نورۋېگىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ «ئوسلو ئەركىنلىك مۇنبىرى» يىغىنى توغرىسىدىكى ئىنكاسلىرى

0:00 / 0:00

«ئوسلو ئەركىنلىك مۇنبىرى» يىغىنىدا جازا لاگېرلىرى مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ كۈچلۈك دىققەت قوزغىغان.

نورۋېگىيە پايتەختى ئوسلودا چاقىرىلغان «ئوسلو ئەركىنلىك مۇنبىرى» يىغىنىدا جازا لاگېرلىرى مەسىلىسىنىڭ كۈنتەرتىپكە ئېلىنىشى ۋە تۇنجى مۇھىم تېما بولۇپ ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى يىغىن ئەھلىنىڭ دىققىتىنى تارتقان. د ئۇ ق ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى سەمەت ئابلا ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە بۇ يىغىن خەلقئارادا تەسىرى زور بولغان كىشىلىك ھوقۇق يىغىنى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.

بۇ يىل نورۋېگىيە پايتەختى ئوسلودا چاقىرىلغان بۇ يىغىندا نورۋېگىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى خادىمىنىڭ ئېچىلىش نۇتقىدىن كېيىنلا تۇنجى بولۇپ ئۇيغۇرلار ۋە جازا لاگېرلىرى مەسىلىسىگە ئورۇن بېرىلگەن. تەكلىپكە بىنائەن ئامېرىكادىن كەلگەن ئۇيغۇر سىياسىي ئاكتىپلاردىن نۇرىي تۈركەل ئەپەندى يىغىن مۇقەددىمىسىدە جازا لاگېرلىرى ۋە ئۇنىڭ ئاقىۋىتى ھەققىدە تەسىرلىك نۇتۇق سۆزلەپ، يىغىن ئەھلىنىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى جەلپ قىلغان.

نۇرىي تۈركەل ئەپەندى سۆزىدە شەرقىي تۈركىستاندىكى جازا لاگېرلىرىدا داۋام قىلىۋاتقان ئېغىر زۇلۇملار ھەققىدە توختىلىپلا قالماي، جازا لاگېرلىرىنى تاقاش ئۈچۈن قوللىنىشقا تېگىشلىك چارە-تەدبىرلەر توغرىسىدىمۇ ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ يىغىن ئەھلىنى ئويغا سالغان. ئۇنىڭ نۇتقى ئاخىرلاشقاندا زال ئىچىدە ئالقىش سادالىرى ياڭرىغان.

نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ رەئىسى بەختىيار ئۆمەر ئەپەندىنىڭ بايان قىلىشىچە، نۇرىي تۈركەلنىڭ نورۋېگىيە مەتبۇئاتلىرىدا تارقالغان زىيارەت ئەسىرى ۋە بۇنىڭغا ماس ھالدا بۇ يىغىندا سۆزلىگەن تەسىرلىك نۇتقى ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنىڭ نورۋېگىيەدە تېخىمۇ كەڭ تونۇلۇشىغا تۈرتكە بولغان. مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ ئىدارە ھەي´ئەت ئەزاسى ئادىلجان بۇ نۆۋەتلىك «ئوسلو ئەركىنلىك مۇنبىرى» يىغىنىدا ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە تۇنجى بولۇپ يەر ئاجرىتىلغانلىقىدىن كۆپ سۆيۈنگەنلىكىنى ئىپادە قىلدى.

«ئوسلو ئەركىنلىك مۇنبىرى» يىغىنى 27-ماي باشلانغان بولۇپ، نۇرىي تۈركەل ئەپەندى بۇ يىغىندا ئۇيغۇرلار ھەم جازا لاگېرلىرى مەسىلىسىگە ئالاھىدە ئېتىبار بېرىلىشىنىڭ بۇ يىغىننىڭ قىممىتىنى ئاشۇرغان بىر نۇقتا بولغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

بۇ قېتىمقى يىغىنغا قاتناشقان نورۋېگىيەدىكى ئۇيغۇر ياشلىرىدىن بابۇر ئىبراھىم يىغىن ھەققىدە تەسىراتىنى بايان قىلغاندا، نۇري تۈركەلنىڭ نۇتقىدىن باشقا يىغىن ئەھلىگە ئوخشاشلا ئۆزىنىڭمۇ ناھايىتى ھاياجانلانغانلىقىنى تىلغا ئالدى.

«ئوسلو ئەركىنلىك مۇنبىرى» يىغىنى باشلىنىشتىن بىر كۈن بۇرۇن، يەنى 26-ماي نورۋېگىيەدىكى ئۇيغۇرلار يىغىن ئەھلىنىڭ دىققىتىنى جازا لاگېرلىرى مەسىلىسىگە تارتىش ئۈچۈن ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايراق يېپىلغان جىنازىنى چۆرىدىگەن ھالدا پارلامېنت بىناسى ئالدىدا «لاگېر قۇربانلىرى تەزىيە نامايىشى» ئۆتكۈزگەن ئىدى.