«ئۇيغۇر شائىر نىمشېھىت ۋە شېئىرلىرى» ناملىق كىتاب نەشىر قىلىندى

0:00 / 0:00

تۈركىيە نەۋشەھىر ئۇنىۋېرسىتېتى تۈرك تىلى ۋە ئەدەبىياتى كەسپى ئوقۇتقۇچىسى دوكتور نەشە خاربالىئوغلۇ يازغان «ئۇيغۇر شائىر نىمشېھىت ۋە شېئىرلىرى» ناملىق كىتاب تۈركىيەنىڭ قەيسەرى شەھىرىدىكى ئىقلىم نەشرىياتىدا نەشرىدىن چىقتى.

كىتابغا نىمشېھىتنىڭ «ئەسارەتتە تۇرۇپ قالغانلارغا خىتاپ»، «ئالدىدا»، «جىنايەتتىن شىكايەت»، «پېقىرنىڭ ئىقرارى» قاتارلىق 102 شېئىرى كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، كىتابدا ئاساسەن بۇ شېئىرلار ھەر جەھەتتىن تەھلىل قىلىنغان.

ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ خەلقئارالىشىشىغا ئەگىشىپ ئۇيغۇرلار توغرىسىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان تەتقىقاتلارمۇ كۆپەيمەكتە. تۈركىيە نەۋشەھىر ئۇنىۋېرسىتېتى تۈرك تىلى ۋە ئەدەبىياتى كەسپى ئوقۇتقۇچىسى دوكتور نەشە خاربالىئوغلۇ خانىم يازغان «ئۇيغۇر شائىر نىمشېھىت ۋە شېئىرلىرى» ناملىق كىتاب 539 بەت، 4 بابتىن تەركىپ تاپقان بولۇپ، بىرىنچى بابتا نىمشېھىتنىڭ ھاياتى ۋە ئەدەبىي ئىجادىيىتى، ئىككىنچى بابتا نىمشېھىتنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ مەزمۇنى، ئۈچىنچى بابتا نىمشېھىتنىڭ شېئىرلىرىنىڭ قۇرۇلمىسى، تۆتىنچى باپتا بولسا نىمشېھىتنىڭ شېئىرلىرىنىڭ تىل ئالاھىدىلىكلىرى بايان قىلىنغان.

ئاپتور ئۆز كىتابى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دەپ يازغان: «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ مۇھىم ۋەكىللىرىدىن بىرى بولغان نىمشېھىت ئىجادىيەت ھاياتىدا شېئىر، چۆچەك، تىياتىر ۋە رومانلارنى يېزىپ قالدۇرغان. شەرقىي تۈركىستاندىكى سىياسىي ۋەقەلەر تۈپەيلى بەزى ئەسەرلىرى يوق قىلىۋېتىلگەن. مەن بۇ كىتابنى شائىرنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ۋە چەتئەللەردە نەشىر قىلىنغان ئەسەرلىرىنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ يازدıم. نىمشېھىتنىڭ ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى ئورنى ئىنتايىن يۇقىرى بولغاچقا ئەگە ئۇنىۋېرسىتېتى پروفېسسورى ئالىمجان ئىنايەتنىڭمۇ رىغبەتلەندۈرۈشى بىلەن بۇ كىتابنى تەييارلىدىم.»

دوكتور نەشە خاربالىئوغلۇ خانىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ «ئۇيغۇر شائىر نىمشېھىت ۋە شېئىرلىرى» ناملىق كىتابنى تەييارلاشتىكى مەقسىتى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: «شائىرنىڭ ئىجادىيەتلىرىدە ئۇيغۇرلار بېشىدىن ئۆتكۈزگەن سىياسىي ۋە تارىخىي ۋەقەلەر ۋە شائىرنىڭ خەلقپەرۋەر روھى گەۋدىلەنگەن. شائىر ۋەتەن، مىللەت، ئەركىنلىك، ئىلىم، مائارىپ، ئايال، سېغىنىش، ھەسرەت ۋە مۇھاببەت تېمىلىرىدا شېئىر يازغان. ئۇنىڭ شېئىرلىرى تىل جەھەتتىن قارايدىغان بولساق ئاممىباپلىققا ئىگە. مەن بۇلارنى نەزەردە تۇتۇپ تۇرۇپ نىمشېھىت توغرىسىدا بۇ كىتابنى يېزىشنى قارار قىلدىم.»

دوكتور نەشە خانىم كىتابنىڭ كىرىش سۆز قىسمىدا ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتى توغرىسىدىمۇ تەپسىلى مەلۇمات بەرگەنلىكىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «كىتابنىڭ كىرىش سۆز قىسمىدا ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتى توغرىسىدا توختالدىم. ئۇيغۇرلار ئۆتكەن يۈز يىل ئىچىدە نۇرغۇن سىياسىي ۋە تارىخىي ۋەقەلەرنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەن بولۇپ، بۇلار ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ شەكىللىنىشىدە مۇھىم رول ئوينىغان. شۇڭا مەن كىتابتا ئۆتكەن يۈز يىللىق ئۇيغۇر ئەدەبىياتى توغرىسىدىمۇ مەلۇمات بەردىم.»

قىممەتلىك راديو ئاڭلىغۇچلار مەلۇم بولغىنىدەك خىتاي ھۆكۈمىتى ئەسىرلەردىن بۇيان ئۇيغۇرلار ئانا تىلدا ئېلىپ بېرىۋاتقان مىللىي مائارىپىنى چەكلەپ، ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئېغىر بېسىم سىياسىتى ئېلىپ بارماقتا. بۇنداق بىر پەيىتتە تۈركىيەدە «ئۇيغۇر شائىر نىمشېھىت ۋە شېئىرلىرى» ناملىق كىتابنىڭ نەشىر قىلىنىشىنىڭ ئەھمىيىتى نېمە؟ ئىزمىردىكى ئەگە ئۇنىۋېرسىتېتى پروفېسسورى ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى بۇنىڭ ئەھمىيىتىنىڭ زور ئىكەنلىكىنى ئىزاھلىدى.

ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى نىمشېھىت بەزى شېئىرلىرىدا خىتاي تۈزۈمىنى مەدھىيەلىگەن بولسىمۇ «پېقىرنىڭ ئىقرارى» دېگەن شېئىرىدا بۇنىڭدىن پۇشايمان قىلغانلىقىنىڭ تەكىتلەنگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

خىتايدا سىرتقا ئېچىۋېتىش سىياسىتى يولغا قويۇلغاندىن كېيىن ئۇيغۇرلار تۈركىيەگە كېلىپ ئوقۇشقا باشلىدى. بۇلارنىڭ بەزىلىرى ئۇيغۇر تىل ۋە ئەدەبىياتى، تارىخى توغرىسىدا ئىلمىي ماقالە يېزىشقا، كىتابلار، ماقالىلار نەشىر قىلىنىشقا باشلاندى. تۈركىيەگە تۇنجى كېلىپ ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا دوكتورلۇق ئوقۇغان كىشىلەردىن بىرى گۇلزادە تەڭرىتاغلىدۇر. ئۇ، 35 يىل ئىچىدە تۈركىيەدە ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ خېلى تونۇلغانلىقىنى، «ئۇيغۇر شائىر نىمشېھىت ۋە شېئىرلىرى» ناملىق كىتابنى تۈركىيەدىكى ئەدەبىياتچىلار، ئۇيغۇرشۇناسلار ۋە ھەرقايسى ئۇنىۋېرسىتېتلاردا ئۇيغۇر تىلى كەسپىدە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ، جۈملىدىن تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئالىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.

مەرھۇم شائىر نىمشېھىت 1904-يىلى ئاقسۇ باي ناھىيەسىنىڭ سايرام يېزىسىدا دۇنياغا كەلگەن. ياشلىقىدا كۇچادا مەدرىسىدە ئوقۇپ، 1930-يىللىرى ئەينى زاماندىكى ئىلىم مەركەزلىرىدىن بولغان قەشقەرگە كېلىپ، «خانلىق مەدرىس» تە ئىلىم تەھسىل قىلغان. 1933-يىلى قەشقەردە مىللىي ئىنقىلابقا ئىشتىراك قىلىپ، يارىلانغان ۋە شۇنىڭدىن كېيىن «نىمشېھىت»، يەنى «يېرىم جان» دېگەن سۆزنى ئۆزگە تەخەللۇس قىلىپ تاللىغان. 1945-يىلى ئۆكتەبىردە شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ مىللىي ئارمىيىسىگە قوشۇلۇپ غۇلجىغا كەتكەن. ئۇ، ئاتالمىش «مەدەنىيەت ئىنقىلابى» مەزگىلىدە مىسلىسىز خورلۇق ۋە ئازاب-ئوقۇبەتكە ئۇچرىغان. قاتتىق خورلۇق تۈپەيلى 1971-يىلى 24-ئاۋغۇست كۈنى ئالەمدىن ئۆتكەن.