ناۋاي مۇختەر نەسىردىن تونۇر بېشىدىن تۇتۇپ كېتىلىپ تۈرمىدە جان ئۈزگەن

0:00 / 0:00

قەشقەرگە قارىتا ئېلىپ بارغان تېلېفون زىيارەتلىرىمىز داۋامىدا يېڭىشەھەرنىڭ ھاراپ يېزىسىدىكى بىر كەنت كادىرى، ئۈرۈمچىدە ناۋايلىق قىلىۋاتقان ئەزاسى مۇختەر نەسىردىننىڭ تونۇر بېشىدىن تۇتۇپ كېتىلگەنلىكى ۋە ئىككى ئاينىڭ ئالدىدا سانجى تۈرمىسىدىن جەسىتى چىققانلىقىنى ئاشكارىلىدى. تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان ھاراپ ساقچىخانا خادىملىرى بۇ يىل 60 نەچچە ياشلاردا بولغان مۇختەر نەسىردىننىڭ تۈرمىدە قان قۇسۇپ جان ئۈزگەنلىكىنى دەلىللىدى.

قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيەسىنىڭ ھاراپ يېزىسىدىن تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان بىر كەنت مەسئۇلى ئۆز تەۋەلىكىدىن يېقىندا تۈرمىدىن جەسىتى چىققان كىشىنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى سورىغىنىمىزدا، ئۇنىڭ مۇختەر نەسىردىن ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىدى. ئۇنىڭ دېيىشىچە، بۇ يىل 60 قا يېقىنلاشقان مۇختەر نەسىردىن 4 پەرزەنت ۋە 3 نەۋرىلىك بولۇپ، ئۇ تىرىكچىلىك ئۈچۈن ئۇزۇن مەزگىل قەشقەر، ئاقسۇ ۋە ئۈرۈمچىلەردە ناۋايخانا ئاچقانىكەن. دېيىلىشىچە، ئۇنىڭ يۇرت ئاتلاپ تىرىكچىلىك بىلەن شۇغۇللىنىشى 2014 ‏-ۋە 2015 ‏-يىللىرى تۇتۇپ-تەكشۈرۈشكە سەۋەب بولغان. 2017 ‏-يىلى چوڭ تۇتقۇن باشلانغاندا، ئۇ سابىق گۇماندارلار قاتارىدا ئۈرۈمچىدىكى ناۋايخانىسىدىن يەنى تونۇر بېشىدىن تۇتۇپ كېتىلگەن.

كەنت ئاھالىلىرىدىن بىرىنىڭ ئىنكاس قىلىشىچە، مۇختەر نەسىردىن تەقۋا بىر كىشى بولۇپ، بارغانلا يېرىدە يۇرتتىكى دىنىي زات ۋە جامائەت ئەربابلىرى بىلەن قويۇق مۇناسىۋەتتە بولغان، خەير-ساخاۋەت ئىشلىرىدا ھەر ۋاقىت ئالدىدا تۇرۇپ كەلگەن. پەرزەنتلىرىنىڭ دىنىي جەھەتتىكى تەلىم-تەربىيەسىگىمۇ ئالاھىدە ئېتىبار بەرگەن. بۇلارنىڭ ھەممىسى، بولۇپمۇ پەرزەنتلىرىنى بىر ئائىلە قۇرئان كۇرسىغا بېرىشى ئۇنىڭ ئۈستىدە دېلو تۇرغۇزۇلغاندا «جىنايى» پاكىتلار قاتارىدا سانالغان ۋە ئۇنىڭغا 10 يىللىق قاماق جازاسى بېرىلگەن. كېسىلگەنلىكىگە 6 يىل بولغان مۇختەر نەسىردىن ئۆتكەن ئاينىڭ بېشىدا جازا مۇددىتىنى ئۆتەۋاتقان سانجى تۈرمىسىدە جان ئۈزگەن.

تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان سانجى تۈرمىسىنىڭ بىر خادىمى، مۇختەر نەسىردىن ھەققىدە مەلۇمات سورىغىنىمىزدا، بۇ ھەقتە ئالاقىدار رەھبەرلەردىن رۇخسەت ئالغاندىن كېيىنلا جاۋاب بېرىدىغانلىقىنى ئېيتتى. بىز ئۇنىڭغا مۇختەر نەسىردىننىڭ تۈرمىدە جان ئۈزگەنلىكىدىن خەۋىرىمىز بارلىقى، پەقەت ئۇنىڭ ئۆلۈم سەۋەبىنى بىلمەكچى ئىكەنلىكىمىزنى ئېيتقىنىمىزدا ئۇ مۇختەر نەسىردىننىڭ ئۆلۈمىدىن خەۋىرى بارلىقىنى، لېكىن كىملىكىمىزنى ئايدىڭلاشتۇرماي تۇرۇپ، بۇ ھەقتە مەلۇمات بېرەلمەيدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئاھالىلەردىن بىرىنىڭ مەلۇم قىلىشىچە، ئىلگىرى مۇختەر نەسىردىننىڭ سالامەتلىكىدە ھېچقانداق مەسىلە كۆرۈلمىگەن. تۈرمىگە تاشلانغاندىن كېيىن بىرقانچە قېتىم ئائىلىسى بىلەن ئېكراندا كۆرۈشكەن بولسىمۇ، ئەمما بۇ كۆرۈشۈش 3 مىنۇتتىن ئاشمايدىغان بولغاچقا، ئائىلە ئەزالىرى ئۇنىڭ سالامەتلىكى ھەققىدە گەپ سوراشقا ئىمكان بولمىغان ۋە بايقاشقىمۇ ئۈلگۈرمىگەن. پەقەت ئائىلىسى ئۇشتۇمتۇت ھالدا ئۇنىڭ كېسەل سەۋەبى بىلەن تۈرمىدە جان ئۈزگەنلىكى ھەققىدە ئۇچۇر ئالغان ۋە بىرقانچە كۈندىن كېيىن جەسىتىنى تاپشۇرۇۋالغان.

ھاراپتىكى بىر ساقچى خادىمىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، مۇختەر نەسىردىن 6 ‏-ئاينىڭ 9 ‏-كۈنى سەھەر سائەت 4:00 تە جان ئۈزگەن؛ جەسىتى ئائىلىسىگە 11 ‏-ئىيۇن كۈنى تاپشۇرۇلغان.

جەسەت ساقچىلارنىڭ نازارىتى ئاستىدا يەرلىكىگە قويۇلغان، ئائىلە ئەزالىرى مېيىتنىڭ يۈزىنى كۆرگەن بولسىمۇ بەدىنىنى كۆرەلمىگەن. ھاراپ ساقچىخانىسىدىكى يەنە بىر خادىم، مۇختەر نەسىردىننىڭ سانجى تۈرمىسىدە بىر كۈن ئەتىگەنلىكتە قان قۇسقانلىقى، گۇندىپايلارنىڭ ئۇنى تۈرمە دوختۇرخانىسىغا ئاپارغانلىقى ۋە دوختۇرخانىدا جان ئۈزگەنلىكىنى ئاشكارىلىدى. ئەمما خادىملار، بۇ قان قۇسۇشنىڭ تاماقتىن زەھەرلىنىش، تاياقتىن زەخىملىنىش ۋە ياكى كېسەللىكتىن بولغانلىقى ھەققىدە مەلۇمات بېرەلمىدى.