نۆۋەتتە ئۇيغۇر جەمئىيىتى دۇچ كېلىۋاتقان ئىجتىمائىي پاجىئەلەرنى تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرگە ئاڭلىتىپ، بۇ جەھەتتە تېخىمۇ كۆپ تاشقى قوللاشنى قولغا كەلتۈرۈش مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار قىلىشقا تېگىشلىك ئەڭ مۇھىم خىزمەتلەرنىڭ بىرى، دەپ قارالماقتا. ئەنە شۇ مەقسەتتە نيو-يوركتا ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەردىن دوكتۇر مەمەت ئىمىن، رىشات ئابباس، تۇردى غوجا قاتارلىقلار 2-نويابىر كۈنى كەچقۇرۇن ئاددىي، ئەمما تولىمۇ ئەھمىيەتلىك بولغان بىر پائالىيەتنى تەشكىللىدى.
بۇ كۈنى ئۇلار نيو-يورك شەھىرىدىكى خرىستىئان چېركاۋلىرىنىڭ پوپلىرىدىن ئۇيغۇرلار بىلەن بىرلىكتە غىزالىنىش تەكلىپىنى قوبۇل قىلغان ھەمدە پائالىيەت سورۇنىغا كەلگەن ئوتتۇز نەچچە كىشىنى مانخاتتان بازىرىدىكى ئۆزبېك رېستورانىدىن بۇيرۇلغان پولۇ بىلەن كۈتۈۋالدى. بۇ قېتىمقى پائالىيەتنى تەشكىللىگۈچىلەرنىڭ بىرى بولغان دوختۇر مەمەت ئىمىن بۇ ھەقتە قىسقىچە ئەھۋال تونۇشتۇرۇپ ئۆتتى.
دوكۇر مەمەت ئىمىننىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ كۈنلۈك پائالىيەتكە كەلگەن خرىستىئان پوپلىرىغا ئۇيغۇر پولۇسىغا ئوخشاپ كېتىدىغان ئۆزبېك پولۇسى ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ ئاددىيسى يېمەك-ئىچمەك جەھەتتىمۇ خىتايلاردىن غايەت زور دەرىجىدە پەرقلىنىدىغان بىر خەلق ئىكەنلىكى ئەسلىتىلگەن. شۇنىڭدەك مەمەت ئىمىن، رىشات ئابباس، تۇردى غوجا قاتارلىقلار ئوخشىمىغان نۇقتىلاردىن ئۇيغۇر جەمئىيىتى ئۇچراۋاتقان بوھران ھەققىدە پوپلارغا ئومۇملاشتۇرۇپ مەلۇمات بەرگەن.
بىر قىسىم ئۇيغۇرلار ھازىرقى چوڭ-چوڭ خەلقئارالىق مەتبۇئاتلاردا كۈن ئارىلاپ دېگۈدەك ئېلان قىلىنىۋاتقان ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى ئوبزورلار، ماقالىلەر ۋە خەۋەرلەرنىڭ سان جەھەتتىكى كۆپلۈكىگە قاراپ «ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان زۇلۇملاردىن پۈتۈن دۇنيا خەۋەردار بولدى» دېگەن قاراشتا بولۇۋاتقانلىقى مەلۇم. دوكۇر مەمەت ئىمىن بۇ ھەقتە ئەھۋال تونۇشتۇرۇپ ئەمىلى ئەھۋالنىڭ ئۇنداق ئەمەسلىكىنى، بولۇپمۇ بۇ قېتىم بۇ جايغا توپلانغان خرىستىئان پوپلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى ئەھۋاللارنى ئاڭلاپ ھاڭ-تاڭ بولغانلىقىنى سۆزلەپ بەردى.
بۇنىڭغا ئۇلاپلا 3-نويابىر كۈنى نيو-يورك شەھىرىدىكى «چېگراسىز خەلقلەر چېركاۋى» ناملىق چېركاۋ دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى خرىستىئان مۇرىتلىرىنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچراش ئەھۋالى ھەققىدە بىر قېتىملىق مۇھاكىمە يىغىنى چاقىردى. دوكۇر مەمەت ئىمىن بۇ قېتىملىق يىغىنغىمۇ قاتناشقان بولۇپ، بۇ يىغىننى بىر قېتىملىق خەلقئارالىق دىنىي يىغىلىش دېسەكمۇ بولىدۇ، دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
دىنىي جامائەتنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچراش ئەھۋالى ھەققىدىكى بۇ يىغىندا ۋاشىنگتون شتاتىنىڭ سېياتىل شەھىرىدىن كەلگەن دوكۇر بىل كلارك مەخسۇس ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي جەھەتتە قانداق زىيانكەشلىككە ئۇچراۋاتقانلىقى ھەققىدە يىغىن ئەھلىگە مەلۇمات بەردى. ئۆزىگە ئۇيغۇرچە «مۇختەر» دەپ ئىسىم قويۇۋالغان بىل كلارك 1980-يىللاردا ئۈرۈمچىدە ئىنگلىز تىلى ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ ئىشلەش جەريانىدا ئۇيغۇرچە ئۆگەنگەن، كېيىن ئۇيغۇرلار ھەققىدە دوكتورلۇق ئىلمىي ماقالىسى يازغان. نۆۋەتتە ئۇ «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قانۇن لايىھەسى» نىڭ ماقۇللىنىشى ئۈچۈن پائال ھەرىكەتتە بولۇۋاتقان ئامېرىكالىق ئالىملارنىڭ بىرى ئىكەن.
بىل كلارك ئەپەندى ئۆز نۇتقىدا ئالدى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ كىملىكى ھەمدە ئۇلارنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى ھەققىدە يىغىن ئەھلىگە قىسقىچە مەلۇمات بەردى. ئۇ سۆزىدە ئۇيغۇرلارنىڭ سۈننى مۇسۇلمانلىرى ئىكەنلىكى، نۆۋەتتە ئەڭ ئاز دېگەندىمۇ ئۈچ مىليون ئۇيغۇرنىڭ، يەنى پۈتكۈل نوپۇسنىڭ 20 پىرسەنتىنىڭ لاگېرلارغا قامالغانلىقىنى ئېيتىپ كېلىپ «بىلەمسىلەر؟ بۇ لاگېرلار دەل يىغىۋېلىش لاگېرلىرىدۇر» دېگەننى ئالاھىدە تەكىتلىدى.
ئۇ شۇنىڭدىن كېيىن بۇ لاگېرلارغا قامالغان ئاشۇ مەدەنىيەتلىك بىر خەلقنىڭ، يەنە كېلىپ ئۆزىگە خاس تىل-يېزىقى، دىنىي ئېتىقادى ۋە مەدەنىيەت سىستېمىسى بولغان بىر خەلقنىڭ ھازىر قانداق روھىي ۋە جىسمانىي خورلۇقلارغا دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى ناتسىستلار گېرمانىيەسى دەۋرىدىكى يەھۇدىيلار ئۇچرىغان قىسمەتنىڭ قايتىدىن ئوتتۇرىغا چىقىشى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ: «خىتاي ھۆكۈمىتى دۇنيا بۇ ئىشلارغا پەرۋا قىلمىسىكەن، دېگەننى ئارزۇ قىلىۋاتىدۇ. بىز مۇشۇنداق بىر زور زىيانكەشلىككە شاھىت بولۇپ تۇرۇپ، ئۇنىڭ داۋام ئېتىشىگە قانداقلارچە يول قويالايمىز؟» دېدى.
دوكۇر مەمەت ئىمىننىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ قېتىمقى يىغىنغا قاتناشقان خرىستىئان جامائىتى يىغىندا ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى مەلۇماتلارنى ئاڭلاپ، ئۆزلىرىنىڭ قولىدىن كېلىشىچە بۇ خىل زۇلۇمغا قارشى پائالىيەتلەردە بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
نۆۋەتتە ئامېرىكانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا بۇ خىلدىكى ئەھۋال تونۇشتۇرۇش پائالىيەتلىرى داۋام قىلىۋاتقان بولۇپ، بۇنىڭ ھازىرقىدەك ئەھۋالدا زور ئىجابىي ئۈنۈملەرگە ئېرىشىشى ئارزۇ قىلىنماقتا ئىكەن.