ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى زۇلۇمغا ئىشتىراك قىلغان ئەمەلدارلارنى جازالاش تەدبىرى تىجارەت ئۆتكىلىگە دۇچ كەلگەن

0:00 / 0:00

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدە 2 مىليونغىچە بولغان ئۇيغۇر ۋە قازاق قاتارلىق يەرلىك خەلقلەرنى «قايتا تەربىيەلەش» نامىدىكى لاگېرلارغا قامىغاندىن كېيىن، بۇ ۋەقە خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى بىلەن بىرلىكتە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى قوزغىغان ئىدى.

ئۇيغۇر ئېلىدىكى بۇ تۇتقۇننىڭ ناھايىتى كەڭ كۆلەملىك ئىكەنلىكى ۋە ۋەزىيەتنىڭ ئىنتايىن جىددىيلىكىگە ئائىت ئۇچۇرلارنىڭ كۆپلەپ ئاشكارىلىنىشى نەتىجىسىدە ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتايغا قاراتقان تەنقىدلىرىنى كۈچەيتكەن. ئامېرىكىلىق سىياسەتچىلەر ئارىسىدىمۇ ھۆكۈمەتنى تەدبىر ئېلىشقا چاقىرىدىغان چاقىرىقلار كۆپەيدى.

نەتىجىدە، «ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتى تۇنجى بولۇپ، 2018-يىلى 6-ئايدا ئېلان قىلغان بىر خەۋىرىدە ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ چېن چۈەنگو قاتارلىق خىتاي ئەمەلدارلىرىنى كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىش جىنايىتى بىلەن جازاغا تارتىشى مۇمكىنلىكىنى، ئامېرىكا تاشقى ئىشلىرى مىنىستىرلىقىنىڭ دىنى ئەركىنلىككە مەسئۇل ئالاھىدە ئەلچىسى سام بروۋنبەكنىڭ بۇ ھەقتە ترامپ ھۆكۈمىتىگە جىددىي رەۋىشتە خىزمەت ئىشلەۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭ ماركو رۇبىئو ۋە كىرىستوفىر سىمىس قاتارلىق دۆلەت مەجلىس ئەزالىرىنىڭمۇ كۈچلۈك قوللىشىغا ئېرىشكەنلىكىنى خەۋەر قىلغان. ئەمما ئارىدىن بىر يىلغا يېقىن ۋاقىت ئۆتكەن بولسىمۇ، خىتاي ئەمەلدارلىرىغا قارىتىلغان جازا تەدبىرى ئەمەلىيلەشمىگەن ئىدى.

«نيۇيورك ۋاقتى» گېزىتىنىڭ 4-ماي كۈنى بۇ ھەقتە تارقاتقان خەۋىرىدە ئاشكارىلىشىچە، ترامپ ھۆكۈمىتى بۇلتۇر كۈز ئايلىرىدا زۇلۇمدا رول ئېلىۋاتقان يۇقىرى دەرىجىلىك خىتاي ئەمەلدارلىرى ۋە خىتاي شېركەتلىرىگە جازا تەدبىرىنى ئېلان قىلىشقا تەييار بولغان پەيتتە، بىر قىسىم ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى «ئەگەر بىز بۇ جازا تەدبىرىنى ئېلان قىلساق، بېيجىڭ بىلەن بولغان ئىقتىسادىي سۆھبەتلىرىمىز قېيىنلىشىپ كېتىشى مۇمكىن» دېگەن تەكلىپنى بەرگەن. بۇنىڭ بىلەن ترامپ ھۆكۈمىتى جازا تەدبىرلىرىنى ئېسىپ قويغان.

ئۇيغۇر ئېلىدە يولغا قويۇلۇۋاتقان لاگېر تۈزۈمى ۋە يۇقىرى تېخنىكىلىق نازارەت سېستىمىسىگە قارشى ئەڭ ئاكتىپ ھەرىكەت قىلىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىدىن «كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى» خىتاي ئىشلىرى دىرېىكتورى سوفى رىچاردسون بۈگۈن رادىيومىزغا قىلغان سۆزىدە بۇنى «زور بىر خاتالىق»، دەپ كۆرسەتتى. ئۇ سۆزىدە: «ترامپ ھۆكۈمىتى رايوندىكى زۇلۇمدا رول ئويناۋاتقان خىتاي ئەمەلدارلىرىغا ماگنېتسىكىي قانۇنىنى ئىمزالىماي ئۆتكەن ھەربىر كۈن بۇ جازا قانۇنىنى ئاجىزلىتىش بىلەن بىرگە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رايوندىكى بېسىم سىياسىتىنى داۋاملاشتۇرۇش جاسارىتىنى ئاشۇرىدۇ» دېدى.

«نيۇ-يورك ۋاقتى» گېزىتىنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاي ئەمەلدارلىرىغا جازا تەدبىرى قويۇش مەسىلىسى ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ۋە ئاق سارايغا قاراشلىق دۆلەت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ كۈچلۈك قوللىشىغا ئېرىشكەن. بىراق ئۇ، تىجارەت سۆھبەتلىرىدە كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلماسلىقى كېرەك، دەپ قارايدىغان بەزى ئەمەلدارلار سەۋەبىدىن ئامېرىكا مالىيە مىنستىرلىقىغا كەلگەندە ئاجىزلاپ قالغان. بىر قىسىم ئامېرىكا ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ «نيۇ-يورك ۋاقتى» گېزىتىگە ئېيتىپ بېرىشىچە، ئامېرىكا پرېزىدېنتى ترامپ ئۆتكەن 12-ئايدا خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن ئارگېنتىنادا ئېچىلغان گ-20 دۆلەت باشلىقلىرى يىغىنىدا ئۇچراشقاندىن كېيىن بۇ جازا تەدبىرىنى ئېلان قىلىشنى توختىتىپ قويۇشنى قارار قىلغان ئىكەن. ئەينى چاغدا ئىككى تەرەپ 1-مارت كۈنىگىچە تىجارەتتە بىر كېلىشىم ھاسىل قىلىش ئۈچۈن كېلىشكەن ئىدى. بىراق 1-مارتتا كېلىشىم يەنىلا ھاسىل قىلىنالماي، ئىككى تەرەپ ئارىسىدىكى دىيالوگ ھازىرغىچە سوزۇلۇپ كەتكەن ئىدى.

سوفى رىچاردسون خانىم بولسا بۇ قانۇننى توختىتىپ قويۇشقا سەۋەب بولغان كۆز قاراشنىڭ مۇنازىرە قىلىنىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ سۆزىدە: «جازا تەدبىرى قويۇش تىجارىي سۆھبىتى ئۈچۈن زىيانلىق، دەپ بۇ قارارنىڭ توختاپ قېلىشىغا سەۋەب بولغان شۇ ئەمەلدارلار ئۆزىنىڭ بۇ لوگىكىسى ھەققىدە چۈشەنچە بېرىشى ۋە ئۇنى ئوچۇق مۇنازىرىگە قويۇشى كېرەك. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى نۇرغۇن ئوخشىمىغان ھۆكۈمەتلەرگە ئوخشىمىغان سەۋەبلەر بىلەن جازا تەدبىرى ئېلان قىلدى. ئەمما ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى بۇنىڭلىق بىلەن ۋەيران بولغىنى يوق. شۇ نەرسە ئېنىق بولۇشى كېرەككى، يۇقىرىقىدەك كۆز قاراش جازا تەدبىرىنىڭ مەقسىتىگە قىلىنغان ساتقۇنلۇق. بۇ تەدبىرنىڭ ئىشقا كىرىشمەسلىكى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلارنى قاتتىق ئازابلىماقتا» دېدى.

دەرۋەقە، ئامېرىكادىكى «ئۇيغۇر ھەرىكىتى» تەشكىلاتىنىڭ دىرېكتورى روشەن ئابباس خانىم نۆۋەتتە لاگېرلاردا يېتىۋاتقان ئۆزىنىڭ ھەدىسى گۈلشەن ئابباسنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان مىليونلىغان بىگۇناھ ئۇيغۇرنىڭ ھوقۇقىنىڭ تىجارەتكە قۇربان قىلىنماسلىقى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتىپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى ئۆز قىممەت قاراشلىرىغا سادىق قېلىشقا چاقىردى.

ئامېرىكا ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى زۇلۇمغا قارىتا تەدبىرسىز قېلىشى ئىلگىرىمۇ ئامېرىكا دۆلەت مەجلىس ئەزالىرىنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىغان ئىدى. بۇ يىل 4-ئايدا، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدىكى غوللۇق ئەزالاردىن ماركو رۇبىئو، تىم كەين، مىت رومنىي، بوب مەنەندېز قاتارلىق 24 نەپەر كېڭەش پالاتا ئەزاسى ۋە 19 نەپەر ئاۋام پالاتا ئەزاسى بىرلىكتە ئىمزالىق خەت يوللاپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىدىن ئۇيغۇر ئېلىدىكى زۇلۇمغا قارشى ئەمەلىي ھەرىكەت قوللىنىشنى تەلەپ قىلغان. ئۇلار ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېئو، مالىيە مىنىستىرى ستىۋېن منۇچىن ۋە سودا مىنىستىرى ۋىلبۇر روسلارغا يوللىغان ئىمزالىق مەكتۇبىدا خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسەتلىرىنى سۆز بىلەن تەنقىدلەپ قويۇشىنىڭ يېتەرلىك بولمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، ماگنېتىسكى قانۇنىنى تېزدىن ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تەلەپ قىلغان.

سېناتور ماركو رۇبىئو بولسا يۇقىرىدىكى بۇ چاقىرىقنى يەنە بىر قېتىم تەكرارلىغان. ئۇ يېقىندا ئامېرىكا رونالد رېگان ئىنستىتۇتىدا ئۆتكۈزۈلگەن بىر مۇھاكىمە يىغىنىدا سۆزلىگەن نۇتىقىدا ئۇيغۇر ئېلىدە مىليونلارچە كىشىنىڭ شى جىنپىڭنىڭ «خىتاي چۈشى» ئاستىدا لاگېرغا قامىلىپ زۇلۇم كۆرۈۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالغان. شۇنداقلا يەنە «خىتاي ئەمەلدارلىرىغا قويۇلماقچى بولغان جازا تەدبىرلىرىنىڭ ماقۇللىنىشى بەك سوزۇلۇپ كەتتى. ئۇلارغا قارشى ھەرىكەتكە ئۆتىدىغان ۋاقىت كەلدى» دېگەن. ماركو رۇبىئو سۆزى داۋامىدا يەنە، ئۆزى ۋە باشقا دۆلەت مەجلىس ئەزالىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنى قوللاشنى داۋام قىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ: «بىز دۇنيانىڭ شىنجاڭدا يۈز بېرىۋاتقانلارنى، يەنى رايوندا يۈز بېرىۋاتقان ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتنى، ئۇيغۇرلارغا ۋە باشقا مىللەتلەرگە قارشى يۈرگۈزۈلۈۋاتقان جىنايەتنى تونۇپ يېتىشى ئۈچۈن داۋاملىق تىرىشچانلىق كۆرسىتىمىز» دېگەن.