ئەنگلىيە «ئوچۇق مۇنبەر» دە ئۇيغۇرلار دۇچ كەلگەن زۇلۇم ۋە دۇنيانىڭ سۈكۈتى مۇھاكىمە قىلىندى

0:00 / 0:00

10-دېكابىر «خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق كۈنى» دە خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى دۇنياغا قايتا ئاڭلاتتى؛ شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، زۇلۇمغا ئۇچرىغان ۋە ئۇچراۋاتقان ئۇيغۇرلار ۋە دۇنيانىڭ بۇنىڭغا بولغان نۆۋەتتىكى ئىنكاسى توغرۇلۇق تور مۇھاكىمە سۆھبەتلىرى ئۆتكۈزۈلدى.

ئەنگلىيە «ئوچۇق مۇنبەر» تاراتقۇسى 10-دېكابىر «خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق كۈنى» مۇناسىۋىتى بىلەن «دۇنيا نېمىشقا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قىلىۋاتقان زۇلۇمىغا سۈكۈت قىلىدۇ؟» ناملىق تور سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈپ كېلىۋاتقان قەبىھ جىنايەتلىرى ۋە دۇنيانىڭ بۇنىڭغا تېخىچە سۈكۈت قىلىۋاتقانلىقىنى مۇھاكىمە قىلدى.

يىغىندا ئالدى بىلەن «ئۇيغۇر تارىخىنىڭ مۇقەددەس يوللىرى» ناملىق كىتابنىڭ ئاپتورى، ياش تارىخچى رىيان سام (Rian Thum) ئاڭلىغۇچىلارغا ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە بەردى. ئۇ سۆزىدە ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركىي تىللىق مۇسۇلمان خەلق ئىكەنلىكى، مەدەنىيەتتە ئوتتۇرا ئاسىياغا يېقىن، خىتايدىن يىراق ئىكەنلىكى، 1760-يىللاردىن باشلاپ خىتاينىڭ ئىشغالىيىتى ئاستىغا چۈشۈپ قالغانلىقى، كوممۇنىست خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىنقى 30 يىلدىن بۇيان ئۇيغۇرلارغا تېخىمۇ قاتتىق سىياسەت يۈرگۈزگەنلىكى، 2017-يىلدىن كېيىن بولسا ئۇلارنى كەڭ كۆلەمدە لاگېرلارغا سولاپ، بۇ لاگېرلارنى ھەر خىل ناملار بىلەن ئاتاپ ئۇلارنى يوقىتىشقا، زاۋۇتلاردا قۇل قىلىشقا ياكى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىشقا ئۆتكەنلىكىنى بايان قىلدى. ئۇ دۇنيادىكى كۆپ قىسىم دۆلەتلەرنىڭ بۇ زۇلۇمغا سۈكۈت قىلىۋاتقانلىقى، ئەمما ئامېرىكانىڭ خىتايغا قارشى بەزى تەدبىرلەرنى ئېلىۋاتقانلىقى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «ئامېرىكا خىتايدىكى بەزى شەخسلەرنى جازالىدى، خىتاينىڭ بىر قىسىم ماللىرىنى كىرگۈزمىدى. پەقەت ئامېرىكىلا خىتايغا ئەمەلىي ھەرىكەت قوللىنالايدۇ، چۈنكى ئامېرىكا بۇنىڭغا يېتەرلىك سىياسىي كۈچ ۋە تەسىرگە ئىگە».

يۇرتىدا قالغان ئاتا-ئانا ۋە قېرىنداشلىرى خىتاينىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان، ھازىر تۈركىيەدە ياشاۋاتقان نۇرسىمان ئابدۇرېشىت بۇ سۆھبەتتە ئۆزىنىڭ ئازابلىق كەچمىشلىرىنى بايان قىلدى. ئۇ سۆزىدە ئائىلە بويىچە لاگېرلارغا قامىلىپ كەتكەن ئاتا-ئانىسى ۋە قېرىنداشلىرىنىڭ ئەھۋالىدىن پەقەت 2018-يىلىغا كەلگەندىلا خەۋەر تاپقانلىقىنى، 2017-يىل دادىسىنىڭ 16 يىللىق، ئانىسىنىڭ 13 يىللىق، ئاكىسىنىڭ 7 يىللىق، ئىنىسىنىڭ 15 يىللىق كېسىۋېتىلگەنلىكىنى، خىتاينىڭ ئۇلارنى چەت ئەلدە تۇغقانلىرى بار دېگەن باھانە بىلەنلا تۈرمىگە سولىغانلىقىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىر ئەڭ ئېغىر زۇلۇم ۋە ناھەقچىلىككە ئۇچراۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ سۆزىنىڭ ئاخىرىدا، ھەققانىيەتنى ياقلايدىغان بارلىق كىشىلەرنى ۋە خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنى خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق كۈنى خاتىرىلىنىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندىمۇ خالىغانچە تۇتقۇن قىلىنىۋاتقان، لاگېرلاردا ۋە تۈرمىلەردە قىينىلىۋاتقان ئۇيغۇرلارنى ئۇنتۇپ قالماسلىققا، ئۇيغۇرلارنىڭ يېنىدا تۇرۇپ، ئىنسانىيەتكە قارشى بۇ جىنايەتكە خاتىمە بېرىشكە چاقىرىق قىلدى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى لوندون ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى رەھىمە مەھمۇد خانىم بۇ سۆھبەت يىغىنىدا ئۆزىنىڭ ۋەتەندىكى ۋاقتىدا ئۇچرىغان دىنىي زۇلۇم ۋە مىللىي كەمسىتىشلەرنى ئەسلەپ ئۆتتى، ئۇ يەنە ئۆز ۋاقتىدا ۋەتەندە ھەققانىي تەلەپلەر ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلغان نامايىشلار، جۈملىدىن 1997-يىل غۇلجادا يۈز بەرگەن نامايىشنىڭ قانلىق باستۇرۇلغانلىقىنى كۆرگەنلىكىنى، 2017-يىلدىن بۇيان ۋەتەندىكى قېرىنداشلىرى ۋە دوستلىرى ئۇچرىغان زىيانكەشلىكلەرنى ئاڭلاتتى ۋە ئاخىرىدا مۇنداق دېدى: «مەن ۋە نۇرسىمانغا ئوخشاش ئۇيغۇرلار ئەركىن دۆلەتتە ياشاۋاتىدۇ، ئەمما بىز ئۆزىمىزنى ئەركىن ھېس قىلمايمىز، بەلكى بۇ ئازابنى تەڭ تارتىمىز. بۈگۈنكىدەك خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقى كۈنىدە مەن دۇنيادىكى رەھبەرلەر ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنى زۇلۇمغا قارشى تۇرۇشتەك شەرەپلىك مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىپ، ئۇيغۇرلارغا ياردەم بېرىپ، بۇ ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى توختىتىشنى ئەڭ مۇھىم ئورۇنغا قويۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن».

خەلقئارا قانۇن ئادۋوكاتى ھەمدە ئۇيغۇرلارغا ياردەم بېرىدىغان كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتلار بىرلەشمىسىنىڭ قۇرغۇچىسى مايكول پولاك (Michael Pollak) بۇ سۆھبەت يىغىنىدا ئۆزىنىڭ باشقا كەسىپداشلىرى بىلەن بىرلىكتە ب د ت قاتارلىق خەلقئارالىق ئورگانلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئىشخانىلىرىغا تەلەپ سۇنۇپ، نۇرسىمانگۇلگە ئوخشاش ئۇيغۇرلارنىڭ ھوقۇقىنى قوغداش ئۈچۈن كۈچىنىڭ يېتىشىچە تىرىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭ ھۆكۈم قىلىشىچە، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى كوللېكتىپ ھالدا باستۇرۇش، ئۆلتۈرۈش، قىيناش، قۇل قىلىشتەك قەبىھ سىياسىتى خەلقئارا جىنايى ئىشلار قانۇنىدىكى ئىككى ئاساسىي جىنايەت بولغان ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنىڭ ھەر ئىككىسىگە چۈشىدىكەن، شۇنداقلا «ئىرقىي قىرغىنچىلىققا قارشى تۇرۇش ۋە ئۇنى جازالاش ئەھدىنامىسى» دا ئېنىقلىما بېرىلگەن ئىرقىي قىرغىنچىلىق تەبىرىگە ئۇيغۇن كېلىدىكەن. ئۇ بۇنىڭغا پاكىت سۈپىتىدە تەتقىقاتچى ئادرىيان زېنىز ئاشكارىلىغان نوپۇس قىرغىنچىلىقى پاكىتلىرىنى تىلغا ئالدى ھەمدە ئۇيغۇر ئاياللىرىنى تۇغماس قىلىۋېتىش جىنايىتىگە ئائىت بىر ۋىدىيونى كۆرسەتتى. ئۇ يەنە ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ خەلقئارا سوتتا دىققەتكە ئېلىنىشى كېرەكلىكى ھەمدە بوسىنىيە ۋە روھىنگا مۇسۇلمانلىرى ئۇچرىغان قىرغىنچىلىققا ئوخشاش ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەپ بېكىتىلىشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ خىتايدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىققا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن ماگىنىتىسكى قانۇنىدەك قانۇن ماقۇللىتىش كېرەكلىكىنى، بۇ جەھەتتە ئەنگلىيە پارلامېنتى كېڭەش پالاتاسىدىن ئۆتكەن «سودا قانۇنى تۈزىتىش لايىھەسى» نىڭ بىر ياخشى باشلىنىش بولغانلىقىنى بىلدۈردى. ئاخىرىدا ئۇ، ئىلگىرى يۈز بەرمەيدۇ دېگەن بۇ جىنايەتنىڭ خىتايدا يۈز بېرىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى ھەمدە بۇ سۆھبەتنى ئاڭلىغۇچىلارنى ئۆز جايلىرىدىكى رەھبەرلەرنى بۇ جىنايەتنى توختىتىشقا ھەيدەكچى بولۇشقا چاقىردى.