«ئوسلو تىنچلىق مۇنبىرى» دە ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان قىرغىنچىلىقلار مۇھىم تېما بولغان

ميۇنخېندىن ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەم تەييارلىدى
2024.06.06
Oslo-tenichliq-munbiri-magnitskiy-qanuni-teshebbuschisi-Bill-Browder «ئوسلو تېنىچلىق مۇنبىرى» يىغىنىدا «ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتى» نىڭ رەھبىرى رۇشەن ئابباس خانىم ماگنىتسكىي قانۇنىنىڭ تەشەببۇسچىسى بىل بروۋدېر(Bill Browder) ئەپەندى بىلەن. 2024-يىلى 3-ئىيۇن، ئوسلو.
RFA/Ekrem

نورۋېگىيە پايتەختى ئوسلودا 3-ئىيۇن باشلانغان «ئوسلو تىنچلىق مۇنبىرى» گە ھەرقايسى ئەللەردىكى بىر قىسىم پارلامېنت ئەزالىرى، دۇنيانىڭ ھەرقايسى ئەللىرىدىكى كۆپلىگەن كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ رەھبەرلىرى ۋە مۇخبىرلار تەكلىپ قىلىنىش بىلەن بىرگە، تىبەتلىكلەر، خوڭكوڭلۇقلار ۋە ئۇيغۇرلارمۇ ئۇلارنىڭ مېھمانلىرى قاتارىدىن ئورۇن ئالغان. ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن مەركىزى ۋاشىنگتوندىكى ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ رەھبىرى روشەن ئابباس، ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزىنىڭ دىرېكتورى ئابدۇلھاكىم ئىدرىس، نورۋېگىيەدە ياشاۋاتقان ياشلاردىن ئىھسان شۈكران قاتارلىقلارمۇ تەكلىپكە بىنائەن بۇ يىغىنغا قاتناشقان.

«ئوسلو تېنىچلىق مۇنبىرى» يىغىنىدا «ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتى» نىڭ رەھبىرى رۇشەن ئابباس خانىم سابىق شاھمات چېمپىيونى گارري كاسپاروۋ(Garry Kasparov) ئەپەندى بىلەن. 2024-يىلى 3-ئىيۇن، ئوسلو.
«ئوسلو تېنىچلىق مۇنبىرى» يىغىنىدا «ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتى» نىڭ رەھبىرى رۇشەن ئابباس خانىم سابىق شاھمات چېمپىيونى گارري كاسپاروۋ(Garry Kasparov) ئەپەندى بىلەن. 2024-يىلى 3-ئىيۇن، ئوسلو.
RFA/Ekrem

ناخشا-ئۇسسۇل، رەسىم كۆرگەزمىسى ۋە باشقا سەنئەت تۈرلىرىمۇ قوشۇلۇپ ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان بۇ يىغىننىڭ 3-ئىيۇندىكى دەسلەپكى مۇھاكىمە تېمىسى «خىتاينىڭ چېگرا ھالقىغان باستۇرۇشلىرى» دىن ئىبارەت بولغان. «ئوسلو تىنچلىق مۇنبىرى» بۇ تېمىنىڭ مەقسىتى ھەققىدىكى ئىزاھاتىدا: «خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ چېگرا ھالقىغان باستۇرۇشلىرىغا قارىتا دېموكراتىك دۆلەتلەردە پۇقرالارنىڭ ئەركىنلىكىنى قوغداش ۋە تەسىرگە ئۇچراۋاتقان جەمئىيەتنىڭ بەرداشلىق بېرىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىشنىڭ ئىستراتېگىيەسىنى مۇزاكىرە قىلىش» دېيىلگەن. بۇ مۇزاكىرە يىغىنىدا ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ رەھبىرى روشەن ئابباس خانىم «خىتاينىڭ دۆلەت ھالقىغان باستۇرۇشلىرىنىڭ تەسىرىگە ئەڭ قاتتىق ئۇچراۋاتقان خەلقنىڭ ئۇيغۇرلار بولغانلىقى» نى پاكىتلىرى بىلەن بايان قىلىپ ئۆتكەن. ئۇ بۈگۈن بۇ ھەقتە بىزنى بەزى مەلۇماتلار بىلەن تەمىنلىدى.

ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزىنىڭ دىرېكتورى ئابدۇلھاكىم ئىدرىس بۇ يىغىندا «خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى يوشۇرۇش يولىدىكى ساختا تەشۋىقات جېڭى بىلەن چېگرا ھالقىغان باستۇرۇش كۈرىشىنى بىرلەشتۈرۈپ، خەلقئارادا ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى پۈتۈنلەي كۆمۈپ تاشلاش ئۈچۈن جىددىي بىر سەپەرۋەرلىك قوزغاۋاتقانلىقى» نى پاكىتلىرى بىلەن ئوتتۇرىغا قويغان.

«ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتى» نىڭ رەھبىرى رۇشەن ئابباس خانىم «ئوسلو تېنىچلىق مۇنبىرى» يىغىنىدا. 2024-يىلى 3-ئىيۇن، ئوسلو.
«ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتى» نىڭ رەھبىرى رۇشەن ئابباس خانىم «ئوسلو تېنىچلىق مۇنبىرى» يىغىنىدا. 2024-يىلى 3-ئىيۇن، ئوسلو.
RFA/Ekrem

«ئوسلو تىنچلىق مۇنبىرى» دە كىشىلىك ھوقۇق فوندى تەرىپىدىن ئۇيغۇر رېژىسسورى، شائىرى تاھىر ھامۇت ئىزگىل قاتارلىق ئۈچ كىشىگە بېرىلگەن «ۋاسلاۋ خاۋېل خەلقئارا ئىجادىي ئۆكتىچىلىك مۇكاپاتى» نى تارقىتىش مۇراسىمىمۇ بولۇپ ئۆتكەن. تاھىر ھامۇت ئىزگىل يىغىنغا قاتنىشالمىغان بولسىمۇ، ئەمما ئۆزىنىڭ يۈرەك سۆزلىرى بايان قىلىنغان سىن كۆرۈنۈشى ئارقىلىق «جاۋاب» ناملىق شېئىرىنى يىغىنغا ئەۋەتكەن. سۈرگۈندىكى تىبەت ھۆكۈمىتىنىڭ سابىق باش مىنىستىرى لوبزاڭ سانگاي بۇ مۇكاپات ھەققىدە نۇتۇق سۆزلەپ، تاھىر ھامۇت ئىزگىلنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقلىرىنى پاش قىلىش يولىدا كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقلىرىغا يۇقىرى باھا بەرگەن.

مەزكۇر يىغىنغا ئىشتىراك قىلغان نورۋېگىيەدىكى ئۇيغۇر ياش ئاكتىپلىرىدىن ئىھسان شۈكرانمۇ بۇ ھەقتە ئۆز تەسىراتلىرىنى بىلدۈرۈپ ئۆتتى. ئۇنىڭ قارىشىچە، بۇنداق يىغىنلار ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتقان ئۇيغۇرلارغا نىسبەتەن تېخىمۇ كەڭ سەھىپە ئاجرىتىشى كېرەك ئىكەن.

ھەر يىلى بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلۈپ كېلىۋاتقان «ئوسلو تىنچلىق مۇنبىرى» بۈگۈن 5-ئىيۇن ئاخىرلىشىدىغان بولۇپ، بۇ يىغىندا ئۇيغۇرلار مەسىلىسى بىلەن بىرگە، شىمالىي كورېيە، تىبەت، خوڭكوڭ مەسىلىلىرى ھەمدە يەنە باشقا كۆپلىگەن خەلقئارالىق مەسىلىلەرمۇ مۇزاكىرە تېمىسى بولغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.