دوكتور يازېجى: ئۇيغۇرلارغا كىملىكلىرىنى ئۇنتۇش ئۈچۈن بېسىم قىلىنىۋاتىدۇ

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئارسلان
2019.09.11
olisi-yazeji-turkiye.jpg ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن ئىستانبۇل توپكاپىدىكى فاتىھ سۇلتان مەھمەت ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ يىغىن زالىدا ئېچىلغان يىغىندا ئالبانىيەلىك تەتقىقاتچى دوكتور ئولىسى يازېجى سۆزلىمەكتە. 2019-يىلى 6-سېنتەبىر، تۈركىيە.
RFA/Arslan

ئالبانىيەلىك تەتقىقاتچى دوكتور ئولىسى يازېجى ئەپەندى ئىستانبۇلدا ئېچىلغان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى جازا لاگېرلىرىنى زىيارەت قىلغاندىن كېيىنكى كۆز قاراشلىرىنى ئىپادىلەپ، «خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى قاماپ، قورقۇتۇپ كىملىكلىرىنى ئۇنتۇشقا ۋە كۈچلىنىپ ئوتتۇرىغا چىقىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئۇلارنى بېسىم ئاستىغا ئېلىشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى كۆردۈم»، دېدى.

ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن، 6-سېنتەبىر كۈنى ئىستانبۇل توپكاپىدىكى فاتىھ سۇلتان مەھمەت ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ يىغىن زالىدا، «شەرقىي تۈركىستاندىكى ئاتالمىش تەربىيەلەش مەركەزلىرىنىڭ ماھىيىتى» دېگەن تېمىدا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى. يىغىندا، خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى جازا لاگېرلىرىنى زىيارەت قىلىپ كەلگەن ئالبانىيەلىك تەتقىقاتچى دوكتور ئولىسى يازېجى، خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرىنى زىيارەت قىلغاندا كۆرگەن ۋە ھېس قىلغان چۈشەنچىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى ۋە خىتاينىڭ زۇلۇمىغا شاھىتلىق قىلىپ سۆز قىلدى.

يىغىنغا ئاناتولىيە ئاگېنتلىقى، ت گ ر ت تېلېۋىزىيە قانىلى، قارار گېزىتى، ARD گېرمانىيە تېلېۋىزىيەسى ۋە ئەل جەزىرە تېلېۋىزىيەسى قاتارلىق ئاخبارات ئورگانلىرىنىڭ مۇخبىرلىرى كەلدى ۋە دوكتور ئولىسى يازېجىنى ئايرىم-ئايرىم زىيارەت قىلدى.

يىغىندا ئالدى بىلەن ئىستىقلال مارشى ئوقۇلغاندىن كېيىن ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ رەئىسى، پروفېسسور ئالىمجان ئىنايەت ئېچىلىش سۆزى قىلدى.

پروفېسسور ئالىمجان ئىنايەت، دوكتور ئولىسى يازېجىنىڭ تۈركىيەگە كەلگەنلىكىنىڭ ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «ھازىرغىچە خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇرلارغا ھەر خىل جىنايەتلەرنى ئارتىپ ئۈچ يىلدىن بۇيان قاماقتا تۇتۇۋاتىدۇ. ئۇلار ھەر تۈرلۈك قىيىن-قىستاققا ئۇچراۋاتىدۇ. ھازىرغىچە بۇ ھەقىقەتلەر كۆپ ئاڭلىتىلمىدى. خىتاي ئۆزلىرى ئۈچۈن پايدىلىق خەۋەر ئىشلەيدىغانلىقىغا ئىشەنگەن دۆلەتلەرنىڭ مۇخبىرلىرىنى خىتايغا دەۋەت قىلدى. ئالدىن تەييارلانغان ياسالما لاگېرلار مۇخبىرلارغا كۆرسىتىلدى. مۇخبىرلار ناھايىتى ياخشى قارشى ئېلىنغان، مېھماندوستلۇق كۆرسىتىلگەن، سەنئەت نومۇرلار قويۇلغان. ئەمما ۋىجدانلىق بەزى مۇخبىرلار خىتاينىڭ ئارزۇسى بويىچە خەۋەر يېزىشقا قارشى چىقتى».

پروفېسسور ئالىمجان ئىنايەت سۆزىدە يەنە دوكتور ئولىسى يازېجىنىڭ خىتاي زىيارىتى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: «يازېجى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن قۇرغان ئاتالمىش تەربىيەلەش مەركەزلىرىنى، تەربىيەلەش مەركىزى ئەمەس جازا لاگېرى ئىكەنلىكىگە، ئىنسانلارنىڭ قىيىن-قىستاققا ئۇچرىغانلىقىغا شاھىت بولدى. لاگېردىكى ئۇيغۇرلارغا ئىلگىرى مەجبۇرىي يادلاتتۇرۇلغان تېكىستلەرنىڭ ئوقۇتۇلىدىغىنى، ھەممە ئىشنىڭ بىر سېنارىيەدىن ئىبارەت ئىكەنلىكىنى دېدى. ئۇ بۇلارنى ۋىدىيوغا ئېلىپ ئىسپاتلىدى. شۇنىڭ بىلەن دۇنيا بۇ مۇخبىرنىڭ كۆزى ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستاندىكى ۋەزىيەتنى بىلگەن بولدى».

تەتقىقاتچى دوكتور ئولىسى يازېجى ئەپەندى ئۇيغۇرلارغا ئالاقىدار ھەقىقەتنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈش ئۈچۈن خىتاي تەرىپىدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان پائالىيەتكە بىر مۇخبىر بولۇش سۈپىتى بىلەن قاتناشقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى قاماپ، قورقۇتۇپ كىملىكلىرىنى ئۇنتۇشقا ۋە كۈچلىنىپ ئوتتۇرىغا چىقىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئۇلارنى بېسىم ئاستىغا ئېلىشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى كۆردۈم. ئۇيغۇرلارنىڭ تەسىرلىرىنىڭ يوقىلىشى ئۈچۈن بەك سىستېمىلىق بىر شەكىلدە ئىجرا قىلىنىۋاتقان ئاسسىمىلياتسىيە سىياسەتلىرىنى كۆرگەن بولدۇق»

ئۇ يەردە كۆرگەنلىرىگە ھەيران قالغانلىقىنى ئىپادىلىگەن دوكتور ئولىسى يازېجى ئەپەندى: «ئۇ يەردىكى ناھەقچىلىكنى كۆرۈپ كۆزلىرىمگە ئىشەنمەي قالدىم، ساراڭ بولاي دېدىم، بەك تەسىرگە ئۇچرىدىم، بۇ ھادىسىلەردىن 21-ئەسىردىكى بۈگۈنكى كۈندە ئىنسانلارنىڭ ھازىرمۇ قۇلغا ئوخشاش لاگېرلارغا تاشلانغانلىقىنى ۋە قامالغانلىقىنى كۆرۈشنى كۈتمىگەن ئىدىم».

دوكتور ئولىسى يازېجى ئەپەندى، مۇسۇلمان دۆلەتلەرنىڭ خىتايغا بېسىم قىلىشى كېرەكلىكىنى ئىپادىلىدى، بىراق ئۆزىنىڭ ئۇلاردىن ئۈمىد كۈتمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

دوكتور ئولىسى يازېجى ئەپەندى، لاگېردا كۆرگەنلىرىنىڭ ئۆزىدە چوڭقۇر ئىز قالدۇرغانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «لاگېردا ئۇچراشقان بىر مۇسۇلمانغا ئەسسالامۇئەلەيكۇم دېدىم. خىتايچە مەرھابا دېدى. ئەسسالامۇئەلەيكۇم دېگەن ئىپادىنىمۇ ئاغزىدىن چىقىرالمايدۇ. پەقەتلا خىتايچە سۆزلىشىدۇ. ئۇ يەردىكى ئىنسانلارغا مايمۇنغا ئوخشاش مۇئامىلە قىلىنىدىكەن».

ئولىسى يازېجى ئەپەندى يىغىندا ئىنگلىزچە سۆز قىلغان بولۇپ، ئۇنىڭ سۆزلىرىنى ئىستانبۇلدىكى ساباھاددىن زائىم ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى دوكتور بۇرھان سېتى تەرجىمە قىلىپ ئۆتتى.

يىغىن ئاخىرىدا دوكتور ئولىسى يازېجى ئەپەندىگە ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى تەرىپىدىن تون چاپان كىيدۈرۈلدى ۋە گۈل-چېچەك تەقدىم قىلىندى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.