تۈركىيەدە ياشاۋاتقان مۇھاجىر ئوبۇلقاسىم تۇرسۇن، ئىنىسى ئوبۇلھاشىم تۇرسۇننىڭ 2018-يىلى 3-ئايدا ئىراننىڭ ئىمام ھۇمەينى ئايرودۇرۇمىدا تۇتقۇن قىلىنىپ خىتايغا قايتۇرۇۋېتىلگەنلىكىنى ئىنكاس قىلغانىدى. مۇخبىرىمىز ئوبۇلھاشىم تۇرسۇننىڭ يۇرتى يەكەن ناھىيەسىدىكى ئالاقىدار ئورگانلارغا تېلېفون قىلىپ، ئۇنىڭ 15 يىللىق كېسىلگەنلىكىنى ۋە ئۇنىڭغا چېتىلىپ 12 كىشىنىڭ جازا ئۆتەۋاتقانلىقىنى ئېنىقلىدى. بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ قانۇن ئىشلىرى كومىتېتى مۇدىرى مەمەت توختى ئەپەندى، ئىراننىڭ خەلقئارا ئەھدىنامىلەرنى بۇزغانلىقىنى ئەيىبلىدى ۋە بۇ ئەھۋالنى مۇناسىۋەتلىك خەلقئارا ئورگانلارغا يەتكۈزىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. تۆۋەندە مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇرنىڭ بۇ ھەقتە تەييارلىغان پىروگراممىسى دىققىتىڭلاردا بولىدۇ.
2018-يىلى 3-ئاينىڭ 7-كۈنى ئىراندىن قايتۇرۇۋېتىلگەن ئوبۇلھاشىم تۇرسۇن ھەققىدە، ئۇنىڭ تۈركىيەدىكى ئاكىسى ئوبۇلقاسىم تۇرسۇن، ئارىدىن ئىككى يىل ئۆتكەندە، ئۇنىڭ قەشقەردە تۈرمىدە ئىكەنلىكى ھەققىدە غەيرىي رەسمىي بىر ئۇچۇر ئالغان. ئەمما، ئۇ بۇ ئۇچۇرنىڭ توغرا خاتالىقى ۋە توغرا بولسا جازا مۇددىتىنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكى ھەققىدە مەلۇماتقا ئېرىشەلمىگەن. بىز ئوبۇلھاشىم تۇرسۇننىڭ يۇرتى بولغان يەكەننىڭ دۆڭباغ يېزىسىغا تېلېفون قىلىپ ئوبۇلھاشىم تۇرسۇن ھەققىدە مەلۇمات سورىدۇق. خادىملاردىن بىرى، ئوبۇلھاشىم تۇرسۇن ھەققىدىكى سوئالىمىزغا جاۋابەن، بۇ ئەھۋالنىڭ دۆلەت مەخپىيەتلىكىگە ياتىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى ۋە ئۇنىڭ ئىراندىن قايتۇرۇلغانلىقىنى ئىنكار قىلمىدى. دۆڭباغ يېزىلىق ئەدلىيە پونكىتى خادىمى ئوبۇلھاشىمنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى ھەققىدە مەلۇمات بېرەلمىگەن بولسىمۇ، ئەمما ئوبۇلھاشىمنىڭ ئائىلىسىنى نازارەت قىلىدىغان بىر مەسئۇل خادىمنىڭ ئالاقە ئۇچۇرىنى تەمىنلىدى. بۇ مەسئۇل خادىم، ئۆزىنىڭ ئوبۇلھاشىم تۇرسۇننىڭ ئائىلىسىنى نازارەت قىلىپ تۇرىدىغانلىقى ۋە ئۇنىڭ 15 يىللىق كېسىلىپ جازا ئۆتەۋاتقانلىقىدىن خەۋىرى بارلىقىنى تىلغا ئالدى. ج خ تارماقلىرىنىڭ ئۆزلىرىگە بۇ ھەقتە تەپسىلىي مەلۇمات بەرمىگەنلىكىنى ئەسكەرتكەن بۇ خادىم، ئوبۇلھاشىم تۇرسۇننىڭ ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى قاتارلىق سەزگۈر دۆلەتلەرنى زىيارەت قىلغانلىقى ئۈچۈن جازا ئۆتەۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىدى.
جازا ھۆكۈمىنى 2020-يىلىنىڭ ئوتتۇرىلىرى ئوبۇلھاشىم تۇرسۇننىڭ ئائىلىسىگە ئۆزى يەتكۈزۈپ بەرگەنلىكىنى تىلغا ئالغان بۇ خادىم، ھۆكۈمنامىدىن ئېسىدە قالغانلىرىغا ئاساسەن، ئوبۇلھاشىم تۇرسۇن چەت ئەلدىكى چېغىدا ئۇنىڭ بىلەن ئالاقىسى بار دەپ قارالغان ۋە ئۇنىڭ چەت ئەلگە چىقىشىغا ياردەملەشكەن دەپ بېكىتىلگەن ئابدۇكېرىم ئۆمەر قاتارلىق 12 كىشىنىڭمۇ نۆۋەتتە جازالىنىۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىدى.
بۇ ئەھۋال ھەققىدە پىكىر بايان قىلغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى قانۇن كومىتېتى مۇدىرى مەمەت توختى ئەپەندى، ئىراننىڭ خەلقئارا ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئەھدىنامىسىگە قول قويغان تۇرۇقلۇق ئوبۇلھاشىم تۇرسۇننى خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىۋەتكەنلىكىنى ئەيىبلىدى. ئوبۇلھاشىمنىڭ تۈركىيەدىكى ئاكىسى ئىران ئەلچىخانا خادىملىرىنىڭ سۆز ئارىسىدا ئۇقۇشماسلىق بولغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ساختا ھېسداشلىق ئىپادىلىگەنلىكىنى بىلدۈرگەنىدى. مەمەت توختى ئەپەندى، ئىراننىڭ بۇ دېلودا ئېنىق ھالدا خىتاينىڭ بۇيرۇقى بويىچە ئىش تۇتقانلىقىنى بايان قىلىپ، ئالاقىدار ئىزدىنىشلەردىن كېيىن، قۇرۇلتاينىڭ ئىراننىڭ بۇ قىلمىشى ھەققىدىمۇ داۋا ئېچىش ئېھتىماللىقىنى تىلغا ئالدى.
يۇقىرىدا ئىراندىن قايتۇرۇلغان ئوبۇلھاشىم تۇرسۇننىڭ 15 يىللىق كېسىلگەنلىكى ۋە ئۇنىڭغا چېتىلىپ 12 كىشىنىڭ جازالانغانلىقى ھەققىدە مەلۇمات بەردۇق.