1989-يىلىدىكى «4-ئىيۇن تىيەنئەنمىن ئوقۇغۇچىلار ھەركىتى» ۋە ئۆركەش دۆلەت
2021.06.04

1989-يىلى خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن قانلىق رەۋىشتە باستۇرۇلغان «4-ئىيۇن تىيەنئەنمىن ئوقۇغۇچىلار ھەركىتى» گە بۇ يىل 32 يىل بولدى.
ئەينى ۋاقىتتا بېيجىڭدا قوزغالغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ دېموكراتىيەنى تەلەپ قىلىش ھەركىتى خىتاي ھۆكۈمىتى دۆلەت ئىچىدە ماۋزېدوڭ دەۋرىدىكى 10 يىلغا سوزۇلغان سىياسىي كۈرەشلەرگە ۋە تاشقىي سىياسىتىدىكى بېكىنمىچىلىككە خاتىمە بەرگەن، سىياسىي ئاتموسفېرا بىر مەھەل بوشىغان، ئىقتىسادىي جەھەتتە ئىسلاھات ۋە ئېچىۋېتىش تەدبىرلىرى يولغا قويۇلغان بىر مەزگىلدە يۈز بەرگەن ئىدى.
مەزكۇر ھەرىكەتكە 32 يىل بولغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ ئۇيغۇر مىللىتىدىن بولغان يېتەكچىسى ئۆركەش دۆلەتنىڭ «4-ئىيۇن تىيەنەنمىن ئوقۇغۇچىلار ھەركىتى» دە ئوينىغان باشلامچىلىق رولى ھېلىھەم ئۇنتۇلۇپ كەتكىنى يوق. ئۇنىڭ ئەينى چاغدا ئوقۇغۇچىلارغا ۋاكالىتەن خىتاي باش مىنىستېرى لى پىڭ بىلەن بولغان سۆھبەتتىكى جاسارىتى ھەر يىلى ئۆتكۈزۈلىدىغان «4-ئىيۇن تىيەنئەنمىن ئوقۇغۇچىلار ھەركىتى» نى خاتىرلەش پائالىيەتلىرىدە تىلغا ئېلىنىدىغان مۇھىم مەزمۇنلىرىدىن بىرى بولۇپ كەلمەكتە.
29-ماي كۈنى نيۇ-يوركتىكى «مىنجىڭ» خەۋەرلەر تورىدا، 1989-يىلىدىكى خىتاي ئوقۇغۇچىلار ھەركىتىنىڭ باشلامچىلىرىدىن بىرى بولغان زېڭ شۈگۇاڭ بىلەن مەزكۇر ھەرىكەتنىڭ داھىسى ئۆركەش دۆلەتنىڭ رىياسەتچىلىكىدە «89-يىلى مەن باشتىن كەچۈرگەن دېموكراتىيە ھەركىتى» نامىدا ئىككى يېرىم سائەت داۋاملاشقان سۆھبەتنىڭ تەپسىلاتى ئېلان قىلىنغان.
مەزكۇر سۆھبەت ئەينى ۋاقىتتا ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىنىڭ نېمە سەۋەبتىن باشلانغانلىقى ۋە بېيجىڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ شۇ چاغدىكى 21 ياشلىق ئوقۇغۇچىسى ئۆركەش دۆلەتنىڭ قانداق شارائىتتا شۇ قېتىمقى ھەركەتنىڭ داھىيسىغا ئايلانغانلىقى، ئۆركەش دۆلەتنىڭ مەزكۇر ھەركەتتىكى باشلامچىلىق رولى ھەققىدىكى مەزمۇنلار بويىچە داۋاملاشقان.
ئۆركەش دۆلەت بۇ ھەقتە توختالغىنىدا، 1989-يىلى 15-ئاپرىل كۈنى خۇ ياۋباڭنىڭ ئۆلگەنلىك خەۋىرى تارقالغانلىقىنى، 17-ئاپرىل كېچىسى ئۆتكۈزۈلگەن ئوقۇغۇچىلار يىغىلىشىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ جازالىشىدىن قورقۇپ، نۇرغۇنلىغان ئوقۇغۇچىلار ئاشكارا سەھنىگە چىقىپ ئۆز نارازىلىقىنى ئىپادىلەشكە جۈرئەت قىلالمىغانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتكەن. ئۇ ئۆزىنىڭ شۇ ۋاقىتتا مەيدانغا ئورنىتىلغان قاتمۇ-قات سىن كامېرالىرى ۋە پۇقراچە كىيىنگەن ساقچىلارنىڭ قورشاۋى ئىچىدە بېيجىڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇغۇچىلىرىغا ۋاكالىتەن تۇنجى قېتىم «ئۆركەش دۆلەت» دېگەن ئىسمى بىلەن ئاشكارا ھالدا سەھنىگە چىقىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ دېموكراتىيە تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى ئەسلىمە قىلغان.
ئاندىن كىچىكىدىن مىللىي كەمسىتىشنى ھېس قىلىپ چوڭ بولغان ئۆزىنىڭ شۇ قېتىمقى ئوقۇغۇچىلارنىڭ دېموكراتىيە تەلەپ قىلىش ھەركىتى مەزگىلىدە ھەقىقىي مەنىدىكى دېموكراتىيە ۋە باراۋەرلىك كەيپىياتىنى ھىس قىلغانلىقىنى، بۇنىڭ ئەينى چاغدا ئۆزىگە زور ئىلھام بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئۆركەش دۆلەت مۇنداق دېگەن: «مەن بېيجىڭدا تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان بىر ئۇيغۇر ئەۋلادىمەن. راستنى ئېيتقاندا، مەن چوڭ بولغان خىتايدا خىتايلارنىڭ باشقىلارنى كەمسىتىش ئىللىتى ئىنتايىن ئېغىر ئىدى. ئۇلار ئادەتتە يامان غەرەز بىلەن باشقىلارنى كەمسىتكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلمايدۇ. ئەمما ئۇلارنىڭ ئاغزىدىن بۇ خىل كەمسىتىش غەرىزىدىكى سۆزلەر دائىم چىقىپ تۇرىدۇ. ئۇلار ئاغزىدا بىز ئۇيغۇرلارغا نىسبەتەن شۇنداق دوستانە ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەپ تۇرسىمۇ، ئەمما مىللەتچىلىك تېمىسىدا سۆز بولغىنىدا، ئارىمىزدىكى دوستلۇق كەيپىياتى ئۆزگىرەتتى، ئارىمىزدا بىر سىزىق پەيدا بولاتتى. شۇڭا مەن كىچىكىمدىنلا بۇ خىل ئۆتكۈر مىللىي كەمسىتىشنى ھېس قىلىپ چوڭ بولدۇم. ئەمما ئوقۇغۇچىلارنىڭ دېموكراتىيە تەلەپ قىلىش مەزگىلىدە بۇ خىل مىللىي كەمسىتىش كەيپىياتى پۈتۈنلەي يوقالدى دىسەممۇ بولىدۇ. بىز مەيداندا بىر بىرىمىزگە شۇ قەدەر يېقىن تۇردۇق. ئۇلار مېنى ‹كەيشى› دەپلا ئاتايتى. ئۇلار ئۆركەشنىڭ ئۇيغۇر ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالمايتى.»
ئۇ سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ يەنە مۇنداق دېگەن: «مەن شۇنى ھىس قىلالايتىمكى، ئەينى چاغدا ئۇلارنىڭ نەزەرىدە مەن پەقەت ‹ئۆركەش› ئىسىملىك بىر شەخس ئىدىم، خالاس. ئۇلارنىڭ نەزەرىدە مېنىڭ سۆز-ھەركىتىم، مېنىڭ ئىپادىلىگەن مەيدانىم، مېنىڭ تەشەببۇسلىرىم مۇھىم ئىدى. مېنىڭ مىللىتىمنىڭ ئۇيغۇر بولۇشى ئۇلار ئۈچۈن مۇھىم ئەمەس، يەنى ئىككىنچى بىر مەسىلە ئىدى.»
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ خىتاي ئىشلىرى مۇدىرى ئىلشات ھەسەن ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، 1989-يىلى يۈز بەرگەن «4-ئىيۇن تىيەنەنمىن ئوقۇغۇچىلار ھەركىتى» ۋە بۇ ھەركەتتە ئوقۇغۇچىلارنىڭ داھىيسىغا ئايلانغان ئۆركەش دۆلەتنىڭ مەزكۇر ھەركەتتىكى رولىغا يۇقۇرى باھا بەردى.
ئىلشات ھەسەن ئەپەندى ئاۋۋال ئۆركەش دۆلەتنىڭ ئەينى چاغدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ باش مىنىستېرى بولغان لى پىڭ بىلەن بولغان سۆھبەتتىكى جاسارىتى ھەققىدە توختالدى.
ئېلشات ھەسەن ببېيجىڭدىكى بىر ئۇيغۇر زىيالىيسى ئائىلىسىدە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان مىللىي كەمسىتىش سىياسىتىنى ئېنىق ھېس قىلىپ چوڭ بولغان ئۆركەش دۆلەتتە بۇنداق بىر جاسارەتنىڭ يېتىلىشى، ئۇنىڭ تومۇرىدا ئېقىۋاتقان ئۇيغۇر قېنى بىلەن مۇناسىۋەتلىك، دەپ تەكىتلىدى.
ئېلشات ھەسەن ئەپەندى يەنە 1989-يىلىدىكى خىتاي ئوقۇغۇچىلار ھەركىتىنىڭ خىتاي بۈگۈنكى زامان تارىخىدا بىر چوڭ سىلكىنىش پەيدا قىلغانلىقىنى، ئەمما بۇ ھەرىكەت يۈز بېرىپ ئارىدىن 32 يىل ئۆتكەن بۈگۈنكى كۈندە، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ مىللەتچىلىك تەشۋىقاتىنىڭ تەسىرىگە ئېغىر دەرىجىدە ئۇچرىغان يېڭى ئەۋلات خىتايلار ئارىسىدا باراۋەرلىك، دېموكراتىيە چوقانلىرىنىڭ ئورنىنى خىتايلارنىڭ كۈچىيىپ دۇنياغا خوجا بولۇشىنىلا كۆزلەيدىغان خىتاي شاۋۇنىزىم ئىدىيەسىنىڭ ئالغانلىقىنى ئەسكەرتىپ ئۆتتى.
ئۇنىڭ قارىشىچە، خىتايلاردا بارغانچە كۈچىيىۋاتقان بۇ خىل خىتاي مىللەتچىلىكى خاھىشى، خىتايدا دېموكراتىيەنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىغا، خىتايدىكى ئۇيغۇر، تىبەت، موڭغۇل قاتارلىق ئۆز ئەركىنلىكى ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقان مىللەتلەرنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلىشىگە ئېغىر توسالغۇ بولىدىكەن. بۇنىڭغا پۈتۈن دۇنيا جىددىي مۇئامىلە قىلىشى كېرەك ئىكەن.