10-سېنتەبىردىكى «ئوقۇتقۇچىلار بايرىمى» دا تۇتقۇندىكى ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلار ئەسلەپ ئۆتۈلدى

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز مېھرىبان تەييارلىدى
2024.09.12
uyghur-ziyaliy-oqutquchi
Photo: RFA

بۇ يىل 10-سېنتەبىر كۈنى خىتاينىڭ ھەرقايسى ئۆلكە-شەھەرلىرىدە 1984-يىلدىن بۇيان تەبرىكلىنىپ كېلىۋاتقان «ئوقۇتقۇچىلار بايرىمى» نىڭ 40 يىللىقى داغدۇغىلىق تەبرىكلەنگەن. خىتاي خەۋەرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، 9-سېنتەبىر كۈنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە ھۆكۈمەت نامىدا مەخسۇس بايانات ئېلان قىلىنىپ، «10-سېنتەبىر ئوقۇتقۇچىلار بايرىمى» تەبرىكلەنگەن. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا «شىنجاڭغا ياردەم» نامىدا كەلگەن خىتاي ئوقۇتقۇچىلىرىنى ئاساس قىلغان ھالدا ئاتالمىش «مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچىلار» نى مۇكاپاتلاش يىغىنلىرى ئېچىلغان. 10-سېنتەبىر كۈنى يەنە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرېتارى ما شىڭرۇينىڭ باشچىلىقىدىكى بىر قىسىم ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىدىن تەشكىللەنگەن ئۆمەك «شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتى» ۋە «سانجى ئىنستىتۇتى» غا بېرىپ، ئوقۇتقۇچىلاردىن ھال سورىغان.

ما شىڭرۇي «ئوقۇتقۇچىلار بايرىمى» نى تەبرىكلەش مۇناسىۋىتى بىلەن قىلغان سۆزىدە، مائارىپنىڭ «شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى ۋە تەرەققىياتىدىكى مۇھىم رولى» نى ئالاھىدە ئالاھىدە تەكىتلەپ ئۆتكەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنىڭ «شىنجاڭ مائارىپىنى يۇقىرى سۈپەت بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇش» تا ئوينايدىغان رولى، شۇنداقلا ئوقۇتقۇچى بايلىقىنى تەربىيەلەش ۋە تەقسىملەشتىكى تەڭپۇڭلۇقنى ياخشى ساقلاشنى تەلەپ قىلغان.

ھالبۇكى، 2000-يىللاردىن كېيىن «قوش تىللىق ئوقۇتۇش» نامىدا خىتايچە مائارىپ بارغانچە كۈچەيتىلىۋاتقان ئۇيغۇر ئېلىدە 2017-يىلى 8-ئايدىن باشلاپ، تاق تىللىق يەنى خىتاي تىللىق مائارىپ ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇلۇشقا باشلىغان. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، يەسلىدىن تارتىپ باشلانغۇچ-ئوتتۇرا مەكتەپلەرگىچە بولغان مەجبۇرىي مائارىپ، شۇنداقلا ئالىي مائارىپ پۈتۈنلەي خىتايچە ئۆتۈلىدىغان بولغان. شۇنىڭدىن بۇيان «ئۇيغۇر تىلى مائارىپى» پۈتۈنلەي ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان. بۇ جەرياندا ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلارنى كۈتۈپ تۇرغان قىسمەت، ما شىڭرۇي تىلغا ئالغان «ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كەسپىي ئىززەت-ھۆرمىتى ۋە قانۇنلۇق ھوقۇقى ۋە مەنپەئەتىنى قوغداش» بولماستىن، بەلكى تەجرىبىلىك پېشقەدەم ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلارنى تۈركۈم-تۈركۈملەپ مائارىپ سېپىدىن شاللاپ چىقىرىش، ھەتتا تۈرمە-لاگېرلارغا قاماشتەك ئېچىنىشلىق قىسمەت بولغان.

نۆۋەتتە چەت ئەللەردە ياشاۋاتقان بىر قىسىم ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلارنىڭ رادىيومىزغا بىلدۈرۈشىچە، ئۇلار ئۈچۈن «10-سېنتەبىر ئوقۇتقۇچىلار بايرىمى» تۇتقۇندىكى ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلارنى، يەنى ئىلگىرىكى خىزمەتداشلىرىنى سېغىنىش ئىچىدە ئەسلەيدىغان مۇسىبەتلىك بىر كۈنگە ئايلانغان.

نۆۋەتتە گوللاندىيەدە ياشاۋاتقان لاگېر شاھىتلىرىدىن قەلبىنۇر سىدىق خانىم ئىلگىرى ئۈرۈمچىدە مەلۇم باشلانغۇچ مەكتەپتە ئۇزۇن يىل ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان ئىكەن. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھەر يىلى خىتايدا تەبرىكلىنىدىغان «10-سېنتەبىر ئوقۇتقۇچىلار بايرىمى» كۈنىدە، ئۇ 2017-يىلدىن كېيىن تۇتقۇن قىلىنغان ۋە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان خىزمەتداشلىرىنى، شۇنداقلا ھازىرغىچە تۈرمە ئازابى چېكىۋاتقان بارلىق ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلارنى ھەسرەت بىلەن ئەسلەيدىكەن.

ئامېرىكادا ياشاۋاتقان مېھراي مەمتىلى خانىم، چەت ئەلگە چىقىشتىن ئىلگىرى «شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى» نىڭ فىلولوگىيە ئىنستىتۇتى بىلەن ئاخبارات ۋە تاراتقۇ ئىلمى ئىنستىتۇتىدا بىر مەزگىل ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان. ئۇ كېيىنكى مەزگىللەردە پەيدىنپەي ۋەيران قىلىنغان ئۇيغۇر مائارىپىدا، بولۇپمۇ 2017-يىلىدىن بۇيانقى چوڭ تۇتقۇندا ئالىي مەكتەپلەردىكى ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئاساسلىق زەربە بېرىش ۋە يوقىتىش ئوبيېكتى قىلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ، «شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى» دىكى ئۇستازى پىروفېسسور ئابدۇكېرىم راخماننىڭ 80 ياشقا كىرگەندە لاگېرغا قامالغانلىقى ۋە قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن سالامەتلىكى ئەسلىگە كېلەلمەي ۋاپات بولغانلىقى؛ فىلولوگىيە ئىنستىتۇتىنىڭ مۇدىرى، تىلشۇناس ئارسلان ئابدۇللا، ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتى كەسپىنىڭ پىروفېسسورى غەيرەتجان ئوسمان قاتارلىق كۆپلىگەن ئوقۇتقۇچىلارنىڭ دەسلەپ لاگېرغا قامالغانلىقى، كېيىنچە ئۇزۇن يىللىق قاماق جازالىرىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقى؛ ئۇيغۇر فولكلورى ۋە مازار مەدەنىيىتى تەتقىقاتچىسى راھىلە داۋۇتنىڭ يوقىلاڭ باھانىلەر بىلەن ئۆمۈرلۈك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقىنى ئېچىنىش ئىچىدە تىلغا ئېلىپ ئۆتتى.

راھىلە داۋۇتنىڭ چەت ئەللەردىكى ئوقۇغۇچىلىرى ۋە دوستلىرى تۈرلۈك ئۇسۇللار بىلەن ئۇنىڭغا ۋە باشقا تۇتقۇندىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىغا ئەركىنلىك تەلەپ قىلىپ كەلمەكتە. بۇ يىل 10-سېنتەبىر كۈنى راھىلە داۋۇتنىڭ بىر قىسىم ئوقۇغۇچىلىرى، چەت ئەللەردىكى ئىجتىمائىي ئالاقە مۇنبەرلىرىدە راھىلە داۋۇتنى سېغىنىش ئىچىدە ئەسلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشكەن.

پىروفېسسور راھىلە داۋۇتنىڭ ئامېرىكادىكى قىزى ئەقىدە پولاتمۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئاپىسىنى چوڭقۇر سېغىنىش ئىچىدە ئەسلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ ھەر يىلىدىكى «10-سېنتەبىر ئوقۇتقۇچىلار بايرىمى» دا ئاپىسى راھىلە داۋۇتنىڭ ئۆز ئوقۇغۇچىلىرى بىلەن «ئوقۇتقۇچىلار بايرىمى» نى بىللە ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتتى.

ئامېرىكانىڭ ۋېرگىنىيە ئىشتاتى فايرفاكىس شەھىرىدىكى «مېھرىبان ئانا» ئۇيغۇر تىلى مەكتىپىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى ۋە ئىلمىي مۇدىرى روشەن خەمىتمۇ بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى.

ئۇ، «مائارىپقا ئەھمىيەت بېرىش» نى تەكىتلەۋاتقان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ گەرچە ھەر يىلى دېگۈدەك ئاتالمىش «10-سېنتەبىر ئوقۇتقۇچىلار بايرىمى» نى داغدۇغا بىلەن تەبرىكلەۋاتقان، ئوقۇتقۇچىلارنى «ھۆرمەت قىلىش» نى تەكىتلەۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇر مىللىي مائارىپىنى يوقىتىش، ئۇنىڭ ئورنىغا «دۆلەت تىلى مائارىپى» نامىدىكى خىتاي مائارىپىنى ئومۇملاشتۇرۇشقا ئۇرۇنۇپ كەلگەنلىكى، ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئەڭ ئېغىر زەربە نىشانى بولۇپ كەلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

روشەن خانىم سۆزىدە خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر مائارىپىنى پۈتۈنلەي يوقىتىش ۋە ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلارغا زەربە بېرىشنى نىشان قىلىۋاتقان بۇ ئېغىر ۋەزىيەتتە غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرى ھۆكۈمەتلىرىنىڭ بۇ مەسىلىگە جىددىي كۆڭۈل بۆلۈشى ۋە مۇناسىپ تەدبىر قوللىنىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ ئۆتتى. ئۇ يەنە خىتاينىڭ قىرغىنچىلىقىدىن قۇتۇلۇپ، چەت ئەللەرگە چىقالىغان بىر قىسىم ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مۇھاجىرەتتە ئۇيغۇر ئانا تىلى مائارىپىنى ساقلاپ قېلىشتىكى تايانچ كۈچلەر ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.