ئۇيغۇرلار مەسىلىسى نورۋېگىيە تاشقىي ئىشلار مىنىستېرلىكىدە ئوتتۇرىغا قويۇلدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەم
2021-11-24
Share
ئۇيغۇرلار مەسىلىسى نورۋېگىيە تاشقىي ئىشلار مىنىستېرلىكىدە ئوتتۇرىغا قويۇلدى نورۋېگىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋە دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى ئۇيۇشتۇرغان كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى بويىچە پىكىر ئېلىش سۆھبەت يىغىنىدا ئۇيغۇرلارنىڭ تەلەپلىرىنى ۋە جازا لاگېرلىرى مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان. 2021-يىلى 22-نويابىر،
RFA/Ekrem

نورۋېگىيە ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ 2022-يىللىق رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان بولۇپ، بۇ مۇناسىۋەت بىلەن نورۋېگىيە تاشقىي ئىشلار مىنىستېرى ۋە دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى 22-نويابىر كۈنى 60 تىن ئارتۇق خەلقئارالىق تەشكىلاتلار ۋە يەرلىك تەشكىلاتلارنىڭ ۋەكىللىرىنى چاقىرىپ، كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى بويىچە پىكىر ئېلىش سۆھبەت يىغىنى ئۇيۇشتۇرغان. سۆھبەتكە ئۇيغۇر ۋەكىللىرىمۇ داخىل بولغان.

«ئۇيغۇر ئەدلىيەسى ئارخىپ ئامبىرى» نىڭ رەئىسى بەختىيار ئۆمەر ئەپەندىنىڭ بىلدۈرىشىچە، بۇ يىغىنغا خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى، «رافتو» فوندى قاتارلىق داڭلىق تەشكىلاتلارنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن بىرلىكتە «نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتى»، «ئۇيغۇر ئەدلىيەسى ئارخىپ ئامبىرى» نىڭ ۋەكىللىرىمۇ تەكلىپكە بىنائەن قاتناشقان. يىغىنغا ھەربىر تەشكىلاتتىن پەقەت بىردىنلا ۋەكىل تەكلىپ قىلىنغان.

نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتى» نىڭ خىزمەتچى خادىمى مۇئەتتەر ئەلقۇتنىڭ بايان قىلىشىچە، يىغىندا كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى، جۈملىدىن ئاياللار، بالىلارنىڭ ھەقلىرىنى قوغداش مەسىلىسى نۇقتىلىق مۇزاكىرە قىلىنغان. ئۇيغۇر ۋەكىللەر بۇ يىغىندا جازا لاگېرلىرى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى قېيىن ۋەزىيىتى توغرىسىدا ھازىرلىغان ئىككى دوكلاتىنى تەقدىم قىلغان.

بۇ يىغىندا ئۇيغۇر ۋەكىللىرى يەنە نورۋېگىيە ھۆكۈمىتىگە ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىدە ئوتتۇرىغا قويۇش، نورۋېگىيە ھۆكۈمىتى ۋە پارلامېنتى «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» نى ئېتىراپ قىلىش، ب د ت دىن شەرقىي تۈركىستانغا مۇستەقىل تەكشۈرۈش ئۆمىكى ئەۋەتىش قاتارلىق تەلەپ-ئىستەكلىرىنى بىلدۈرۈپ ئۆتكەن.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت