ئالاھىدە ئەلچى سەم بروۋنبەك ئادۋوكات نۇرى تۈركەلنى تەبرىكلىدى

مۇخبىرىمىز جۈمە
2020.05.31
Sam-Brownback-Nury-Turkel.png ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك ئالاھىدە ئەلچىسى سەم بروۋنبەك ئادۋوكات نۇرى تۈركەلنىڭ دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىغا كومىسسار بولۇپ تەيىنلەنگەنلىكىنى تەبرىكلىدى.
Social Media

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك ئالاھىدە ئەلچىسى سەم بروۋنبەك ئادۋوكات نۇرى تۈركەلنىڭ دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىغا كومىسسار بولۇپ تەيىنلەنگەنلىكىنى تەبرىكلىدى.

ئۇ، بۇ ھەقتە يوللىغان تۋىتتېر ئۇچۇرىدا نۇرى تۈركەلنى تەبرىكلەش بىلەن بىرگە ئۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە ئائىت مەسىلىلەردە ھەمكارلىشىپ ئىشلەشكە ھازىر ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. 

ئۇ مۇنداق دېدى: «مەن ئۇنىڭ بىلەن يېڭى ئورنىغا مۇناسىپ ھالدا خىتايدىكى ئۇيغۇرلار ۋە باشقا دىنىي گۇرۇپپىلارغا قارىتىلغان دەپسەندىچىلىكلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك مەسىلىلىرىدە ھەمكارلىشىپ ئىشلەشنى كۈتمەكتىمەن.»

ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر ئادۋوكات، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى مۇدىرىيىتىنىڭ رەئىسى نۇرى تۈركەل ئۆتكەن ھەپتە ئامېرىكا كېڭەش پالاتا رەئىسى نەنسي پېلوسى خانىم تەرىپىدىن ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىغا كومىسسار قىلىپ تەيىنلىگەن. ئۇ شۇنىڭ بىلەن مەزكۇر كومىتېتنىڭ تۆت كومىسسارنىڭ ئارىسىغا قوشۇلغان تۈنجى ئۇيغۇر بولۇپ قالغان ئىدى. 

خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك ئالاھىدە ئەلچىسى سەم بروۋنبەك ئۇيغۇر مەسىلىسىگە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلىدىغان ۋە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇش سىياسەتلىرىنى ئوچۇق-ئاشكارا تەنقىدلەپ كېلىۋاتقان ئامېرىكا ئەمەلدارلىرىنىڭ بىرى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.