ياۋروپا يەھۇدى ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسى 24-ئۆكتەبىر ئىسرائىلىيە ۋە ياۋروپانىڭ نۇرغۇن شەھەرلىرىدە «باشقا بىر مەشئەل يەتكۈزۈش» پائالىيىتى ئۆتكۈزۈپ، خەلقئارا جەمئىيەتنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئولىمپىكى» دەپ ئاتالغان خىتاينىڭ ساھىپخانلىقىدىكى 2022-يىللىق بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىكىنى بايقۇت قىلىشقا چاقىرغان. مەلۇم بولۇشىچە، بۇ پائالىيەت ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا قارشى «ئەمدى ھەرگىز قايتىلانمىسۇن» ھەرىكىتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىدىكى «خەلقئارا ھەرىكەت كۈنى» نىڭ پارچىسى سۈپىتىدە بىر تۇتاش پىلانلانغان بىر خىل پائالىيەت شەكلى ئىكەن.
24-ئۆكتەبىر كۈنى ياۋروپا يەھۇدى ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ ئەزالىرى بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىكىنىڭ مەشئېلىگە قارشى «باشقا بىر مەشئەل» كۆتۈرۈپ، ئىسرائىلىيەنىڭ تېل-ئاۋىف، ياۋروپانىڭ لوندون، پارىژ، بېرلىن، ميۇنخېن، بونن، بېريۇسسېل، جەنۋە، ۋېنا قاتارلىق شەھەرلىرىنىڭ كوچىلىرىدا كۈچ ئۇلاپ يۈگۈرگەن. لوندوندىكى مەشئەل يەتكۈزۈش پائالىيىتى ئەنگىلىيە پارلامېنتىنىڭ ئالدىدا ئاخرلاشقان. يەھۇدى ئوچۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسى ئېلان قىلغان بۇ ھەقتىكى باياناتىدا، بۇ پائالىيەت ئارقىلىق «ئولىمپىكنى قايتۇرۇۋېلىش، خىتاينىڭ ئۇيغۇر، تىبەت ۋە خوڭكوڭلىقلارغا قىلغان سىستېمىلىق زىيانكەشلىكىنى ئېچىپ بېرىشنى كۆزلىگەنلىكى» تەكىتلەنگەن.

«ئەمدى ھەرگىز قايتىلانمىسۇن» ھەركىتىنىڭ پائالىيەتچىسى، ياۋروپا يەھۇدى ئوقۇغۇچىلار ئىتتىپاقىنىڭ ئەنگىلىيەدە تۇرۇشلۇق مۇئاۋىن رەئىسى ئولاف ستاندو (Olaf Stando) نىڭ ئېيتىشىچە، «خىتاينىڭ ھەشەمەتلىك ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ قاراڭغۇ كۆلەڭگۈسىدە شۇ تاپتا سادىر قىلىۋاتقان ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايىتىنى يېپىشىقا يول قويۇلماسلىقى كېرەك» ئىكەن.
ئولاف ستاندو 26-ئۆكتەبىر بۇ ھەقتىكى زىيارىتىمىزنى قىلىپ، بۇ پائالىيەت ئارقىلىق دۇنياغا شۇ ئىككى سىگنالنى بەرمەكچى بولغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئولاف ستاندو مۇنداق دەيدۇ: «بەرمەكچى بولغان سىگنالىمىز ناھايىتى ئېنىق. بەرمەكچى بولغان 1-سگنالىمىز 2022-يىللىق قىشلىق ئولىمپىكنى بايقۇت قىلىش. بىز ئۇنى ‹ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئولىمپىكى› دەپ ئاتايمىز. خىتاي خەلقئارا جامائەت ئالدىدا ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلىۋاتىدۇ. خوڭكوڭلىقلارنى، تىبەتلەرنى جەنۇبىي موڭغۇللارنى جازالاۋاتىدۇ. بىزنىڭ دەيدىغىنىمىز، خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى پەردازلىشىغا يول قويمايلا قالماي، بەلكى ئۇنىڭ ئولىمپىكنى پايدىلىنىپ قىلمىشىنى ئۇلۇغۋارلاشتۇرۇشى، بۇنى خەلقئارا سەھىنىدە قانۇنلاشتۇرۇشىغا يول قويماسلىقتۇر.»
ئولاف ستاندونىڭ ئېيتىشىچە، ئۇلارنىڭ بەرمەكچى بولغان 2-سىگنالى يەھۇدى ياشلىرىغا چوڭ قىرغىنچىلىقنى خاتىرلىتىش، ئۇيغۇر، تىبەت ۋە خوڭكوڭلىقلار بىلەن ئىتتىپاقلىشىپ، خىتاينىڭ قىلمىشىغا ‹ياق! › دېيىش ئىكەن.
ئولاف ستاندو مۇنداق دېدى: «بەرمەكچى بولغان 2-سىگنالىمىز ئوخشىمىغان گۇرۇپپىلارنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، ئىرقىي قىرغىنچىلىق ‹ھەرگىز قايتىلانمىسۇن› دېيىش ئۈچۈندۇر. بۇ پائالىيەتنى بىز يەھۇدى ياشلار ئورۇنلاشتۇردۇق. چۈنكى، بىز يەھۇدى ياشلىرى چوڭ قىرغىنچىلىقنى بىۋاستە بېشىمىزدىن كەچۈرۈپ باقمىدۇق. بىراق بىزنىڭ ئەجداتلىرىمىز چوڭ قىرغىنچىلىقنى بېشىدىن كەچۈردى، نەچچە ئون يىللارغىچە جازالاشقا ئۇچرىدى. شۇڭا بىز ئۇيغۇرلار، تىبەتلەر، خوڭكوڭلىقلار بىلەن ئىتتىپاقلىشىپ، خىتاي بۇ ھەرىكىتىگە ‹ياق› دېگەن سىنالنى بەرمەكچى بولدۇق،» دېدى.
يەھۇدى ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ مەزكۇر پائالىيىتى خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى ئۆتكەن ھەپتە گرېتسىيەنىڭ ئولىمپىس تېغىدا ئولىمپىك مەشئىلى يېقىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپ، مەشئەلنى خىتاينىڭ 2022-يىللىق بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك ھەيئېتىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىشىنىڭ ئارقىسىدىنلا ئۆتكۈزۈلگەن. ئاخبارات يىغىنىدا خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى ئولىمپىك مەشئىلىنى ئۇيغۇرلارغا قارىتا «ئاكتىپ ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلىۋاتقان بىر دۆلەتكە ئۆتكۈزۈپ بېرىش» بىلەن ئەيىبلەنگەن ئىدى.
لوندوندىكى «باشقا بىر مەشئەل يەتكۈزۈش» پائالىيىتىگە قاتناشقان ئۇيغۇر پائالىيەتچى، د ئۇ ق نىڭ ئەنگلىيەدىكى ۋەكىلى رەھىمە ماھمۇت خانىم 26-ئۆكتەبىر زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، يەھۇدى ياشلىرىنىڭ بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىكىنى 1936-يىلدىكى بېرلىن ئولىمپىكىگە ئوخشىتىپ بۇ پائالىيەتنى ئۆتكۈزگەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇلار دۇنيا ئۆز ۋاقتىدا ناتسىستلارنى «قىرغىنچىلىق قىلىۋاتىدۇ» دەپ بېرلىن ئولىمپىكىگە قارشى تۇرغان بولسا، «بەلكىم كېيىنكى قىرغىنچىلىقنى توختىتىپ قېلىش ئىمكانىيىتى بولغان بولاتتى،» دەپ قارايدىكەن.
رەھىمە مەھمۇت يەنە بۇ پائالىيەتنىڭ ناھايىتى ئۈنۈملۈك بولغانلىقى، ئۇنىڭ ياشلارنى ئۇيغۇرلارنى قۇتقۇزۇشقا جەلپ قىلىش، بولۇپمۇ ئىسرائىلىيە ۋە ئاۋسترىيەدەك ئۇيغۇر مەسىلىسى «ئانچە بەك ئاكتىپ بولمىغان» دۆلەتلەردە ياشلارنى قوزغاش، ئۇلار ئارقىلىق بۇ دۆلەتلەرنىڭ سىياسىتىگە تەسىر قىلىپ، خىتايغا تۇتقان سىياسىتىنى ئۆزگەرتىشىگە پايدىلىق بولدى، دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
خىتاي بۇ قېتىم قىشلىق ئولىمپىك مەشئىلىنى 2008-يىلىدىكى بېيجىڭ يازلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىدە قىلغاندەك ھەر قايسى دۆلەتلەردە ئايلاندۇرۇش پىلانىدىن ۋاز كۈچكەن. خىتاينىڭ 2008-يىلىدىكى ئولىمپىك مەشئىلىنى يەتكۈزۈش پائالىيىتى بەزى دۆلەتلەردە تىبەت ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ قاتتىق قارشىلىقىغا ئۇچرىغان بولسىمۇ، بىراق ئەينى ۋاقىتتا ئۇنىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسى ھازىرقىدەك ئۇنداق كەڭ كۆلەملىك لەنەتكە قالمىغان ئىدى.
ئولاف ستاندو، ياۋروپا دۆلەتلىرىدىكى نارازىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ خىتاينى قورقۇتقانلىقى، شۇڭا ئۇنىڭ قىشلىق ئولىمپىك مەشئىلىنى كۈچ ئۇلاپ يەتكۈزۈشكە جۈرئەت قىلالمىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىكىگە قارشى تۇرۇشنىڭ ئەڭ ئۈنۈملۈك يولى ئۇنى دىپلوماتىك بايقۇت قىلىش ئىكەن.
ئۇ مۇنددق دەيدۇ: «مېنىڭ پەرىزىمچە، خىتاي نارازىلىق ھەرىكەتلىرىدىن قورقتى. بىزنىڭكىدەك نارازىلىق ھەرىكەتلەردىن، ئولىمپىيەدە بولغاندەك نارازىلىق ھەرىكەتلىرىدىن قورقتى. مانا بۇ ئۇنىڭ ئولىمپىك مەشئىلىنى ياۋروپادا يەتكۈزۈشكە جۈرئەت قىلالماسلىقىدىكى سەۋەب. ئەگەر ئۇ شۇنداق قىلغان بولسا، قاتتىق قارشىلىققا ئۇچرايتتى. خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىغا كەلسەك، ئۇنىڭ كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى ئەمەسلىكى، ھوقۇقىنىڭ چەكلىك ئىكەنلىكىنى چۈشىنىمەن. بىراق خەلقئارا جامائەت قىلالايدىغان ئەڭ ئۈنۈملۈك چارە دۆلەتلەرنىڭ ئۇنى دىپلوماتىك بايقۇت قىلىشىدۇر. بىزنىڭ پارلامېنتىمىز كىشىلىك ھوقۇقنى، ئىرقىي قىرغىنچىلىق بولغانلىقىنى سۆزلىدى. بىراق ئۇلار ھەرىكەت قىلىشى، ئۇنىڭغا ئەمەلدارلارنى ۋە مىنىستىرلارنى ئەۋەتمەسلىكى، ئۇنىڭدىن پايدا ئالماسلىقى كېرەك.»
ياۋروپا يەھۇدى ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ باياناتىدا تەكىتلىشىچە، خەلقئارا جەمئىيەت خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى نورماللاشتۇرۇشىغا يول قويماسلىقى كېرەك ئىكەن.
ئاۋسترىيە يەھۇدى ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ قوش رەئىسى ساشى تۈركوف مۇنداق دىگەن: «خىتاي دۆلىتىنىڭ ئاخبارات ۋە دىپلوماتىك ماشىنىسى دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدا پەرۋاسىزلىققا ئاكتىپ ياردەم بېرىپ، ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئاقلىماقچى بولۇۋاتىدۇ. بىراق دۇنيا بۇنى كۆزەتمەكتە. بىز بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىغا كۈن ساناۋاتقان بىر پەيتتە، ‹ھەرگىز قايتىلانمىسۇن› دېگەن سۆز ئۆز مەنىسىنى تېپىشى لازىم. خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى نورماللاشتۇرۇشىغا يول قويۇلماسلىقى كېرەك. خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئويغىنىش ۋاقتى كەلدى. بىز ئېنىق ۋە ئوچۇق بىر چاقىرىق بىلەن مەشئەل يەتكۈزۈش پائالىيىتىمىزنى ئۆتكۈزۈۋاتىمىز: ئەمدى دىپلوماتىك بايقۇت قىلىدىغان پەيت كەلدى!»