لاگەر شاھىتى ئۆمەر بېكەلىنىڭ ئايالى روشەنگۈل تاشمەمەتنىڭ ئوغلى ۋە ئىنىسى ئائىلىسى بويىچە لاگېرلارغا قاماقلىق ئىكەن.
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ لاگېرلىرىنىڭ ئىچكى ئەھۋالىنى دۇنياغا ئاشكارىلىغان پائالىيەتچى ئۆمەربەك ئېلىنىڭ ئايالى روشەنگۈل خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، قازاقىستان پۇقراسى بولغان ئېرى ئۆمەر بەكئەلى 2017-يىلى لاگېرغا قامالغاندىن كېيىن ئۇزۇن مەزگىللىك سۈرۈشتۈرۈش نەتىجىسىدە 2018-يىلى لاگېردىن قويۇپ بېرىلىپ قازاقىستانغا قايتۇرۇلغان بولسىمۇ، ئەمما ئۆمەر بېكئەلى بىلەن ئوخشاش مەزگىلدە تۇتقۇن قىلىنغان ئوغلى ئېلى تاشمۇمەت ۋە ئىنىسى شىرمۇھۇھەممەت ئائىلىسى بويىچە ئىككى يىلدىن بۇيان لاگېرلارغا قاماقلىق ئىكەن، شۇنىڭدەك ئۇنىڭ غۇلجىدا بېقىمسىز قالغان ياشانغان ئانىسىنىڭ ئەھۋالىمۇ مەلۇم ئەمەس ئىكەن. ئۆمەر بېكەلى ئەپەندىمۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، «بۇ ئائىلىنىڭ بېشىغا كەلگەن ئېغىر قىسمەتلەر پۈتكۈل شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ بېشىغا كەلگەن ئورتاق پاجىئە» دەپ تەكىتلىدى.
27-ماي رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان روشەنگۈل خانىمنىڭ بايانلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، 2017-يىل 4-ئاي مەزگىلىدە ئۇ خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن لاگېرغا قامالغان ئېرى ئۆمەربەك ئېلىنىڭ ئەھۋالىنى سۈرۈشتۈرگەن مەزگىلدە يۇرتى غۇلجا شەرھىدىكى ئانىسى پاتىگۈل ئەمەتكە تېلېفون قىلىش ئارقىلىق، 24 ياشلىق ئوغلى ئېلى تاشمۇمەت كېلىنى سەلىمە، ئىنىسى شىرمۇھەممەت تاشمەمەت ئايالى ئابىدە قاتارلىقلارنىڭ ئائىلە بويىچە بالىلىرى بىلەن لاگېرغا ئېلىپ كېتىلگەنلىك خەۋىرىنى ئالغان.
روشەنگۈل خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئەينى چاغدا ئوغلى ئېلىنىڭ 4 يېرىم ياشلىق قىزى سۇمەييە، 2 ياشلىق ئوغلى ئابدۇللامۇ دائىرىلەر تەرىپىدىن ئېلىپ كېتىلگەن بولۇپ، ئىككى يىلدىن بۇيان روشەنگۈل خانىم سۈرۈشتۈرگەن بولسىمۇ ئىككى نەۋرىسىنىڭ دېرىكىنى ئالالمىغان.
روشەنگۈل خانىمنىڭ ئانىسىنىڭ 2017-يىلى 4-ئاينىڭ ئاخىرى ئۇنىڭغا بىلدۈرۈشىچە، ئىنىسى شىرمۇھەممەتنىڭ ئۈچ بالىسىمۇ ئەيينى چاغدا ئاتا-ئانىسى بىلەن بىرلىكتە تۇتقۇن قىلىنىپ لاگېرغا قامالغان. ئەينى چاغدا ئۇلارنىڭ چوڭ قىزى خەدىچە 18 ياشتا، ئوغلى خالىت 16 ياشتا، كىچىك ئوغلى مۇجاھىت 14 ياشتا ئىكەن.
روشەنگۈل خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 2017-يىلى 4-ئايدىن كېيىن روشەنگۈل خانىمنىڭ غۇلجىدىكى ئانىسى پاتىگۈل ئەمەت بىلەن بولغان ئالاقىسى ئۈزۈلۈپ قالغان. ئىلگىرى ئىنىسى شىرمۇھەممەت ۋە ئوغلى ئېلىنىڭ بېقىشىدا بولغان 70 ياشلارغا كىرىپ قالغان ئانىسىنىڭ نۆۋەتتە بېقىمسىز قالغان ئەھۋالى روشەنگۈل خانىمنى ئەڭ ئەنسىرىتىۋاتقان ۋە ئازابلايدىغان ئەھۋاللارنىڭ بىرى ئىكەن.
بۈگۈن ئۆمەربەك ئېلى ئەپەندىمۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ پىچاندىكى ئائىلىسى ۋە ئايالى روشەنگۈلنىڭ غۇلجىدىكى ئائىلىسىنىڭ بېشىغا كەلگەن ئېغىر قىسمەتلەرنىڭ پۈتكۈل شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ بېشىغا كەلگەن ئورتاق پاجىئە» ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.
ئۆمەربەك ئېلىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ 2018-يىلى خىتاينىڭ لاگىرىدىن ئازاد بولۇپ، قازاقىستانغا كەلگەندىن كېيىن، خىتاينىڭ لاگېرلىرىنىڭ ئىچكى ئەھۋالىنى دۇنياغا ئاشكارىلىغانلىقى ئۈچۈن، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بىۋاسىتە تەھدىتى ۋە ئۆچ ئېلىشىغا ئۇچرىغان.
دائىرىلەر ئۇنىڭ ئايالى روشەنگۈلنىڭ غۇلجىدىكى ئوغلى ئېلى تاشمۇھەممەت ۋە ئىنىسى شىرمۇھەممەتلەرنى ئائىلە بويىچە لاگېرغا قامىغاندىن باشقا ئۆمەربەك ئېلىنىڭ پىچاندىكى ئاتا-ئانىسى ۋە قېرىنداشلىرىغا زىيانكەشلىك قىلىشنى توختاتمىغان.
ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇلتۇر يەنى 2018-يىلى9-ئاينىڭ 18-كۈنى قازاقىستاندىن ئايالى روشەنگۈل ۋە بالىلىرىنى تۈركىيەگە ئېلىپ كېلىش سەپىرىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يالغان مەلۇماتى سەۋەبلىك ئايالى روشەنگۈل ئىستانبۇل ئايروپورتىدا 24 سائەت توسۇپ قېلىنغان. شۇ مەزگىلدە خىتاي ساقچىلىرى ئۇنىڭغا تەھدىت تېلىفونى قىلىپ، لاگىرلار ئەھۋالىنى داۋاملىق ئاشكارىلاشنى توختاتمىسا ئۆچ ئالىدىغانلىقىنى ئېيتقان. بىر ئايدىن كېيىن يەنى بۇلتۇر 10-ئاي مەزگىلىدە پىچاندىكى دادىسى ئېلى ئەبۇبەكرىنىڭ لاگىردا ئۆلگەنلىك خەۋىرىنى ئاڭلىغان. شۇندىن بۇيان ئۆمەربەك ئېلى پىچاندىكى ئانىسى ئامىنىخان سادىق، قېرىنداشلىرىدىن ئابدۇراخمان ئەبۇبەكرى، ئىنىسى ئوسمان ئەبۇبەكرى، سىڭىللىرىدىن رىزۋانگۈل، ئادىلە قاتارلىقلارنىڭ ئەھۋالىدىن خەۋەر ئالالمىغان.
يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن سۆھبەتنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.
0:00 / 0:00