نۇرى تۈركەلنىڭ ياۋروپادىكى دىپلوماتىك سەپىرىدە ئۇيغۇرلار مەسىلىسى يەنىلا مۇھىم تېما بولغان

0:00 / 0:00

ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى نۇرى تۈركەل ئەپەندى يېقىندا ياۋروپادىكى دىپلوماتىك سەپىرىنى باشلاپ، گېرمانىيە، ئىتالىيە، كرودىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە بىر قاتار مۇھىم ئۇچرىشىشلاردا بولغان.

ئۇنىڭ رادىيومىزغا بىلدۈرۈشىچە، ئۇ گېرمانىيەدە ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، داڭلىق شىركەتلەر خىتايدىن چېكىنىۋاتقان ئەھۋالدا يەنە خىتاي بىلەن ھەمكارلاشماسلىق، ئىتالىيەدە بولسا، خىتاينىڭ ئىتالىيەگە مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتىنى سېتىشىغا يول قويماسلىق ھەققىدە تەۋسىيەدە بولغان.

ئامېرىكانىڭ گېرمانىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ئەمىي گۇتمان (Emy Gutmann) ئۆزىنىڭ تىۋىتتېر ھېسابىدا بەرگەن ئۇچۇرىدا، نۇرى تۈركەل ئەپەندى بىلەن كۆرۈشۈپ، ئامېرىكا بىلەن گېرمانىيەنىڭ قانداق قىلغاندا ھەمكارلىشىپ، پۈتۈن دۇنيادىكى دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنى، جۈملىدىن كىشىلىك ھوقۇق تاجاۋۇزىغا ئۇچرۋاتقان ئۇيغۇرلار ۋە باشقا مۇسۇلمان مىللەتلەرنىڭ ئېتىقاد ئەركىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرەلەيدىغانلىقى ھەققدە سۆھبەتلەشكەنلىكىنى ئېيتقان.

نۇرى تۈركەل ۋە ئامېرىكانىڭ گېرمانىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ئەمىي گۇتمان. 2022-يىلى 10-يانۋار، گېرمانىيە، بېرلىن.

نۇرى تۈركەل ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ ئىتالىيەدە زىيارەتتە بولغاندا، ئامېرىكانىڭ ۋاتىكاندىكى باش ئەلچىسى بىلەن بىرلىكتە ۋاتىكاندىكى ئەمەلدارلار، دىپلوماتلار ۋە مۇخبىرلار بىلەن كۆرۈشكەن. باش ئەلچى ئۆزىنىڭ خىزمەت قورۇسىدا ئەنگىلىيە، كانادا، ئاۋسترالىيە، فرانسىيە، ئىتالىيە قاتارلىق دۆلەت ئەلچىلىرىنى چاقىرىپ يۇمىلاق ئۈستەل سۆھبىتى ئۆتكۈزگەن، بۇ سۆھبەتتە ئۇلار ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى توختىتىش مەسىلىسىنى مەخسۇس مۇزاكىرە قىلغان ھەمدە نۇرى تۈركەل ئەپەندىدىن پىكىر ئالغان.

ئىگىلىشىمىزچە، نۇرى تۈركەل ئەپەندىنىڭ بۇ قېتىم ۋاتىكاننى زىيارەت قىلىشى ئامېرىكانىڭ سابىق تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو 2020-يىل 9-ئاينىڭ ئاخىرىدا ۋاتىكاننى زىيارەت قىلغاندىن كېيىن، ئامېرىكا ئەمەلدارلىرىنىڭ يەنە بىر قېتىملىق زىيارىتى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.

نۇرى تۈركەل ئەپەندى كرودىيەنى زىيارەتتە قىلغاندىمۇ ئامېرىكانىڭ كرودىيەدىكى ۋاقىتلىق باش ئەلچىسى، دوست دۆلەت ئەلچىلىرىنى چاقىرىپ، ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى توختىتىشقا ياردەم قىلىش مەسىلىسىنى مۇھاكىمە قىلغان ۋە نۇرى تۈركەل ئەپەندىدىن پىكىر ئالغان.

نۇرى تۈركەل ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ بۇ سەپىرى ھەققىدە قىسقىچە مەلۇمات بەردى. سۆھبەتنىڭ تەپسىلاتىنى پروگراممىمىزنىڭ ئاۋازلىق ئۇلىنىشىدىن ئاڭلىغايسىلەر.