يازغۇچى نۇرمۇھەممەت توختىنىڭ ئۆلۈمى ھەققىدىكى خەۋىرىمىز ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن مەرھۇمنىڭ مۇھاجىرەتتىكى سەپداشلىرىدىن بىرى رادىيومىزغا ئۇچۇر يوللاپ، يازغۇچى نۇرمۇھەممەت توختىنىڭ تۇتقۇن قىلىنىش سەۋەبلىرىدىن بىرى ئۇنىڭ 2015-يىلىدىكى كانادا ساياھىتى ۋە بۇ ھەقتە «باغداش» تورىدا ئېلان قىلغان ساياھەت خاتىرىسى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى. مەرھۇمنىڭ كانادادا ياشاۋاتقان قىزى زورىگۈل نۇرمۇھەممەتمۇ بۇ ئېھتىماللىقنى چەتكە قاقمىدى. ئۇ دادىسىنىڭ ھاياتى بويى ھۆرلۈككە ئىنتىلىپ ياشىغان ۋە ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللانغان بىر ئەركىنلىك كۈيچىسى ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.
ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، مەلۇم بولۇشىچە، خوتەندە لاگېردىن قويۇپ بېرىلىپ بىر ئايدىن كېيىن ھاياتىدىن ئايرىلغان يازغۇچى نۇرمەمەت توختى 2015 -يىلى تۇغقان يوقلاش ۋىزىسى بىلەن كانادادا ساياھەتتە بولغان. بۇ جەرياندا ئۇ ئۇيغۇر رايونىدىكى «باغداش» تورىدا بىر ساياھەت خاتىرىسى ئېلان قىلغان. مەرھۇمنىڭ مۇھاجىرەتتىكى قەلەمداشلىرىدىن بىرى خوتەندىن ۋاسىتىلىك يوللار بىلەن ئاڭلىغان ئۇچۇرلىرىغا ئاساسەن مەرھۇمنىڭ تۇتۇلۇش سەۋەبلىرى ھەققىدە مەلۇمات بەردى. ئۇنىڭ دېيىشىچە، ئۇيغۇر رايونىدا ئالدىنقى يىلى نەشرىيات ساھەسىگە قارىتا ئېلىپ بېرىلغان سىياسىي تەكشۈرۈشتە ئۇنىڭ بىرقانچە كىتابى «مەسىلىلىك كىتابلار» تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن. خوتەندىكى ئالاقىدار خادىملار بۇ ھەقتە مەلۇمات بېرىشنى رەت قىلدى. مەرھۇمنىڭ مەزكۇر قەلەمدىشىنىڭ يەنە دېيىشىچە، ئۇنىڭ 2015-يىلىدىكى كانادا ساياھىتى ۋە بۇ ھەقتە «باغداش» تورىدا ئېلان قىلغان ساياھەت خاتىرىسى ئۇنىڭ ئۆلۈمىدىن ئاۋۋالقى لاگېرغا تۇتۇلۇشىغا سەۋەب بولغان ئامىللارنىڭ بىرى بولغان ئىكەن. مەرھۇمنىڭ كانادادا ياشاۋاتقان قىزى زورىگۈل نۇرمۇھەممەتمۇ بۇ ئېھتىماللىقنى چەتكە قاقمىدى. ئۇ دادىسىنىڭ ئۆلۈمىنى ئەڭ ئاۋۋال ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىن، ئاندىن خوتەندىكى ئائىلىسىدىن ئۇققانلىقىنى بايان قىلدى. ئۇ يەنە رايوندىكى سىياسىي ۋەزىيەت سەۋەبلىك ئائىلىسىدىن ئاڭلىغانلىرىنىڭمۇ توغرىلىقىغا گۇمان بىلەن قارايدىغانلىقىنى ئېيتتى. خوتەندىكى ئالاقىدار خادىملار مەرھۇمنىڭ تۇتۇلۇش سەۋەبى ھەققىدىمۇ مەلۇمات بەرمىدى.
مەرھۇمنىڭ مەزكۇر قەلەمدىشىنىڭ خوتەندىن ئاڭلىغانلىرىغا ئاساسەن يەنە بايان قىلىشىچە، ئەسلىدە 15 يىللىقتىن ئارتۇق كېسىلىشى مۇمكىن بولغان نۇرمۇھەممەت توختى تۇتقۇندىكى مەزگىلىدە كېسىلى پەۋقۇلئاددە ئېغىرلىشىپ كەتكەنلىكى ئۈچۈنلا ئامالسىز ئائىلىسىگە قويۇپ بېرىلگەن. مەرھۇمنىڭ قىزى بۇ ئېھتىماللىقنىمۇ چەتكە قاقمىدى. ئۇنىڭ دېيىشىچە، مەرھۇم پەرزەنتلىرىنى تەربىيىلەش داۋامىدا مىللەتنىڭ تەقدىرى بىلەن ئائىلىۋى بەخت-سائادەتنىڭ مۇناسىۋىتىنى كۆپ تەكىتلىگەن ۋە ئۆزىنىڭ مىللىي ئازادلىق، كىشىلىك ئەركىنلىك ھەققىدىكى ئىنتىلىش ۋە ئارزۇ-ئارمانلىرىنى بەزىدە ئوچۇق ۋە بەزىدە يېپىق شەكىلدە پەرزەنتلىرى ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلىرىغا سىڭدۈرۈپ ماڭغان. ئۇ دادىسىنىڭ ھۆرلۈككە تەشنا قەلبىنىڭ ئۇنىڭ ئىجادىي ھاياتىدىمۇ روشەن ئەكس ئېتىدىغانلىقىنى بايان قىلدى ۋە بۇ ھەقتە مەرھۇمنىڭ «بويناق» ناملىق ھېكايىسىدىن نەقىللەر كەلتۈردى.
زورىگۈل سۆزىنىڭ ئاخىرىدا بۇنىڭدىن كېيىن ئۆزى ۋە ئائىلىسىنىڭ مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىگە تېخىمۇ ئاكتىپ قاتنىشىش ئارقىلىق مىللىي ئازادلىق ھەسرىتىدە ئالەمدىن ئۆتكەن دادىسىنىڭ روھىنى ئەمىن قىلىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.