مەركىزى ئىستانبۇلدىكى «شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى» نىڭ 6-قېتىملىق شۇرا يىغىنى 6-يانۋار تۈركىيەنىڭ ئانتالىيە رايونىغا قاراشلىق ئالانيە شەھىرىدە باشلاندى. بۇ يىغىنغا شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىگە ئەزا بولغان، تۈركىيە، سەئۇدى ئەرەبىستان، ئاۋسترالىيە، شىۋېتسىيە قاتارلىق ھەر قايسى دۆلەتلەردىكى ئۇيغۇر ئۆلىمالاردىن 60 تىن ئارتۇق كىشى قاتناشتى.
يىغىن قۇرئان كەرىم تىلاۋىتى بىلەن باشلانغاندىن كېيىن شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى رەئىسى دوكتور ئاتاۋۇللا شاھيارى ئېچىلىش نۇتقى سۆزلىدى.
كېيىن، يېغىنغا ساھىبخانىلىق قىلغان تۈركىيە دىنى ئىشلار باشقارمىسى قارمىقىدىكى ئالانيە شەھىرىنىڭ مۇپتىسى دوكتور ئېھسان ئىلھام سۆز قىلدى. ئالانيە مۇپتىسى دوكتور ئېھسان ئىلھام سۆزىدە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنىڭ ئۈممەتنىڭ مەسىلىسى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى ۋە «ئىسلام دۇنياسى شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىغا ئىگە چىقىشى كېرەك»، دېدى.
بىز بۇ يىغىن توغرىسىدا تېخىمۇ كۆپ مەلۇماتقا ئىگە بولۇش ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ مەسئۇللىرىدىن ئابدۇسالام ئالىم ۋە دوكتور ئالىمجان بۇغدا بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
دوكتور ئالىمجان بۇغدا بۇ يىغىننى ئۇيۇشتۇرۇشتىكى مەقسىتىنىڭ ئاساسلىقى شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ ئېلىپ بېرىۋاتقان خىزمەتلەرنى كۆزدىن كەچۈرۈش، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ خىتاينىڭ زۇلۇمىغا ئېغىر دەرىجىدە دۇچ كېلىۋاتقان ۋەزىيەتتە ئۆلىمالارنىڭ مەسئۇلىيىتى ۋە مەجبۇرىيەتلىرى توغرىسىدا مۇھاكىمە قىلىش ھەم كەمچىللىكلەرنى تۈزىتىش ئۈچۈن مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىش ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
دوكتور ئالىمجان بۇغدانىڭ بىلدۈرۈشىچە، شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ بۇ قېتىمقى يىغىنىدا يەنە بىر يىللىق خىزمەت پىلانى تۈزۈپ چىقىلغان.
ئاۋسترالىيەدىن كەلگەن ئابدۇسالام ئالىم ئەپەندى بۇ يىغىندا ئوتتۇرىغا قويۇلغان مۇھىم نۇقتىلار توغرىسىدا توختىلىپ، شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى توغرىسىدا باش تارتماي قىلىشقا تېگىشلىك مەسئۇلىيەتلىرى ۋە مەجبۇرىيەتلىرى توغرىسىدا مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. ئۇ يەنە ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى خەلقئارا سەھنىگە، بولۇپمۇ ئىسلام دۇنياسىغا ئېلىپ چىقىشتا قىلىشقا تېگىشلىك ۋەزىپىلەر توغرىسىدا مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلغانلىقىنىمۇ بىلدۈردى.
ئابدۇسالام ئالىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ قېتىمقى شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ يىغىنىدا، ئۆلىمالارنىڭ 2020-يىللىق خىزمەت پىلانلىرى تۈزۈپ چىقىلغان.
يىغىننىڭ ئىككىنچى كۈنىدە 5-قېتىملىق شۇرا يېغىنىدا ئېلىنغان قارارلارنىڭ ئەمەلىيلىشىشى ھەققىدە دوكلات بېرىلدى، كېيىن، شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىگە يېڭىدىن ئەزالىققا قوبۇل قىلىنغان بىر قىسىم ئۆلىمالار ئۆزلىرىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتتى ھەمدە ئۆزلىرىنىڭ ئەزا بولۇشتىكى مەقسەتلىرىنى بايان قىلدى.
بۇ يىغىن 6-يانۋاردىن 9-يانۋارغىچە 3 كۈن داۋام قىلىدىغان بولۇپ يىغىن ھازىر داۋام قىلماقتا ئىكەن.
شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ باياناتچىسى شۇنداقلا ئاۋسترالىيەدىكى ۋەكىلى ئابدۇسالام ئالىم، بۇ يىغىندا ئاساسلىقى ئۆلىمالارنىڭ مەسئۇلىيىتى ۋە شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ كەلگۈسىدە ئېلىپ بارماقچى بولغان خىزمەت پىلانلىرى توغرىسىدا مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.
ئىگىلىنىشىچە، شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ يىغىنىغا قاتناشقان تۈركىيە دىنى ئىشلار باشقارمىسى ئالانيە مۇپتىسى دوكتور ئېھسان ئىلھام ئەپەندى ئۇيغۇرلارغا يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقان كىشى بولۇپ، ئۇ مەسچىتلەردە بايان قىلغان خۇتبىلىرىدە جامائەت ئاممىسىغا خىتاب قىلىپ، شەرقىي تۈركىستاندىكى قېرىنداشلارنى قوللاشقا دەۋەت قىلىدىكەن ۋە ئۇلارغا دۇئا قىلىدىكەن.
دوكتور ئېھسان ئىلھام بۇنىڭدىن ئىلگىرىكى بىر پائالىيەتتە جۈمە نامىزىدىن چىقىشىدا مەسچىت ئالدىدىكى مەيدانغا جامائەت ئاممىسى بىلەن توپلىشىپ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن مەخسۇس دۇئا قىلغانىدى.
0:00 / 0:00