نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ رەئىسى بەختىيار ئۆمەر ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، يېقىندا قۇرۇلغان «ئۇيغۇر ئەدلىيە ئارخىپ ئامبىرى» نىڭ ئاساسلىق نىشانى ۋە خىزمەت فۇنكسىيەسى ھەققىدە مەلۇمات بەردى. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مەزكۇر ئورگاننىڭ قۇرۇلۇشى 2017-يىلىدىن بۇيان نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتى تەرىپىدىن ئىشلىنىپ كېلىۋاتقان «نامسىز ئۇيغۇر مەھبۇسلىرىنى تىزىملاش» خىزمىتىنىڭ مۇنتىزىم خىزمەت باسقۇچىغا كىرگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدىكەن.
بەختىيار ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ ئورگان ئامېرىكادىكى دېموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈش فوندىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن قۇرۇلغان ئىكەن. بۇ ئورگان ھازىرغا قەدەر خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن قۇرۇلغان ئاتالمىش «تەربىيىلەش مەركەزلىرى» نامىدىكى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىدا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان، غايىب قىلىۋېتىلگەن، خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكىۋېتىلگەن، سىياسىي بەتناملار بىلەن قاماققا كېسىۋېتىلگەن، ھەتتا ھاياتىدىن ئايرىلغانلاردىن بولۇپ، 5000 دىن ئارتۇق كىشىنىڭ تىزىملىكىنى ئارخىپلاشتۇرۇپ بولغان ئىكەن. مەزكۇر پروگراممىنىڭ تەپسىلاتىنى مۇخبىرىمىز مېھرىبان تەييارلىغان سۆھبەت خاتىرىسىدىن ئاڭلىغايسىز.