2022-يىللىق بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىغا نەق بىر يىل قالغان بىر مەزگىلدە ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزاسى رىك سكوت، ئۇيغۇرلارغا «ئىرقىي قىرغىنچىلق يۈرگۈزگەن خىتاينىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈش سالاھىيىتى بىكار قىلىش، 2022-يىللىق بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى باشقا دوكلەتكە يۆتكەش» توغرىسىدا قارار تەكلىپ لايىھەسى سۇنغان. رىك سكوتنىڭ 2-فېۋرال ئېلان قىلغان باياناتىدا تەكىتلىشىچە، بۇ قارار لايىھەسى خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىغا «ئەركىنلىك تەرىپىدە تۇرۇش، كومۇنىستىك خىتاينى توغرا ئىش قىلىشقا چاقىرىش ياكى 2022-يىلى قىشلىق ئولىمپىكنى باشقا دۆلەتتە ئۆتكۈزۈش توغرىسىدا ئېنىق سىگنال بەرگەن.»
كېڭەش پالاتا ئەزاسى رىك سكوتنىڭ مەزكۇر قارار لايىھەسى جېيمىس ئىنخوف، تام كاتتون، ماركۇ رۇبىيو، تود يوڭ قاتارلىق جۇمھۇرىيەتچى ۋە دېموكراتىك پالاتا ئەزالىرىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن. جۇمھۇرىيەتچى پالاتا ئەزاسى تام كاتتون بۇ ھەقتىكى باياناتىدا: «خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈشى خىتاينى ئولىمپىك مۇسابىقىسىغا ساھىبخانلىق قىلىش سالاھىتىدىن مەھرۇم قىلدى،» دېگەن. دېموكراتلاردىن بولغان پالاتا ئەزاسى جېيمىس ئىنخوف، خىتاينىڭ ئۆز خەلقىگە زۇلۇم سېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «بىز بۇنى خىتاي شىنجاڭدا ئىرقىي قىرغىچىلىق يۈرگۈزگەندە، شۇنىڭدەك خوڭكوڭدا كۆردۇق. بىز 2022-يىللىق قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلۈشىگە يول قويۇپ، كومپارتىيەنىڭ ھەركىتىنى قوبۇل قىلماسلىقىمىز كېرەك،» دەپ كۆرسەتكەن.
ھالبۇكى، بۇ قارار لايىھەسى ئامېرىكادىكى بەزى مۇتەخەسسىسلەر ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشتى. ئامېرىكادىكى «كور ئانالىتىك تەتقىقات ئورنى» نىڭ مەسئۇلى دوكتور ئاندېرېس كورنىڭ تەكىتلىشىچە، بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى باشقا دۆلەتكە يۆتكەش پىكىرى، ئۇنى بايقۇت قىلىشقا قارىغاندا ئەۋزەل ئىكەن. ئاندېرېس كور 3-فېۋرال بۇ ھەقتىكى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى.
ئۇ مۇنداق دېدى: «ئىنسانپەرۋەرلىك، مەنىۋىيەت ۋە ئەخلاق ئولىمپىكنىڭ يولغا قويۇلۇشىدىكى تۈپ پرىنسىپ بولۇپ، دۆلەتلەر ئارىسىدىكى ھەمكارلىق، كىشىلىك ھوقۇق، دېموكراتىيە قاتارلىق ئەۋزەللىكلەر 2-دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن خەلقئارا سىستېمىدىكى دۆلەتلەرنىڭ ئارزۇسىغا ئايلانغان. بىراق ھازىر خىتاي بۇرنىنى تىقىپ، بىزنىڭ بۇ پرىنسىپ ۋە ئۆلچەملىرىمىزنى قالايمىقان قىلىۋەتتى. سۇڭا، ئۇنى ئولىمپىك بىلەن مۇكاپاتلاش بىر رەزىللىك. ئولىمپىكنى بايقۇت قىلىش پىكىرىگە قارىغاندا، ئۇنى ياپونىيەدەك كىشىلىك ھوقۇق، دېموكراتىيە ۋە بىز باغلىق بولغان ئولىمپىك روھىنى ئالغا سۈرۈش يولىدا ياخشى ئىشلارنى قىلىۋاتقان دۆلەتلەرگە يۆتكەش كۆپ ئەۋزەلدۇر.»
مەزكۇر قارار لايىھەسى ھەققىدە دۇنيادىكى 180 دەك ئاممىۋى تەشكىلات 3-فېۋرال بىرلەشمە ئىمزالىق ئوچۇق خەت ئېلان قىلىپ، ھەر قايسى ھۆكۈمەتلەرنى 2022-يىللىق بەيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىغا دىپلوماتىك بايقۇت ئېلان قىلىشقا چاقىرغان مەزگىلدە سۇنۇلدى. يوقىرىقى 180 تەشكىلات خېتىدە، بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى بايقۇت قىلماسلىق خىتاينىڭ ئەركىنلىك، كىشىلىك ھوقۇققا كۆز يۇمۇشىنى قوللىغانلىق بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. بۇ تەشكىلاتلار ئۆتكەن يىلى 10-ئايدا خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىغا خەت يېزىپ، بۇ ئورگاننى خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇققا ئەمەل قىلىشى، لاگېرلارنى تاقىشىنى تەلەپ قىلىشقا چاقىرغان ئىدى.
لېكىن ئۇلار بۈگۈنكى خېتىدە، خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ ھازىرغا قەدەر ئولىمپىك روھىغا ئەمەل قىلمىغانلىقى، بىراق ئۇنىڭ خاتالىقىنى تۈزۈتۈشىگە يەنىلا ۋاقىت بارلىقىنى بىلدۈرگەن. ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى يوقىرىقى خەتكە ئىمزا قويغان تەشكىلاتلارنىڭ بىرى. مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ پروگرامما دېرىكتورى پېتېر ئىرۋىڭ 3-فېۋرال زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، قىشلىق ئولىمپىكنىڭ بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلمەسلىكى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.
ئۇ مۇنداق دېدى: «2022-يىللىق قىشلىق ئولىمپىك خىتايدا ئۆتكۈزۈلمەسلىكى كېرەك. ئولىمپىكنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق ياكى ئىنسانىيەتكە قارشى جىانيەت سادىر قىلغانلىقى مۇنازىرە باسقۇچىدا تۇرغان، ھەتتا تېخى ئىرقىي قىرغىنچىلىق، دەپ بېكلىتىلمىگەن دۆلەتلەردىمۇ ئۆتكۈزۈشكە بولمايدۇ، ھازىرغۇ خىتاي ئىرقىي قىرغىنچىلىق سادىر قىلدى، دەپ بېكىتىلىپ، بۇ جەھەتتىكى سالاھىيىتىنى يوقاتتى، بۇنداق بېكىتىلمىگەن دۆلەتلەردىمۇ ئۆتكۈزمەسلىك كېرەك. بۇ ئەڭ ئەقەللىي چەك.»
بىراق پېتېر ئىرۋىڭنىڭ قارىشىچە، بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىغا بىر يىل قالغاندا ئۇنى باشقا دۆلەتكە يۆتكەشنى تەلەپ قىلىش بەك رېئال ئەمەس ئىكەن. ئۇ بۇنىڭغا قارىغاندا، بايقۇت قىلىشنىڭ رېئالىققا تېخىمۇ ئۇيغۇن ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. پېتېر ئىرۋىڭ مۇنداق دەيدۇ: «مۇسابىقىغا بىر يىل قالغاندا ئۇنى باشقا دۆلەتكە يۆتكەش مۈمكىنچىلىكى يوق. ئەتە ( 4-فېۋرال) 2022-يىللىق بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىكىگە نەق بىر يىل قالىدۇ. توكيو ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى كېچىكتۈرۈش خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى ئۈچۈن باش ئاغرىقى بولدى. قىشلىق ئولىمپىكنى بايقۇت قىلىش ئەڭ ياخشى چارە بولمىسىمۇ، بىراق ئۇنىڭ مۇمكىنچىلىكى بار.»
كېڭەش پالاتا ئەزالىرىنىڭ قارار لايىھەسىدە، ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ 19-يانۋار خىتاينىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان باشقا ئېتنىك، دىنىي ئاز سانلىق مىللەتلەرگە ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزگەنلىكىنى بېكىتكەنلىكى، ئەگەر خىتاي نېگىزلىك كىشىلىك ھوقۇققا كاپالەتلىك قىلىش جەھەتتە كۆرۈنەرلىك ئىلگىرلەش ھاسىل قىلمىسا، خەلقارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ 2022-يىللىق قىشلىق ئولىمپىكنى كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىدىغان باشقا بىر دۆلەتكە يۆتكىشى تەلەپ قىلىنغان.
قارار لاھىيەسىدە، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان ب ئاز سانلىق مىللەت ئاياللىرىغا مەجبۇرىي تۇغۇت كونترولى، تۇغماس قىلىش، بالا چۈشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، مۇسۇلمان نۇپۇسىنى ئازايتىش، ئۇيغۇر ئائىلىلىرىگە «خىتاي تۇغقان» لىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئۇلارنى نازارەت قىلىش، يولدىشى لاگېرلاردىكى ئۇيغۇر ئاياللىرىنى خىتاي ئەرلىرى بىلەن بىر كارىۋاتتا يېتىشقا زورلاش… قاتارلىق قىلمىشلارنى سادىر قىلغانلىقى تەكىتلەنگەن.
«كور ئانالىتىك تەتقىقات ئورنى» نىڭ مەسئۇلى ئاندېرېس كورنىڭ قەيت قىلىشىچە، خىتايدەك ئىرقىي قىرغىنچىلىق سادىر قىلىۋاتقان بىر دۆلەتنىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈشىگە يول قويۇش ئولىمپىك قوغداشقا تېگىشلىك بارلىق پرىنسىپلارغا خىلاپ ئىكەن. ئاندېرېس كور مۇنداق دېدى: «ئەگەر بىز خىتايدەك بىر دۆلەت ئىنسانىيەتكە قارشى تۇرۇش جىنايىتىنىڭ ئەڭ ئېغىر شېكلى بولغان ئىرقىي قىرغىنچىلىق سادىر قىلىۋاتقاندا، ئۇنىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈشىگە يول قويساق، بۇ ئولىمپىك قوغداشقا تېگىشلىك بولغان بارلىق پرىنسىپلارغا خىلاپلىق بولىدۇ. ئىرقىي قىرغىنچىلىق جەمئىيەت مەسىلىسى ياكى تەبرىكلەشكە تېگىشلىق نەرسە ئەمەس. بۇ ئىككىسىنى بىر يەرگە قويالمايسىز.»
كېڭەش پالاتا ئەزاسى رىك سكوت ئۆتكەن يىلى 3-ئايدا كېڭەش پالاتا ئەزاسى ئەد ماركەي بىلەن بىر قارار لايىھەسى تونۇشتۇرۇپ، خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنى 2021-يىلى 1-ئاينىڭ 22-كۈنىگە قەدەر تۈزۈتۈشىنى تەلەپ قىلغان. ئۇنىڭدا ئەگەر خىتاي شۇنىڭغا قەدەر ئۆزىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنى تۈزەتمىسە، خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى بىكار قىلىشى تەلەپ قىلىنغان ئىدى. رىك سكوت بۇ قېتىمقى قارار لايىھەسىنى بۇ سۈرۈك توشۇپ ئارقىدىنلا تونۇشتۇرغان.