نورۋېگىيەدە نامەلۇم بىر خىتاي تەشكىلاتىنىڭ ئۇيغۇرلار نامايىش قىلىدىغان ئورۇننى ئىگىلىۋېلىشى غۇلغۇلا قوزغىدى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2019-05-14
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ئۇيغۇر، تىبەت، ۋىيېتنام ۋە فىلىپپىنلىقلار ئۆتكۈزگەن خىتايغا قارشى بىرلەشمە نامايىشتىن كۆرۈنۈش. 2014-يىلى دېكابىر، نورۋېگىيە.
ئۇيغۇر، تىبەت، ۋىيېتنام ۋە فىلىپپىنلىقلار ئۆتكۈزگەن خىتايغا قارشى بىرلەشمە نامايىشتىن كۆرۈنۈش. 2014-يىلى دېكابىر، نورۋېگىيە.
RFA/Aygul

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ نورۋېگىيە شۆبىسى، نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتى ۋە نورۋېگىيە تىبەت كومىتېتى قاتارلىق تەشكىلاتلار 15‏-ماي كۈنى نورۋېگىيەدە زىيارەتتە بولىدىغان خىتاي خەلق قۇرۇلتىيى رەئىسى لى جەنشۇغا قارشى نورۋېگىيە پارلامېنتىنىڭ ئالدىدا كەڭ كۆلەملىك نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزۈشنى پىلانلىماقتا. پىلان بويىچە پارلامېنت ئالدىدىكى نامايىش ئورنىنىڭ رۇخسىتىنى ئېلىشقا خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ نورۋېگىيە شۆبىسى مەسئۇل بولغان ئىدى.

لېكىن خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى يېقىندا پارلامېنتنىڭ ئالاقىدار ئىشخانىسىغا نامايىش رۇخسىتىنى ئېلىش ئىلتىماسى سۇنسا، نامايىش ئورنىنى خېلى بۇرۇنلا بىر خىتاي تەشكىلاتىنىڭ ئېلىۋالغانلىقى مەلۇم بولىدۇ. مەزكۇر تەشكىلات خىتاي-نورۋېگىيە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 65 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزىمىز، دېگەن نامدا پارلامېنتنىڭ ئالاقىدار ئىشخانىسىغا ئىلتىماس سۇنۇپ، پارلامېنت ئالدىدىكى ئەيدىسۋوللس مەيدانىدا پائالىيەت ئۆتكۈزۈش رۇخسىتى ئالغان. «نورۋېگىيە-ۋېنجۇ سودا ئۇيۇشمىسى» دەك نورۋېگىيەدە تىزىمغا ئالدۇرمىغان خىتاينىڭ ۋېنجۇ شەھىرىدىكى بىر تەشكىلات قانداقسىگە لى جەنشۇنىڭ نورۋېگىيە زىيارىتى تېخى رەسمىي ئېلان قىلىنماي تۇرۇپ، نورۋېگىيە پارلامېنتىنىڭ ئالدىدىكى مەيداننى ئېلىۋالىدۇ؟.

مەزكۇر ۋەقە يېقىندا ئاشكارىلانغاندىن كېيىن، بۇ، نورۋېگىيە تاراتقۇلىرىدا زور غۇلغۇلا قوزغىغان. لى جەنشۇنىڭ زىيارىتى خىتاي ھۆكۈمىتى 2 مىليوندەك ئۇيغۇر، قازاق ۋە باشقا مۇسۇلمان تۈركىي خەلقلەرنى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا قاماپ، ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت، تىل، دىنىي ئېتىقادىنى چەكلىشى، ئۇيغۇر ئائىلە قۇرۇلمىسىنى ئۆزگەرتىشكە ئۇرۇنۇشى غەرب ئەللىرىدە دۇنيادىكى ئەڭ ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق كرىزىسى، دەپ قارىلىۋاتقان مەزگىلگە توغرا كەلگەن. شۇڭا، لاگېرلار مەسىلىسى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ بۇ قېتىمقى نامايىشىنىڭ ھالقىلىق تېمىسىغا ئايلانغان ئىدى. كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، «نورۋېگىيە-ۋېنجو سودا ئۇيۇشمىسى» نىڭ پارلامېنت ئالدىدىكى نامايىش ئورنىنى ئىگىلىۋېلىشى خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ پىلانلىق ئورۇنلاشتۇرۇشى ئىكەن.

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى نورۋېگىيە شۆبىسىنىڭ باش كاتىپى جون پېدېر ئەگېناس 14‏-ماي كۈنى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېدى: «مېنىڭچە بۇ، خىتاينىڭ نورۋېگىيەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى تەرىپىدىن پىلانلاندى. چۈنكى، ئۇلار مەزكۇر خىتاي تەشكىلاتىغا زىيارەت ۋاقتىنى ئېيتىپ بېرەلەيدىغان بىردىنبىر ئورۇن. بىز بۇ تەشكىلاتنىڭ نورۋېگىيەدە تۇرۇشلۇق باياناتچىسى بىلەن كۆرۈشتۇق. لېكىن بۇ تەشكىلات ئۆزىنىڭ ئىلتىماس قىلغان ئورۇندا قانداق پائالىيەت ئۆتكۈزۈش پىلانى بارلىقىنى ئېلان قىلىپ باقمىغان. ئۇلار ھېچكىمنىڭ بۇ ئىشنى سۈرۈشتۈرۈشىنى، ‹نورۋېگىيە-ۋېنجو سودا ئۇيۇشمىسى›ناملىق بۇ تەشكىلات ھەققىدە گەپ سوراپ، بۇ ئىشنى داۋراڭ قىلىشنى خالىمايدىغاندەك كۆرۈندى. شۇڭا، مەن بۇنىڭ خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ رىياسەتچىلىكىدە ئېلىپ بېرىلغان ئورۇنلاشتۇرۇش ئىكەنلىكىگە ئىشىنىمەن.»

ئۇنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، نورۋېگىيە پارلامېنتى ۋە ھۆكۈمىتى بۇ ۋەقەدە خىتاي دىپلوماتلىرىنىڭ قىلتىقىغا دەسسەپ كەتكەن. ئۇ نۆۋەتتە پارلامېنتنىڭ ئۆز خاتالىقىنى تۇيۇپ، بۇ ئىشنى ھەل قىلىشنىڭ چارىسىنى قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. جون پېدېت ئەگېناس مۇنداق دەيدۇ: «مېنىڭچە نورۋېگىيە پارلامېنتى بىلەن ھۆكۈمىتى بۇ ئىشتا نورۋېگىيەدىكى سىياسىي ئىختىلاپتىن پايدىلانغان زىيارەت قىلغۇچى دۆلەت دىپلوماتلىرى تەرىپىدىن پايدىلىنىپ كېتىلگەندەك قىلىدۇ. چۈنكى، شۇ نەرسە ناھايىتى ئېنىقكى، خىتاينىڭ نورۋېگىيەدىكى ئەلچىخانىسى مەزكۇر خىتاي تەشكىلاتىغا نورۋېگىيە دائىرىلىرى بۇ زىيارەتنى نورۋېگىيە جەمئىيىتىگە ئېلان قىلىشتىن خېلى بۇرۇنلا ئاشكارىلاپ، ئۇلارنىڭ پارلامېنت ئالدىدىكى مەيداننى ئىلتىماس قىلىپ ئېلىۋېلىشقا ئەقىل كۆرسەتكەندەك قىلىدۇ. چۈنكى، ئۇلار نامايىش بولىدىغانلىقىنى ئالدىن قىياس قىلغان بولۇپ، بۇ ئارقىلىق نورۋېگىيە ئاممىۋى تەشكىلاتلىرىنى توسماقچى بولغانلىقى ئېنىق. مېنىڭچە نۆۋەتتە پارلامېنت ئۆزىنىڭ خاتالىقىنى ھېس قىلىپ، بۇنى ھەل قىلىشنىڭ چارىسىنى قىلىشقا تىرىشماقتا.»

نورۋېگىيە تاراتقۇلىرىنىڭ قەيت قىلىشىچە، ئاممىۋى تەشكىلاتلار پارلامېنت ئالدىدىكى ئورۇننىڭ خىتاي تەشكىلاتىغا بېرىلگەنلىكىگە نارازىلىق بىلدۈرگەن بولسىمۇ، لېكىن پارلامېنت بۇنى ئۆزگەرتەلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، نارازىلىقنى رەت قىلغان. شۇنىڭ بىلەن ئاممىۋى تەشكىلاتلار نامايىشنى پارلامېنت بىناسىغا بىر قانچە يۈز مېتىر يىراقلىقتىكى ئۇنىۋېرسىتېت مەيدانىدا ئۆتكۈزۈشنى ئورۇنلاشتۇرغان ئىدى. بىراق نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ رەئىسى بەختىيار ئۆمەر 14‏-ماي زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، نۆۋەتتە نامايىش ئورنىنىڭ پارلامېنت بىناسىغا يېقىن بىر جايغا يۆتكەلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

بەختىيار ئۆمەر: «بۇرۇنقى جاي ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ ئورنى بولغاچقا ئۇلار ئاۋاز ياڭراتقۇ ئىشلەتسەڭلار بولمايدۇ، دېگەندىن كېيىن، بىز پارلامېنتقا تېخىمۇ يېقىنراق، ئاۋاز ياڭراتقۇ ئىشلەتكىلى بولىدىغان ئورۇنغا كەلدۇق. بۇرۇنقى ئورۇن سەل يىراقتا ئىدى. بىز ھازىر ئۇنىڭدىنمۇ يېقىن كەلدۇق، قايتا-قايتا ئىلتىماس قىلىپ. دائىم پائالىيەت قىلىنىدىغان ئورۇن ئۇ. ئۇ ئورۇننى بىز بىرلىشىپ ئالغان بولدۇق.»

لى جەنشۇ بۇ قېتىم خىتاي تۈرمىسىدىكى ئاتاقلىق سىياسىي ئۆكتىچى ئىلھام توختى 2019‏-يىللىق نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا كۆرسىتىلگەن مەزگىلدە نورۋېگىيەنى زىيارەت قىلىدۇ. كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ئىلھام توختى بۇ يىللىق نامزاتلارنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ كۈچلۈك كاندىداتلارنىڭ بىرى ئىكەن. ئۇنى بۇ يىل 2-ئايدا ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئاۋام ۋە كېڭەش پالاتاسىنىڭ 13 نەپەر ئەزاسى نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا نامزاتلىققا كۆرسەتكەن. ئۇلارنىڭ نوبېل كومىتېتىغا يازغان مەكتۇپىدا، «ھېچكىمنىڭ 2019‏-يىللىق نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا ئىلھام توختىدەك لايىق ئەمەسلىكى» تەكىتلەنگەن ئىدى.

بەختىيار ئۆمەرنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ئۇ ئېنېرگىيە لى جەنشۇنىڭ كۈنتەرتىپىدىكى ھالقىلىق مەسىلە بولسىمۇ، لېكىن بۇ زىيارەتنىڭ ئىلھام توختى مەسىلىسىدە نورۋېگىيەگە بىر خىل ۋاسىتىلىك بېسىم پەيدا قىلىدىغانلىقىنى چەتكە قاقمايدىكەن. نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتى بۇ قېتىم باشقا تەشكىلاتلار بىلەن بىرگە 15‏-ماي كۈنى نورۋېگىيە پارلامېنتى ئالدىدا، شۇنىڭدەك 17‏-ماي كۈنى نورۋېگىيەنىڭ باشقا بىر شەھىرىدە جەمئىي ئىككى قېتىم نامايىش ئۆتكۈزىدۇ. نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتى نورۋېگىيە پارلامېنتىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشى، خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى لاگېرلارنى تاقىشى، تۇتقۇنلارنى قويۇپ بېرىشى، كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىشنى توختىتىشى، نورۋېگىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەتەندىكى ئائىلە تاۋابىئاتى ۋە نورۋېگىيەدىكى ئۇيغۇرلارنى پاراكەندە قىلىشنى توختىتىش قاتارلىق 9 تۈرلۈك تەلەپنى ئوتتۇرىغا قويىدىكەن.

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى ئەگېناس سەيشەنبە كۈنى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا ئۇيغۇر مەسىلىسى ئۆزلىرىنىڭ بۇ قېتىمقى نامايىشىدىكى نۇقتىلىق مەسىلە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى ئۇزۇن يىللاردىن بېرى خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە دائىر ئەندىشىلىرىنى ھۆججەتلەشتۈرۈپ كەلدى. لېكىن بۇ، بىز بۇ قېتىم دىققىتىمىزنى شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشىغا قاراتتۇق. بۇ رايوندىكى تۇتۇپ تۇرۇش ئورۇنلىرى ھەر خىل ناملار بىلەن تەرىپلىنىۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن بىز ئومۇمەن بۇ ئورۇنلارنى قانۇنى رەسمىيەتسىز تۇتقۇن قىلىش، دەپ تەسۋىرلەۋاتىمىز».

بەختىيار ئۆمەرنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ئۇ ئېنېرگىيە لى جەنشۇنىڭ كۈنتەرتىپىدىكى ھالقىلىق مەسىلە بولسىمۇ، لېكىن بۇ زىيارەتنىڭ ئىلھام توختى مەسىلىسىدە نورۋېگىيەگە بىر خىل ۋاسىتىلىك بېسىم پەيدا قىلىدىغانلىقىنى چەتكە قاقمايدىكەن. نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتى بۇ قېتىم باشقا تەشكىلاتلار بىلەن بىرگە 15‏-ماي كۈنى نورۋېگىيە پارلامېنتى ئالدىدا، شۇنىڭدەك 17‏-ماي كۈنى نورۋېگىيەنىڭ باشقا بىر شەھىرىدە جەمئىي ئىككى قېتىم نامايىش ئۆتكۈزىدۇ.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت