بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ يىلدا بىر قېتىم ئاچىدىغان خەلقئارا مۇھىت ئۆزگىرىش يىغىنىنىڭ 28-قېتىملىق يىغىنى بۇ يىل 30-نويابىردىن 12-دېكابىرغىچە ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ دۇبەي شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن. مەزكۇر يىغىندا ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ كومىسسارى نۇرى تۈركەل ئەپەندى مۇھىت ئۆزگىرىشىنىڭ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىغا كۆرسىتىۋاتقان سەلبىي تەسىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
بۇ يىغىنغا ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن قاتناشقان نۇرى تۈركەل ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، يىغىنغا ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرى، ياۋروپا دۆلەتلىرى ۋە باشقا دۆلەتلەردىن بولۇپ 100 ئەتراپىدا پارلامېنت ئەزاسى ئىشتىراك قىلغان.
بۇ ھەقتە تېلېفون زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان نۇرى تۈركەل ئەپەندى مۇنداق دېدى: «ئەرەب خەلىپىلىكى ھۆكۈمىتى مېنى بۇ يىغىندا دوكلات بېرىش ئۈچۈن تەكلىپ قىلغانىدى. ئۇلار بۇ يىغىندا دۇنيادىكى مۇھىت ئۆزگىرىشىنىڭ ئىنسانلارغا، بولۇپمۇ ئۇيغۇر خەلقىگە بولغان تەسىرى، يېڭى ئېنېرگىيە ۋە خىتاي دۆلىتىنىڭ سىياسىتى سەۋەبىدىن قەبرىستانلىقلار، دۇئا تىلاۋەت قىلىدىغان يەرلەرنىڭ چېقىۋېتىلىشىنىڭ كىشىلىك ھوقۇققا قانداق تەسىر كۆرسىتىۋاتقانلىقى توغرىسىدا سۆزلەپ بېرىشىمنى تەلەپ قىلغانىدى. شۇڭا مەن بۇ يىغىندا مۇھىت ئۆزگىرىشىنىڭ كىشىلىك ھەق-ھوقۇق بىلەن چەمبەرچاس باغلانغان يەر، مۈلۈك، دىنىي ئېتىقاد، دۇئا-تىلاۋەت قىلىدىغان جايلار، قەبرىستانلىقلارنىڭ يېڭى شەھەرگە ئايلاندۇرىمىز دېگەن باھانىلەر بىلەن چېقىۋېتىلىشى ۋە ھاۋا كىلىماتى ئۆزگىرىشىنىڭ ئۇيغۇرلارغا بولغان تەسىرى قاتارلىقلار توغرىسىدا توختالدىم» .

نۇرى تۈركەل ئەپەندى بىر سائەت داۋاملاشقان دوكلاتىدا نۇقتىلىق ھالدا مۇھىت ئۆزگىرىشىنىڭ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىغا بولغان تەسىرى توغرىسىدا توختالغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ، مۇنداق دېدى: «مەن دوكلاتىمدا ئەڭ كۆپ گەۋدىلەندۈرگەن نەرسە، مۇشۇ تەبىئىي بايلىقلار كېلەچەكنى ئويلىمىغان ئەھۋال ئاستىدا، شەھەرلەشتۈرۈش سەۋەبلىرى تۈپەيلىدىن قانداق ئېغىر بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراۋاتىدۇ؟ دېگەن نۇقتا بولدى. مەسىلەن ھازىر ئۇيغۇرلار دۇچار بولۇۋاتقان مىللىي قىرغىنچىلىق مەسىلىسى، جۈملىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ مەجبۇرىي قۇللۇق ئەمگىكىگە سېلىنىشى، ھازىرقى ئېلېكتىرلىك ماشىنىلارنىڭ باتارېيەسىنى ياساشتا ئۇيغۇرلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىۋاتقان مەسىلىلەرنى ناھايىتى ئېنىق مىساللار بىلەن شەرھلەپ بەردىم. بۇ يەردە مەن يەنە ھەر يەردىكى دىنىي، مىللىي خىزمەتلەرنى قىلىدىغان تەشكىلاتلار، شەخسلەر قانداق يوللار بىلەن بۇ مۇھىت ئۆزگىرىشكە ئىجابىي جەھەتتىن تۆھپە قوشالايدۇ؟ بۇ ئارقىلىق قانداق قىلىپ مىللىي مەدەنىيەت، تىل ۋە دىنىمىزنى ساقلاپ قېلىش مۇمكىن؟ دىنىي رەھبەرلەرنىڭ مۇھىت ئاسراشتا قانداق بىر رولى بولىدۇ؟ بۇ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن سىياسەتچىلەر نېمىلەرنى قىلىشى كېرەك؟ ئاممىۋى تەشكىلاتلار نېمىلەرنى قىلىشى كېرەك؟ شەخسلەر نېمە قىلىشى كېرەك؟ تۇرالغۇ جاي مەسىلىسىدىكى بەزى قولايلىقلارنى نەزەردە تۇتۇپ، مۇھىت ئاسراشقا بۇزغۇنچىلىق قىلىۋاتقان مەسىلىلەرنى قانداق ھەل قىلىش كېرەك؟ ئىسلام ۋە خىرىستىيان دىنلىرىدا مۇھىت ئاسراش توغرىسىدا نېمىلەر بار؟ دېگەندەك مۇشۇنداق نازۇك مەسىلىلەر توغرىسىدا دوكلات بەردىم» .

28-نۆۋەتلىك خەلقئارا مۇھىت ئۆزگىرىش يىغىنىغا كۆپ ساندا مۇخبىرلارمۇ ئىشتىراك قىلغان بولۇپ، نۇرى تۈركەل ئەپەندى ئۇلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى ئاڭلاتقان. ئۇ، بۇ ھەقتە مەلۇمات بېرىپ مۇنداق دېدى: «دوكلات تۈگىگەندىن كېيىن سوئاللارغا جاۋاب بەردىم. مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلدىم. ھەر قايسى دۆلەتلەردىن كەلگەن مۇھىت ئاسراشقا مەسئۇل رەھبەرلەر بىلەن ئۇچراشتىم. مەسىلەن سەئۇدى ئەرەبىستان، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى، ئامېرىكا ۋە ياپونىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىن كەلگەن ئەربابلار بىلەن ئۇچرىشىپ، يېشىل ئېنېرگىيە تېخنولوگىيەسى بىلەن ئېنېرگىيەنى تېجەيمىز دەپ ئىنسانلارغا قانداق بۇزغۇنچىلىق قىلىۋاتقانلىقى قاتارلىق مەسىلىلەر توغرىسىدا پىكىرلەشتۇق» .
ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ كومىسسارى نۇرى تۈركەل ئەپەندى11-12-دېكابىر كۈنلىرى قاتارنىڭ پايتەختى دوخا شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان «قاتار مۇنبىرى» ناملىق يىغىنغا قاتنىشىۋاتقان بولۇپ، بۇ يىغىندا نۆۋەتتە دۇنيادا يۈز بېرىۋاتقان كىرىزىسلار توغرىسىدا مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلىدىكەن.