ناتو بىلەن ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنىڭ بىرەر ئالاقىسى بارمۇ؟

ميۇنخېندىن ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەم تەييارلىدى
2024.07.11
Joe-biden-Nato-Jens-Stoltenberg-Olaf-Scholz ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جوۋ بايدىن ۋە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى جېنس ستولتېنبېرگ (ئوڭدا)، ۋاشىنگىتوندا گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئولاف شولزنىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى باشلىقلار يىغىنىغا كەلگەنلىكىنى قارشى ئېلىۋاتىدۇ. 2024-يىلى 10-ئىيۇل، ۋاشىنگتون
AP/Evan Vucci

شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتى (NATO) قۇرۇلغانلىقىنىڭ 75 يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن ۋاشىنگتوندا 9-ئىيۇل باشلانغان يىغىن، غەرب ئەللىرىدە شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتى، يەنى ناتونىڭ كۈچ-قۇدرىتى ۋە ئۇنىڭ دۇنيا تىنچلىقىدا ئوينايدىغان رولى توغرىسىدىكى مۇنازىرىلەرنىڭ قانات يېيىشىغا تۈرتكە بولماقتا.

ناتونىڭ ۋەزىپىسىدىن ئايرىلىش ئالدىدىكى باش سېكرېتارى ستولتېنبېرگ ناتونى «تارىختىكى ئەڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك، ئەڭ قۇدرەتلىك بىر ئىتتىپاق» دەپ ئاتىغان ھەمدە 2023-يىلىغا كەلگەندە، ناتو غا ئەزا دۆلەتلەر ئىچىدىكى ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي دارامىتىنىڭ 2 پىرسەنتىدىن ئارتۇقىنى ھەربىي ساھەگە مەبلەغ قىلىپ سالىدىغان دۆلەتلەرنىڭ سانىنىڭ ئەسلىدىكى 9 دىن 23 كە كۆپەيگەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، بۇنىڭ رېكورت ياراتقان بىر سان بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. جەنس ستولتېنبېرگ ئوخشاشلا، ئىلگىرى قىلغان سۆزلىرىدە خىتاينى «دۇنيا تىنچلىقى ئۈچۈن ئەڭ چوڭ تەھدىت» دەپ ئاتاپ كەلگەنىدى.

بىراق مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، رۇسىيە، خىتاي، ئىران ۋە شىمالىي كورېيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يېڭى قۇتۇپنىڭ دۇنيا تىنچلىقىغا قارىتا شەكىللەندۈرىدىغان تەھدىتلىرى، 2-دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدىكى گېرمانىيە پەيدا قىلغان تەھدىتلەردىن زور دەرىجىدە ئېشىپ كېتىدىكەن. ناتونىڭ ھازىرقى ئەسكىرىي قۇۋۋىتى سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى مەزگىلىدىكىگە يەتمەيدىكەن. بۇنىڭ ئۈچۈن ناتونىڭ ئۆزىگە ئەزا 32 دۆلەتنىڭ ھەربىي كۈچىنى يېڭىلاپ ۋە كۈچەيتىپلا قالماستىن، يەنە ياپونىيە، يېڭى زېلاندىيە، جەنۇبىي كورېيە ۋە ئاۋسترالىيەدىن ئىبارەت زامانىۋى ھەربىي قۇۋۋەتكە ئىگە بولغان دۆلەتلەرنىمۇ ئۆز سېپىگە قوشۇشىغا ئېھتىياجى بار ئىكەن.

ئۇ ھالدا، ناتونىڭ يېڭى يۈزلىنىشى، يەنى خىتايغا تۇتقان پوزىتسىيەسى قانداق؟ ئۇنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسى بىلەن ئالاقىسى بارمۇ؟

تۈركىيەدىكى ھاجىتەپپە ئۇنىۋېرسىتېتى دوتسېنتى، ئىستراتېگىيە مۇتەخەسسىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەمنىڭ قارىشىچە، نۆۋەتتە ناتو بىلەن خىتاي ۋە رۇسىيەنى ئاساس قىلغان «يېڭى ئوق مەركىزى» ئوتتۇرىسىدا ھەقىقەتەنمۇ ئۇرۇش يۈز بېرىدىغاندەك بىر ۋەزىيەت شەكىللىنىۋاتقان بولۇپ، پۈتۈن دۇنيا خالىمايدىغان بۇ قورقۇنچلۇق ئۇرۇشتىن خالىي بولۇشنىڭ مۇھىم بىر يولى، ناتو ئۆزىنى تېخىمۇ كۈچلەندۈرۈپ، خىتاينىڭ ئۇرۇش قىلىش جاسارىتىنى سۇندۇرۇپ تاشلاش ئىكەن.

دوكتور ئەركىن ئەكرەمنىڭ قارىشىچە، ئالدىمىزدىكى يىللاردا يۈز بەرگەن ۋەقە-ھادىسىلەرگە نەزەر سالساق، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقلىرىنى ئېتىراپ قىلغان دۆلەتلەرنىڭ ھەممىسىنىڭلا دېگۈدەك ناتوغا ئەزا دۆلەتلەر ئىكەنلىكىنى كۆرەلەيمىز. ئوخشاشلا، ئالدىنقى يىللاردىكى ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى مەسىلىسىنى ب د ت دا كۈنتەرتىپكە كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلغان بىرقانچە قېتىملىق ئاۋاز بېرىش يىغىنىدا ئۇيغۇرلارنى قوللاپ ئاۋاز بەرگەن دۆلەتلەرنىڭ ھەممىسىنىڭلا ناتو غا ئەزا دۆلەتلەر ئىكەنلىكىنى بىلەلەيمىز. دەل ئەكسىچە، خىتاينى قوللاپ، ئۇيغۇرلارغا قارشى ئاۋاز بەرگەنلەر خىتاي، رۇسىيە، ئىران، شىمالىي كورېيە قاتارلىق ناتو غا قارشى كۈچلەر، «شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى» نىڭ باشقا ئەزالىرى ۋە ئەرەب ئەللىرىدىن ئىبارەت ئىكەنلىكى ھەممىگە مەلۇم. 

ناتو قۇرۇلغانلىقىنىڭ 75يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن ۋاشىنگتوندا ئېچىلىۋاتقان يىغىننىڭ خەۋەرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇكرائىناغا بولغان قوللاشنىڭ ئىزچىل داۋاملىشىشى ۋە كەلگۈسىدە ۋەزىيەتنىڭ ئۆزگىرىپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن گېرمانىيەنىڭ ۋېسبادېن رايونىغا ناتونىڭ يەنە بىر قوماندانلىق ئىشتابى قۇرۇلۇشى مۇمكىن ئىكەن. بۇ ئىشتابتا ناتوغا ئەزا دۆلەتلەردىن كەلگەن 700 نەپەر خادىم خىزمەت قىلىدىكەن.

 «فىرانسىيە ئاۋازى» رادىيوسى 10-ئىيۇل ئېلان قىلغان «ئەنگلىيە گېنېرالى 3-دۇنيا ئۇرۇشى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرۇپ، خىتاي، رۇسىيە، ئىراندىن ئىبارەت يېڭى ئوق مەركىزى ناتسىستلارغا قارىغاندا تېخىمۇ خەتەرلىك دېدى» ناملىق خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، رۇسىيە ئۇكرائىناغا تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەندىن كېيىن، ئاساسلىقى ناتوغا ئەزا دۆلەتلەر ئۇكرائىناغا ياردەم بېرىپ، رۇسلارنىڭ بۇ ئۇرۇشتا غەلىبە قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ كەلمەكتىكەن. بىراق ئۇرۇش 3-يىلىغا قەدەم قويۇۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، رۇسىيەنىڭ بۇ ئۇرۇشتا مەغلۇبىيەتكە يۈزلەنمەيلا قالماستىن، بەلكى رۇسىيە پىرېزىدېنتى پۇتىننىڭ ئۆزلىرىنى قوللاۋاتقان خىتاي، ئىران، شىمالىي كورېيە بىلەن بولغان ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ كۈچ-قۇدرىتىنى داۋاملىق نامايان قىلىشى، ئالدىمىزدىكى 5 يىلدا يۈز بەرگۈسى كۆلىمى زور بىر دۇنياۋى ئۇرۇشتىن، يەنى 3-دۇنيا ئۇرۇشىدىن شەپە بېرىدىكەن.

نورۋېگىيەدىكى ۋەزىيەت ئانالىزچىسى بەختىيار ئۆمەرنىڭ قارىشىچە، ئۇيغۇرلار ناتوغا ئەزەلدىن ناھايىتى دىققەت قىلىپ كەلگەن بولۇپ، ئۇنىڭ، ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈپ، ئەيىبلەشكە ئۇچراۋاتقان خىتايغا نىسبەتەن قانداق مۇئامىلە قوللىنىشى ئۇيغۇرلار ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرىدىغان نۇقتىدۇر. ئۇنىڭ پەرەز قىلىشىچە، ناتو بىلەن خىتاي ۋە رۇسىيەنى ئاساس قىلغان «يېڭى ئوق مەركىزى» ئوتتۇرىسىدا ھەقىقەتەنمۇ ئۇرۇش يۈز بەرسە، ئۇيغۇرلار ناتونى تاللىشى مۇمكىن ئىكەن. لېكىن، ئۇنىڭ تەكىتلىشىچە، ئۇرۇش قىلىش ئېھتىمالى بولغان ھەر ئىككى تەرەپ يادرو قوراللىرىغا ئىگە بولغاچقا، مۇمكىن قەدەر ئۇلار بۇ ئۇرۇشتىن ساقلىنىشقا تىرىشىدىكەن.

 «گېرمانىيە دولقۇنلىرى» رادىيوسى 9-ئىيۇل ئېلان قىلغان «ناتو ئالىي دەرىجىلىكلەر ئۇچرىشىشى كۈچىنى كۆرسەتمەكتە، ياۋروپا-ئامېرىكانىڭ سىياسىي ۋەزىيىتىدە رىقابەت مەۋجۇت» ناملىق خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، كانادا، ئىتالىيە، ئىسپانىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يەنە 9 دۆلەتنىڭ ھەربىي ساھەگە ئاجرىتىۋاتقان خىراجىتى ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي دارامىتىنىڭ 2 پىرسەنتىگىمۇ يەتمەيدىغان بولۇپ، بۇ ۋەزىيەت ئالدىمىزدىكى بىرقانچە يىلدا ئۆزگىرىدىكەن. ئەزەلدىن ھەربىي خىراجەتكە تۈزۈك مەبلەغ ئاجراتماي كېلىۋاتقان گېرمانىيە بولسا، رۇسىيە ئۇكرائىناغا تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەندىن كېيىن بىراقلا 100 مىليارد ياۋرونى ئاجراتقان بولۇپ، گېرمانىيە ھەربىي ساھەگە سالىدىغان مەبلەغنى يىلدىن يىلغا كۆپەيتمەكتىكەن.

 ناتوغا ئائىت ئۇچۇر مەلۇماتلىرىدا كۆرسىتىلىشىچە، ناتو 1949-يىلى 4-ئاپرېل قۇرۇلغان. ئۇنىڭ تۇنجى قۇرغۇچى ئەزالىرى ئامېرىكا، ئەنگلىيە، فىرانسىيە، بېلگىيە، دانىيە، ئىسلاندىيە، ئىتالىيە، كانادا، لىيۇكسېمبۇرگ، گوللاندىيە، نورۋېگىيە، پورتۇگالىيە قاتارلىق 12 دۆلەتتىن ئىبارەت بولغان. 1952-يىلى 18-فېۋرال گىرېتسىيە ۋە تۈركىيە ناتو غا قوشۇلغان. گېرمانىيە بولسا، 1955-يىلى 6-ماي قوشۇلغان. ئىسپانىيە 1982-يىلى 30-ماي، پولشا، چېخىيە ۋە ۋېنگىرىيەلەر 1999-يىلى 12-مارت بۇ ئىتتىپاققا قوشۇلغان. 2004-يىلى 29-مارتقا كەلگەندە بۇلغارىيە، ئېستونىيە، لىتۋا، لاتۋىيە، رۇمىنىيە، سىلوۋاكىيە ۋە سىلوۋېنىيەلەر ناتوغا ئەزا بولۇپ كىرگەن. 2009-يىلى 1-ئاپرېل ئالبانىيە بىلەن خورۋاتىيە، 2017-يىلى 5-ئىيۇن مونتېنېگرو، 2020-يىلى 27-مارت شىمالىي ماكېدونىيە ئەزا بولۇپ كىرگەن. ناتوغا ئەڭ ئاخىرىدا ئەزا بولۇپ كىرگەن ئىككى دۆلەت فىنلاندىيە بىلەن شىۋېتسىيە بولۇپ، 2022-يىلى 2-ئاينىڭ 24-كۈنى رۇسىيە ئارمىيەسى ئۇكرائىناغا بېسىپ كىرگەندىن كېيىن، فىنلاندىيە 2023-يىلى 4-ئاپرېل، شىۋېتسىيە 2024-يىلى 7-مارت ناتوغا ئەزا بولۇش يولىنى تاللىغان. بوسنىيە-گېرتسېگوۋىنا، گىرۇزىيە، ئۇكرائىنا قاتارلىق 3 دۆلەت نۆۋەتتە كاندىدات، كۆزەتكۈچى دۆلەتلەر قاتارىدىن ئورۇن ئالغان.

يۇقىرىقى مەلۇماتلاردىن مەلۇمكى، ناتوغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ھەممىسى ياۋروپا ۋە شىمالىي ئامېرىكا دۆلەتلىرىنى ئاساس قىلغان. ھازىر ناتونىڭ 3 مىليون 460 مىڭ مۇنتىزىم ئەسكىرى، 2 مىليون 110 مىڭ زاپاس ئەسكىرى بار ئىكەن. 500 مىڭ ئەسكىرى دەرھال جەڭگە ئاتلىنالايدىكەن. ناتونىڭ باش ئىشتابى ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ مەركىزى بولغان بېلگىيە پايتەختى بىريۇسسېلغا جايلاشقان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.