روزىمۇھەممەت ئابدۇلباقىيېف، «ئىنسان ھوقۇقلىرىنى قوغداش» تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى تۇرسۇن ئىسلام نىيازى، «ئىتتىپاق» جەمئىيىتىنىڭ ئاياللار ۋە ياشلار كومىتېتلىرىنىڭ ئەزالىرى شۇنداقلا بىشكەك شەھىرى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپلىرىدىكى يېزا-شەھەرلەردىن كەلگەن ئۇيغۇر جامائەتچىلىكى بولۇپ 300دىن ئوشۇق كىشى قاتناشتى.
مۇراسىم روزىمۇھەممەد ئابدۇلباقىيېفنىڭ رىياسەتچىلىكىدە ئېلىپ بېرىلدى. مەزكۇر يىغىندا ۋەتەن ئازادلىقى يولىدا قۇربان بولغان شېھىتلارغا ئاتاپ قۇرئان ئوقۇلۇپ، ئاندىن قىرغىزىستان ۋە شەرقىي تۈركىستان مىللىي مارشى ئېيتىلىپ رەسمىي ئېچىلدى.
قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى «ئىتتىپاق» جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئەسكەر قاسىموف سۆزگە چىقىپ، ئۆز نۇتقىدا قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى ھەر دائىم ئۆز ئارا ئۇيغۇر دىيارىدىكى دەھشەتلىك كۈنلەرنى خاتىرىلەپ ۋە خىتاي ھاكىمىيىتىگە ئېتىراز بىلدۈرۈپ كەلگەنلىكىنى تىلغا ئالدى.
ئۇيغۇر ئىشتىراكچىلىرى 1-ئۆكتەبىر كۈنىنى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن مۇسىبەت كۈنى دەپ ھېسابلىغان بولۇپ، مەزكۇر پائالىيەتمۇ ئوخشاشلا مۇسىبەت پائالىيىتى دەپ قارالدى. مەزكۇر پائالىيەتتە ئاساسىي دوكلاتنى تۇرسۇن ئىسلام ئەپەندى بەردى. ئۇ ئۆز دوكلاتىدا شەرقىي تۈركىستان 1949 يىلى خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ، تارىخىي ۋەقەلەرنى تەپسىلىي ئاڭلىتىپ ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايغا قارشى ئېلىپ بارغان ھەرىكەتلىرى توغرىسىدا توختالدى.
مەزكۇر مۇراسىمغا قاتناشقان دۇنيا ئۇيغۇر ئاياللار بىرلىكىنىڭ ئەزاسى چاشمەم مۇختاروۋا، رادىئو زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۈگۈنكى كۈنلەردە غەرب دۆلەتلىرى، بولۇپمۇ ئامېرىكا ئۇيغۇرلارنى قوللاپ كېلىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئېلىپ، ئۇيغۇرلارنى ئۆز ئۈمىدىنى ئۈزمەسلىكىگە چاقىردى.
شۇنى تەكىتلەپ ئۆتۈش كېرەككى، بۈگۈنكى كۈنلەردە ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى راۋاجلاندۇرۇشتا ۋە مىللەتنى ساقلاپ قېلىشتا ئاياللار مۇھىم رول ئوينىماقتا، مەزكۇر مۇراسىمغا قاتناشقان «قىرغىزىستان ئۇيغۇر ئاياللار بىرلىكى» نىڭ ئەزاسى ھەجەربوۋى ئابدۇللا، رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، خىتاي كوممۇنىستلىرى ئۇيغۇر دىيارىنى ئىگىلىۋالغان 70 يىل جەريانىدا ئۇيغۇر خەلقىنىڭ كۈرەش قىلىشنى توختاتمىغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ، ئانىلارنى ئۆز پەرزەنتلىرىنى ۋەتەنپەرۋەرلىك روھىدا تەربىيەلەشكە دەۋەت قىلدى.
يىغىندا سۆزگە چىققان ئىسمائىل تاھىروف، غەيرەت جاھانوف، دىلمۇرات ئەكبەروف ۋە باشقا قىرغىزىستان ئۇيغۇر ئاكتىپلىرى ئۆز سۆزلىرىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مىليونلىغان ئۇيغۇرلارنى لاگېرلارغا سولاپ، ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە ئۇيغۇر مىللىي كىملىكىنى يوقىتىۋاتقانلىقىنى ئەيىبلىدى.
رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان قىرغىزىستان رادىيو-تېلېۋىزىيە ئورگىنى قارمىقىدىكى «تەڭرىتاغ سادالىرى» ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىش بۆلۈمىنىڭ مۇخبىرى نىلۈفەر ھاشىموۋا، مەزكۇر يىغىندىن ئالغان تەسىراتلىرى توغرىسىدا توختالدى.
قىرغىزىستان سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى يىمىرىلگەندىن كېيىن مۇستەقىللىققا ئېرىشكەن ئوتتۇرا ئاسىيا مەملىكىتى. ئۇ، رۇسىيە باشچىلىقىدا باشقا ئوتتۇرا ئاسىيا مەملىكەتلىرى بىلەن بىرگە خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى بىلەن نۇرغۇن ھەربىي ۋە ئىقتىسادىي كېلىشىملەر بىلەن باغلانغان. شۇنداق بولسىمۇ، قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى قىرغىز جۇمھۇرىيىتىنىڭ قانۇنلىرىنى بۇزماي، ئۆزلىرىنىڭ مەدەنىيەت-سەنئىتىنى، تىلىنى، تارىخىنى، شۇنىڭدەك دەھشەتلىك ۋەقەلەرنى ئۇنتۇماسلىققا تىرىشىپ كەلمەكتە. قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى نوپۇس جەھەتتە قىرغىزىستاندىكى ئاساسلىق ئازسانلىق مىللەتلەردىن ھېسابلىنىدۇ، ئۇلار ئاساسلىقى بىشكەك شەھىرى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى يېزىلارغا مەركەزلەشكەن.