ناتو خىتايغا قارىتا ئىستراتېگىيەسىنى ئۆزگەرتتى

0:00 / 0:00

خىتاينىڭ دۇنيا تېنىچلىقى، بىخەتەرلىكىگە قارىتا شەكىللەندۈرىۋاتقان تەھدىتى، غەرب قىممەت قارىشىغا ئېلىپ كەلگەن خىرىسلىرى، غەربنىڭ دېموكراتىيە، ئەركىنلىك، كىشىلىك ھوقۇق سىستېمىسىغا سېلىۋاتقان بۇزغۇنچىلىقلىرى يىللاردىن بۇيان نۇرغۇن مۇنازىرىلەرگە سەۋەب بولغان بولسىمۇ، غەرب ئەللىرىنىڭ بۇنىڭغا قارشى ئۈنۈملۈك تەدبىرلەر بىلەن تاقابىل تۇرۇشنىڭ يوللىرى ئۈستىدە ئېلىپ بارغان ئىزدىنىشلىرىدىن كۆرۈنەرلىك بىر نەتىجە چىقمىغان. 2019-2020-يىللىرىغا كەلگەندىلا بۇ مەسىلە ياۋروپا ئىتتىپاقىدا ھەمدە ناتو (شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتى) دا جىددىي كۆڭۈل بۆلۈشكە تېگىشلىك تېما سۈپىتىدە كۈنتەرتىپنى ئىگىلىگەن. بۈگۈن «غەرب ئانالىزچىلىرى ئۇزۇن يىللاردىن بۇيانقى خىتاي تەھدىتىگە سەل قاراش ۋە ئۇنى تۆۋەن مۆلچەرلەشتەك خاتالىقلىرىنى تۈزىتىش ئۈچۈن جىددىي ھەرىكەتكە ئۆتكەن». ئامېرىكانىڭ بولۇپمۇ 2020-يىلىدىن بۇيان خىتايغا قارىتا يۈرگۈزۈشكە باشلىغان تاشقىي سىياسەتلىرىدە بارلىققا كەلگەن ئۆزگۈرۈشلەرمۇ غەرب دۇنياسىغا تەسىر كۆرسىتىشكە باشلىغان ئامىللارنىڭ بىرى بولغان.

«گېرمانىيە دولقۇنلىرى» رادىيوسىنىڭ 9-دېكابىر ئېلان قىلغان «دوستمۇ-دۈشمەنمۇ؟ خىتاي ناتونى غەپلەت ئۇيقۇسىدىن ئويغاتتى» ناملىق خەۋىرىدە بايان قىلىنىشىچە، مۇتەخەسسىسلەر تۆنۈگۈن «ناتو 2030» ناملىق بىر ئانالىز دوكلاتىنى ئېلان قىلغان. دوكلاتتا خىتاينىڭ پۈتۈن دۇنياغا تەھدىت شەكىللەندۈرىۋاتقانلىقىغا دائىر چۈشەنچىلەرگە ئورۇن بېرىش بىلەن بىرگە، ناتونى «باش كۆتۈرۈۋاتقان خىتاينىڭ ئۆتكۈر رىقابەتچىگە ئايلانغانلىقى بىلەن ئاگاھلاندۇرغان». بىراق دوكلاتنىڭ كونكىرېت مەزمۇنى تېخى ئاشكارىلانمىغان.

مەلۇم بولىشىچە، قىسقىچە «ناتو» دەپ ئاتالغان شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتى 1949-يىلى 4-ئاپرىل ۋاشىنگتوندا قۇرۇلغان. بېلگىيە پايتەختى بىريۇسسېل ئۇنىڭ مەركىزى قىلىپ بېكىتىلگەن. دەسلەپتە 12 غەرب دۆلىتى بىلەن قۇرۇلغان ناتوغا ھازىر 30 دۆلەت ئەزا بولغان. ئەسلىدە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ تەھدىتىگە تاقابىل تۇرۇشنى مەقسەت قىلىپ قۇرۇلغان بۇ ھەربىي ئىتتىپاقنىڭ 1960-يىللاردا تۈزگەن ئىستراتېگىيەلىك پىلانلىرىدا ھازىرغا قەدەر بەك چوڭ ئۆزگىرىشلەر بولمىغان. خىتاي تەھدىتى باش كۆتۈرۈشكە باشلىغاندىن كېيىن ئامېرىكا، گېرمانىيە، فرانسىيەلەر ناتونى ئىسلاھ قىلىش، ئۇنىڭ ئىستراتېگىيەلىك پىلانلىرىنى يېڭىلاش تەكلىپلىرىدە بولۇپ كەلگەن بولسىمۇ، بۇ تەكلىپ پەقەت 2019-يىلى خىتايدىن تارالغان كورانا ۋىرۇسى دۇنيانى قاپلاشقا، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ تاجاۋۇزچىلىق ئەسلى ماھىيىتى ئاشكارىلىنىشقا باشلىغاندىلا، ئاندىن ناتونىڭ خىزمەت ئۈستىلىگە چىققان.

خەۋەردە تەكىتلىنىشىچە، «ناتو مۇتەخەسسىسلەر گورۇپپىسى بىرلىكى» نىڭ رەئىسى، ئامېرىكانىڭ سابىق دېپلوماتى ۋېس مىچېل مەزكۇر دوكلات ھەققىدە توختالغاندا «تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولىدىغان كەلگۈسىگە قارىتا ئېيىتقاندا، رۇسىيە يەنىلا ناتوغا نىسپەتەن كېلەچەكتىكى ئەڭ ئاساسلىق ھەربىي تەھدىت بولۇپ قالىدۇ. بىراق خىتاينىڭ باش كۆتۈرۈشى ناتونىڭ ئىستراتېگىيەلىك مۇھىتىدىكى ئەڭ زور، تەسىرى ئەڭ كۈچلۈك بىر ئۆزگۈرۈشنى، ناتو ئەستايىدىل تاقابىل تۇرمىسا بولمايدىغان بىر ئۆزگىرىشنى پەيدا قىلدى،» دېگەن.

«ناتو مۇتەخەسسىسلەر گورۇپپىسى بىرلىكى» نىڭ ئىككىنچى رەئىسى، گېرمانىيەنىڭ سابىق دۆلەت مۇداپىيە مىنىستېرى توماس دې مايسىرى بولسا «ناتوغا تېخىمۇ كۆپ ۋاقىت، سىياسىي مەبلەغ ئاجرىتىپ ۋە ھەرىكەت قوللىنىپ، خىتاي ئېلىپ كەلگەن بىخەتەرلىك خىرىسلىرىغا تاقابىل تۇرۇش لازىم،» دېگەن.

ناتونىڭ باش كاتىپى جېنس ستولتېنبېرگ بۇ دوكلاتقا بەرگەن باھاسىدا تېخىمۇ ئوچۇق قىلىپ: «خىتاي بىزنىڭ قىممەت قارىشىمىزنى قوبۇل قىلمايدۇ، كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىدۇ، باشقا دۆلەتلەرنى بوزەك قىلىدۇ ھەمدە ئۇ بىز بىلەن بولغان سىستېمىلىق رىقابىتىنى كۈنسىرى كۈچەيتمەكتە،» دېگەن.

ناتونىڭ ئىستراتېگىيەلىك پىلانلىرىنى يېڭىلاپ، خىتاينى نىشانغا ئېلىشى ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىگە قانداق تەسىر كۆرسىتىشى مۈمكىن؟

تۈركىيەدىكى ھاجىتەپە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوتسىنتى، ئىستراتېگىيە مۇتەخەسسىسى دوكتۇر ئەركىن ئەكرەم بۇ سوئالغا جاۋاپ بەرگەندە، ناتودىكى بۇ ئۆزگىرىشنىڭ خىتايغا نىسبەتەن زور بېسىم پەيدا قىلىدىغانلىقىنى ۋە بۇنىڭ ئۇيغۇرلارغىمۇ تەسىرى بولىدىغانلىقىنى تىلغا ئالدى.

ياۋروپا ئىستراتېگىيەلىك ئانالىز مەركىزىنىڭ «ئوكيان ھالقىغان مۇداپىيە ۋە بىخەتەرلىك بۆلۈمى» نىڭ مۇدىرى لاۋرېن سپېرانسا بۇ ھەقتە توختالغاندا: «ياۋرۇپانىڭ ئىستراتېگىيەسىنى بەلگۈلىگۈچىلەرنىڭ قەلبىدە غايەت زور ئۆزگىرىشلەر يۈز بەردى، ئۇلار خىتاي تەھدىتىنىڭ ئېغىرلىقىنى ئاخىرى تونۇپ يەتتى،» دېگەن.

ئۇنىڭ قارىشىنى قوللاپ، بۇ خىل ئويغۇنىشنىڭ ياۋرۇپادا ئومۇمىيۈزلۈك ھادىسىگە ئايلىنىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن گېرمانىيەدىكى «مارشال فوندى جەمئىيىتى» نىڭ خادىمى برۇنو لېتې، بۇ ئويغىنىشنى خىتاينىڭ كورۇنا ۋىرۇسى كىرىزىسى مەزگىلىدىكى قىلمىش-ئەتمىشلىرىنىڭ زور دەرىجىدە ئىلگىرى سۈرگەنلىكىنى تىلغا ئالغان. ئۇ «بىر يىل ئىلگىرىكىگە سېلىشتۇرغاندا، بىز خىتاينىڭ ئوكيان ھالقىغان تەھدىتلىرىنى تېخىمۇ ئىلگىرىلەپ چۈشىنىش پۇرسىتىگە ئېرىشتۇق» دېگەن ھەمدە «ناتو ئاۋسترالىيە ۋە ياپونىيەگە ئوخشاش دوست دۆلەتلەر بىلەن بولغان ھەمكارلىقىنى تېخىمۇ ئىلگىرى سۈرۈشى لازىم. بۇ دۆلەتلەر خىتاينىڭ بېسىملىرىغا ھەقىقەتەنمۇ قاتتىق ئۇچرىماقتا،» دېگەن.

رۇسىيە-ياۋرۇپا تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى تېرىسا فاللون «خىتاي بىلەن رۇسىيەنىڭ ھازىر ئەر-خوتۇنغا ئايلانغانلىقىنى، بۇ ھەر ئىككى دۆلەتنىڭ غەرب سىستېمىسى ھەم قىممەت قارىشىغا زىيانكەشلىك قىلىۋاتقانلىقىنى» ئىلگىرى سۈرۈپ، ناتونىڭ گېزى كەلگەندە قاتتىق ھەرىكەتلەرنى قوللىنىشتىن باشقا، ھازىرچە «غەربنىڭ خىتاينىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشلىرىغا مەبلەغ سېلىشىنى چەكلەش، ئەسكەر ۋە خەلق تەڭ ئىشلەتسە بولىدىغان قوش ئۆلچەملىك ئەسكىرىي تاۋارلارنى خىتايغا ئېكىسپورت قىلىشنى توسۇش، خىتاينىڭ سىفىرلاشقان يىپەك يولى تەرەققىياتىنى بوغۇش» قاتارلىق چارىلەرگە مۇراجىئەت قىلىپمۇ خىتاينى ئەندىشىگە سالغىلى بولىدىغانلىقىنى ئىزاھلىغان. ئۇ سۆزىدە يەنە خىتاينىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئىچكىي قىسمىدا «مۇۋەپپەقىيەتلىك ئورۇنلاشتۇرۇش» قا ئىگە بولۇۋالغانلىقىنى، بۇنىڭدىن پايدىلىنىپ ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ بىرلىكىنى بۇزۇۋاتقانلىقىنى، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئورتاق ئاۋاز چىقىرىشىغا توسقۇنلۇق قىلىۋاتقانلىقىنى، بەزى دۆلەتلەرنى ئۆزىنىڭ رېلىسىغا سېلىشقا تېرىشىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتكەن.

ياۋرۇپا-ئاتلانتىك تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى يېلېنا مىلىچ خىتاينىڭ ياۋروپاغا بالقان رايونلىرىدىن قول سېلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ مۇنداق دېگەن: «بالقان رايونلىرى خىتاينىڭ ئەڭ ياخشى تاللىشى بولۇپ قالدى. بۇ رايونغا خىتاي ئاسانلا قول تىقالايدۇ. چۈنكى بۇ يەرلەردە مۇكەممەل سىياسىي مۇھىت ۋە سودا نىزاملىرى يوق. قانۇنمۇ ئۆزگىرىشچان.»

ئۇنىڭ ئېيتقىنىدەك، بالقان رايونلىرى خىتاينىڭ شەخسىي تۇرالغۇسىغا ئوخشاپ قالغان. خىتاي گېرىتسىيەدىن بىر پورتنى سېتىۋېلىپ، ئۇنى ياۋرۇپاغا ئۆتىدىغان كۆۋرۈك قىلىۋالغان. بىراق مەزكۇر دوكلاتتا، «ئەزا دۆلەتلەرنىڭ خالىغان بىرى خىتايدىن كەلگەن ھەرقانداق بىر تەھدىتنى ھېس قىلغان ھامان، ناتو دەرھال ھەرىكەت قوللىنىپ ئۆزىنىڭ ئۇنى مۇداپىيە قىلىش ئىقتىدارىغا ۋە قۇۋۋىتىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ قويۇشقا تەييار تۇرۇشى لازىم» لىقى ئالاھىدە تەكىتلەنگەن.